باش بەت > ئائىلە > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! ئاللاھ ياردەمچىڭىز بولسۇن، ئاللاھ سىزگە ۋە بالىڭىزغا بەخت – سائادەت ئاتا قىلسۇن. سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، سوئالىڭىز جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ سوراشقا ئېھتىياج ھېس قىلغان ياكى سوراپ قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمەيۋاتقان سوئال بولغانلىقى ئۈچۈن، جاۋاب بىرئاز ئۇزۇنراق بولىدۇ. بېرىلگەن جاۋاب سىزنىڭ ئورنىڭىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كاللىسىدىكى سوئاللارغىمۇ جاۋاب بولغۇسى ئىنشائاللاھ!

جاۋاب:

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «… ئەگەر سىلەر ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، خوتۇننىڭ مال بېرىپ ئۆزىنى ئېرىنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇشىدا ھەر ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ…» (بەقەرە سۈرىسى 229 – ئايىتىنىڭ بىر قىسمىنىڭ تەرجىمىسى).

بۇ ئايەتنىڭ «… ئەگەر سىلەر ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار،» دېگەن قىسمىدىكى «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىرى» ئايالنىڭ، ئېرىنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرى بىلەن ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.

يەنى ئەر ئەرلىكىنى قىلمىسا ياكى ئايال ئاياللىقىنى قىلمىسا ۋە بۇنى ئىككى تەرەپتىن سايلانغان ھەققانىي كىشىلەر ئىسپاتلىسا، بۇ تەقدىردە ئايالغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ياكى مۇناسىۋەتلىك مۇئەسسەسە تەرىپىدىن «مال بېرىپ ئۆزىنى ئېرىنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش» ھوقۇقى بېرىلىدۇ. بۇ مالنى بەرگەنلىك ئۈچۈن ئايالغا، ئالغانلىق ئۈچۈن ئەرگە ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ.

بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، نىكاھىنىڭ يەنى ئەر – خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ داۋاملاشمايدىغانلىقىدىن قورققان بىر ئايال، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ياكى يۇرت چوڭلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. بۇلار نىسا سۈرىسىنىڭ 35 – ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، مەزكۇر ئەر – خوتۇننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بەلگىلەيدۇ.

بۇ ئىككى ھەققانىي كىشى ئەھۋالنى ئېنىقلاپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ياكى يۇرت چوڭلىرىغا مەلۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەگەر بۇلارمۇ، ئۇ ئىككى ئەر – خوتۇننىڭ نىكاھىنىڭ داۋاملاشمايدىغانلىقىدىن قورقسا، ئايالغا ئىفتىدا (يەنى ئېرىدىن ئالغان تويلۇق ۋە ھەدىيىلەرنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ بىرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش) ھوقۇقى بېرىدۇ.

ئايالنىڭ ئېرى تەرەپكە بېرىدىغان مېلى ئالغان تويلۇق ۋە ھەدىيىلەردىن ئارتۇق بولۇشى توغرا ئەمەس، ھەممىسى ياكى مەلۇم بىر مىقدارى بولۇشى كېرەك. بۇنى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن (مەسىلەن: مەھكىمە)، ياكى يۇرت چوڭلىرى ۋە ياكى ئۇ ئىككى ھەققانىي كىشى بەلگىلەيدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئايال بەلگىلەنگەن مىقداردىكى نەرسىنى ئېرى تەرەپكە تۆلىسە، بۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن نىكاھى بىكار قىلىنغان بولىدۇ ۋە ئىددەت باشلىنىدۇ. ئېرىنىڭ تالاق قىلىشىغا ھاجەت قالمايدۇ. ئارقىسىدىن مۇناسىۋەتلىك ئىدارىغا ئىلتىماس قىلىپ نىكاھنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى رەسمىيلەشتۈرۈشى يەنى ئاجرىشىش گۇۋاھنامىسى ئېلىشى تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئېرىدىن ئاجراشقانلىقىنى ئىش بېشىدىكىلەرگە ۋە يۇرت – جامائەتكە ئېلان قىلىشى لازىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا ۋە ھەزرەتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك زامانىدا بۇ ئىشقا مىسال بولىدىغان مۇنداق ئىككى ھادىسە بولغان:

1 – سەھلىل ئەنسارىينىڭ قىزى ھەبىبە، سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى شەمماسنىڭ نىكاھىدا ئىدى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىغا چىقىۋېتىپ ھەبىبىنى ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ئۇچراتتى ۋە ئۇنىڭدىن: «كىم بۇ؟» دەپ سورىدى، ئايال: «مەن سەھلنىڭ قىزى ھەبىبە، يارەسۇلەللاھ!» دەپ جاۋاب بەردى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالغا: «نېمە بولدى؟» دېدى. ئايال: «بىز بولالمىدۇق!» دېدى. ئايالنىڭ ئېرى سابىت كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مانا بۇ ھەبىبە! ئاللاھ خالىغاننى سۆزلىدى» دېدى. ئارقىسىدىن ھەبىبە: «يا رەسۇلەللاھ! بۇنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى بار» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سابىتقا: «ئۇنىڭدىن ئۇ نەرسىلەرنى ئال» دېدى. شۇنىڭ بىلەن سابىت ئايالى ھەبىبىگە بەرگەن نەرسىلىرىنى ئالدى ۋە ھەبىبە ئائىلىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. (مۇۋەتتا، تالاق 11).

ھەبىبىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئېرىم سابىتقا ئۆچ بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ياشاشقا تاقەت قىلالمايۋاتىمەن» دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ. (ئىبنى ماجە، تالاق 22).

باشقا بىر رىۋايەتتە بۇ ھادىسە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: سەھلنىڭ قىزى ھەبىبە، سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى شەمماسنىڭ نىكاھىدا ئىدى. سابىت سەتراق ئادەم ئىدى. ھەبىبە رەسۇلۇللاھقا: «يارەسۇلەللاھ! ئەگەر ئاللاھدىن قورقمىسام، يېنىغا كىرگەندە يۈزىگە تۈكۈرەتتىم» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا ساڭا بەرگەن باغچىسىنى قايتۇرۇپ بېرەمسەن؟» دېدى. ئۇ: «قايتۇرۇپ بېرەي» دېدى ۋە قايتۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئايرىۋەتتى. (ئىبنى ماجە، تالاق 22).

يەنە بىر رىۋايەتتە ھەبىبىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قوشنا ئىكەنلىكى، سابىتنىڭ ھەبىبىنى ئۇرىدىغانلىقى، سابىتنىڭ قوپال بىر ئادەم ئىكەنلىكى، ھەبىبىنىڭ سابىتنى يامان كۆرىدىغانلىقى، سابىتنىڭ ھەبىبىنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. (دارىمىي، تالاق 7؛ ئىبنى سەئد 8/326؛ تەپسىرى قۇرتۇبى 3/92).

بۇ ھادىسە يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق زىكىر قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەبىبىگە: «ئۇنىڭغا ساڭا بەرگەن باغچىسىنى قايتۇرۇپ بېرەمسەن؟» دېگەن ئىدى، ئۇ: «قايتۇرۇپ بېرەي، ھەتتا ئۈستەكمۇ بېرەي» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈستەك بېرىشكە بولمايدۇ، باغچىسىنىلا بەرگىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەبىبە ئېرى (تويلۇق قىلىپ) بەرگەن باغچىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قايتۇرۇپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سابىت ئۈچۈن باغچىنى ئالدى ۋە ئايالنى يولغا سېلىپ قويدى. كېيىن بۇ خەۋەر سابىتقا يەتكەن ئىدى، ئۇ: «رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلدىم» دېدى. (نەيلۇل ئەۋتار 6/277).

2 – بىر ئايال ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئېرى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى. ھەزرەت ئۆمەر بۇ ئايالنى ئىچىدە ئەخلەت – چاۋار بار بىر ئۆيدە تۇرۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئايال ئۇ ئۆيدە بىر كېچە قالدى. ئەتىسى ئەتىگەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئادەم ئەۋەتىپ ئايالنى چاقىرىتىپ كەلدى ۋە: «بۇ كېچىنىڭ قانداق ئۆتكۈزدىڭىز؟» دەپ سورىدى. ئايال: «بۇنداق خۇشال بىر كېچە ئۆتكۈزمىگەن ئىدىم» دەپ جاۋاب بەردى.

شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالدىن ئېرى توغرۇلۇق سورىدى. ئايال ئاۋۋال ئېرىنى ماختىدى، ئارقىسىدىن: «ئۇ بارغۇ، ئۇ! لېكىن قولۇمدىن باشقا بىر ئىش كەلمەيۋاتىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئايالغا ئېرىگە پىدىيە بېرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدا رۇخسەت بەردى. (ئەلمۇدەۋۋەنەتۇل كۇبرا 2/341)

بۇ ئىككى ھادىسىگە قارايدىغان بولساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسۇن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئۇ ئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە ئۆچ بولۇپ قالغانلىقلىرىنىڭ سەۋەبلىرىنى سورىمىغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەبىبە بىلەن سابىتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەھۋالنى بىلەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەبىبىنىڭ ئەرز قىلىپ كېلىشى بىلەن، ھېچ تەكشۈرمەيلا مەسىلە توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.

ھەزرەت ئۆمەر ئايالنىڭ ئېرى بىلەن ئەر – خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئايالنى ھېلىقى سېسىق ئۆيگە سولاپ قويغان.

ھەزرەت ئۆمەر ئايالنىڭ بىر كېچىنى ئۇ ئۆيدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن دېگەن سۆزىگە قاراپ، بۇ ئايالنىڭ ئېرى بىلەن ئەر – خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ۋە مەزكۇر ھۆكمىنى (ئېرىگە بىر نەرسە بېرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى ھۆكمىنى) چىقارغان.

خۇلاسە

يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنلىرىغا ئاساسەن بىر ئايال ئېرى بىلەن ئارىسىدىكى ئەر – خوتۇنلۇق ھەقلىرىگە رىئايە قىلىنماسلىقدىن قورقسا، ئەھۋالنى يۇرت چوڭلىرىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ. يۇرت چوڭلىرى ئەرنىڭ تەرىپىدىن بىر ھەققانىي كىشى، ئايالنىڭ تەرىپىدىن بىر ھەققانىي كىشى بەلگىلەيدۇ. بۇ ئىككى كىشى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىدۇ.

ئەگەر ئۇلارمۇ بۇ ئەر – خوتۇنلارنىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقسا، ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە (يۇرت چوڭلىرىغا) مەلۇم قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئايالغا، ئەردىن ئالغان تويلۇقنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش ھوقۇقى بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۇلار بەلگىلەپ بەرگەن مىقداردىكى نەرسىنى ئېرى تەرەپكە تۆلەيدۇ. بۇ نەرسىنى تۆلەش بىلەن نىكاھ بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئاندىن ئايال مۇناسىۋەتلىك مۇئەسسەگە ئىلتىماس قىلىپ ئىشىنى رەسمىيىلەشتۈرسە بولىدۇ.

ئەر – خوتۇنلۇق ھەقلەرگە رىئايە قىلىنماسلىقىدىن قورقۇش، ئايالغا ئىفتىدا (يەنى ئېرى تەرەپكە، ئالغان تولۇقنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش) ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشىگە سەۋەب بولغان يەردە، ئەرنىڭ ئايالىغا نەپىقە بەرمەسلىك، ئايالىغا زىيان يەتكۈزۈش، ئايالىنى تاشلىۋېتىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن ئەر – خوتۇنلۇق ھەقلىرىگە رىئايە قىلماسلىقى ئەلۋەتتە ئايال كىشىگە تالىقىنى تەلەپ قىلىشىغا ياكى يۇقىرىدىكى شەكىلدە (پىدىيە تۆلەش ئارقىلىق نىكاھنى بۇزۇش يولى بىلەن) ئېرىدىن ئاجرىشىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ