باش بەت > پەتىۋالار > ئايال > مەھرەم ۋە نامەھرەم  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرىمۇ؟

قۇرئان كەرىمدە ئاياللارنىڭ سەپەر قىلىشى ئۈچۈن مەھرەم شەرتى يوق. لېكىن بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرقلىق يوليورۇقلىرى بار. مەسىلەن:

 بەزى ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللارنى بىر كېچە–كۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشتىن توسقانلىقى بايان قىلىنسا، بەزى ھەدىسلەردە ئىككى كېچە–كۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمىسز چىقىشتىن توسقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. يەنە بەزى ھەدىسلەردە ئۈچ–كېچە كۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشتىن توسقانلىقى رىۋايەت قىلىنسا، بەزى ھەدىسلەردە مەھرەمسىز سەپەرگە چىقىشتىن مۇتلەق (يەنى ھېچ ۋاقىتقا باغلىق بولماستىن) توسقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ھەدىسلىرىدە ئاياللار يالغۇز سەپەرگە چىقالايدىغان بىر زامانلارنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ۋە ساھابىلەرنىڭ تەتبىقاتى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، ئاندىن بىر خۇلاسە چىقىرىلىدۇ:

ئا – بىر كېچە – كۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەم شەرت قىلىدىغان ھەدىسلەر:

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ، بىر كېچە–كۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشى ھالال ئەمەس[1]».

ئە – ئىككى كۈندۈزلۈك سەرپەگە مەھرەم شەرت قىلىدىغان ھەدىسلەر:

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى ئىككى كۈنلۈك سەپەرگە، يېنىدا ئېرى ياكى مەھرىمى بولمىسا چىقمىسۇن[2]».

ب – ئۈچ كۈنلۈك سەپەرگە مەھرەم شەرت قىلدىغان ھەدىسلەر:

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ ئۈچ كۈنلۈك ۋە ئۈچ كۈنلۈكتىن ئارتۇق سەپەرگە، يېنىدا دادىسى ياكى ئوغلى ياكى ئېرى ياكى ئەر بىر تۇغقىنى ۋە ياكى ئۆزىگە مەھرەم كېلىدىغان بىر تۇغقىنى بولماستىن چىقمىسۇن[3]».

پ – ھەر قانداق سەپەرگە مەھرەم شەرت قىلىدىغان ھەدىسلەر:

ئىبىنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇتبە ئوقۇۋېتىپ: «ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەرگە چىقمىسۇن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم[4].

ت – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىشارىتى:

ئەدى ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدىم. بىر ئادەم كەلدى ۋە پېقىرلىقتىن دەرد تۆكتى. بۇ ئەسنادا يەنە بىر ئادەم كېلىپ يولدىكى بۇلاڭ–تالاڭلاردىن دەرد تۆكتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا قاراپ: «ئى ئەدى! سەن ھىرە شەھىرىنى كۆردۈڭمۇ؟» دېدى. مەن: ياق، كۆرمىدىم، لېكىن ئاڭلىدىم، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:

«ئەگەر ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسا، تۆگىسىنى مىنگەن بىر ئايال ھىرەدىن[5] يولغا چىقىپ، مەككىگە كېلىپ كەبىنى تاۋاف قىلغانلىقىنى چوقۇم كۆرىسەن. ئۇ، بۇ يولۇچىلىقىدا ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ».

ئەدى مۇنداق دەيدۇ: ئىچىمدە، شەھەرلەرگە ئوت قويۇۋاتقان تەي قەبىلىسىنىڭ قاراقچىلىرى قەيەرگە كېتىدۇ؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۆمرۈڭ بولسا، كىسرانىڭ خەزىنىلىرىنڭ فەتىھ قىلىنغانلىقىنىمۇ كۆرىسەن». كىسرا ئىبنى ھۇرمۇزمۇ؟ دەپ گەپكە ئارىلاشتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، ئىبنى ھۇرمۇز بولغان كىسرا» دەپ جاۋاب بەردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

«ئەگەر ئۆمرۈڭ ئۇزارسا، چوقۇم كۆرىسەن: كىشى ئالقىنى توشقىچە ئالتۇنىنى ياكى كۈمۈشىنى چىقىرىپ قوبۇل قىلىدىغان ئادەم ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم تاپالمايدۇ. سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر كۈنى چوقۇم ئاللاھغا مۇلاقات بولىدۇ. ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا تەرجىمان بولمايدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا: «مەن ساڭا ھەقنى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەر ئەۋەتمىدىممۇ؟» دەيدۇ. ئۇ: ‹ھەئە، ئەۋەتتىڭ› دەيدۇ.

ئاللاھ ئۇنىڭغا: «مەن ساڭا مال بەرمىدىممۇ؟ ساڭا ئىنئام قىلمىدىممۇ؟» دەيدۇ. ئۇ: ‹ھەئە، ماڭا مال بەردىڭ، ئىنئام قىلدىڭ› دەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئوڭ تەرىپىگە قارايدۇ، دوزاختىن باشقا بىر نەرسە كۆرمەيدۇ. سول تەرىپىگە قارايدۇ، دوزاختىن باشقا بىر نەرسە كۆرمەيدۇ».

ئەدى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنىمۇ ئاڭلىدىم: «يېرىم خورما بولسىمۇ سەدىقە بېرىپ دوزاختىن ساقلىنىڭلار. يېرىم خورما تاپالمىغانلار چىرايلىق سۆز بىلەن ساقلانسۇن».

ئەدى يەنە مۇنداق دەيدۇ: مەن تۆگىسىگە مېنىپ ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمىغان ھالدا ھىرەدىن كېلىپ بەيتۇللاھنى تاۋاف قىلغان ئايالنى كۆردۈم. كىسرا ئىبنى ھۇرمۇزنىڭ خەزىنىلىرىنى فەتىھ قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ بار ئىدىم. ئەگەر سىلەرنىڭ ئۆمرۈڭلار ئۇزۇن بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرىسىلەر: «كىشى ئالقىنى توشقىچە ئالتۇنىنى ياكى كۈمۈشىنى چىقىرىپ قوبۇل قىلىدىغان ئادەم ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم تاپالمايدۇ[6]».

ج – ساھابىلەرنىڭ تەتبىقاتى:

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا ھەجگە بېرىشلىرىغا رۇخسەت قىلغانلىقى، ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزەيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۇلارغا مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[7].

ئۆمەر، ئوسمان، ئابدۇراھمان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بۇ ئىش توغرىسىدا بىر قارارغا كېلىشكەندە ھېچبىر ساھابە بۇ ئىشقا قارشى چىقمىغان[8].

خۇلاسە  

قۇرئان كەرىمدە ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ ھاراملىقىغا دائىر بىر ئىشارەتنىڭمۇ يوقلىقى، بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەرنىڭ پەرقلىق ۋە ھەممىسىنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللار مەھرەمسىز سەپەرگە چىقايلايدىغان بىر زاماننىڭ كېلىشىدىن بىشارەت بېرىشى ۋە بۇ بىشارەتنى ئاڭلىغان ساھابىنىڭ مەزكۇر بىشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىشى، ساھابىلەرنىڭ تەتبىقاتى قاتارلىقلار شۇنىڭغا قەتئىي دالالەت قىلىدۇكى:

ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەرگە چىقىشىنىڭ ھاراملىقى سەۋەبكە باغلانغان بىر ھاراملىق بولۇپ، سەۋەب يوق بولسا ئۇ ھاراملىقمۇ يوق بولىدۇ. سەۋەب مەجۇت بولسا ئۇ ھاراملىقمۇ مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ يەردىكى سەۋەب يولنىڭ خەۋپلىك بولۇشىدۇر.

ئاللاھغا ھەمدۇسانالار بولسۇن.

[1] بۇخارى، تەقسىرۇسسالات 4؛ مۇسلىم، ھەج 419، 422؛ مۇۋەتتا، ئىستىئزان 37، ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك 2؛ تىرمىزى، رەدائ 15.

[2] بۇخارى، مۇھسەر 26، سەۋم 67؛ مۇسلىم، ھەج 74.

[3]  دارىمى، ئىستىئزان 46؛ مۇسلىم، ھەج 413 – 424؛ بۇخارى، تەقسىرۇسسالات 4، مەسجىدى مەككە 6، سەيد 26، سەۋم 67؛ ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك 2؛ تىرمىزى، رەدائ 15؛ ئبنى ماجە، مىناسىك 7؛ مۇۋەتتا، ئىستىئزان 37.

[4] بۇخارى، مۇھسەر بابۇ ھەججىننىسائ؛ مۇسلىم، ھەج بابۇ سەفەرىلمەرئەتى مەئە مەھرەمىن؛ بۇ ھەدىسنى يەنە تەبەرانى ئەلمۇئجەمۇلكەبىر ناملىق كىتابىدا، بەيھەقى شۇئەبۇلئىمان ناملىق كىتابىدا ئىبنى ھىببان ئۆزىنىڭ سەھىھىدا رىۋايەت قىلىدۇ.

[5]  ھىرە بۈگۈنكى ئىراقنىڭ نەجەف ۋە كۇفە رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرىدا بىر كەنت) – تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى 18 ـ توم، 122 ـ بەت.

[6]  بۇخارى، مەناقىب 25؛ تىرمىزى، تەفسىرۇلقۇرئان 48، باب 2.

[7] بۇخارى، كىتابۇلھەج بابۇ ھەججىننىسائ.

[8] بۇخارى، كىتابۇلھەج بابۇ ھەججىننسائ.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ