باش بەت > پەيغەمبەر > ئەقىدە  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

قۇرئان ۋە ئەنئەنىدە نەبىي – رەسۇل

نەبىي «ئاللاھ تەرىپىدىن مەرتىۋىسى كۆتۈرۈلگەن كىشى» دېگەن بولىدۇ[1]. نەبىي بولۇش ئىنساننىڭ ئىلكىدە ئەمەس، ئاللاھ بۇ مۇقامغا كەلتۈرگەن بەندىلىرىگە كىتاب ۋە ھېكمەت بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئەنئام سۈرىسىنىڭ 83- ئايىتىدە ۋە ئۇنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەردە نۇھ (ئە.س)دىن ئىيسا (ئە.س)غىچە 18 نەبىينى زىكىر قىلىدۇ[2]، ئاندىن مۇنداق دەيدۇ: «بۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى، نەسىللىرىنى ۋە قېرىنداشلىرىنىمۇ تاللىدۇق. ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق»- ئەنئام 6/87.

سانى 124 مىڭ دەپ رىۋايەت قىلىنغان[3] نەبىيلەردىن ھەر بىرى ئايەتتە ئىسمى ئۆتكەن 18 نەبىينىڭ يا ئاتىلىرىدىن يا قېرىنداشلىرىدىن ياكى نەسىللىرىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە پۈتۈن نەبىيلەرگە ئەنە شۇنداق ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ:

أُوْلَـئِكَ الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ

 «ئۇلار بىز كىتاب، ھۆكۈم ۋە نەبىيلىك بەرگەن كىشىلەردۇر»- (6-سۈرە ئەنئام، 89-ئايەت).

ئەنئەنىۋى ئىسلام چۈشەنچىسىدە پەيغەمبەرلەرگە تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇر ۋە قۇرئاندىن ئىبارەت تۆت كىتاب نازىل قىلىنغان دەيدۇ. پەيغەمبىرىمىزگە نىسبەت بېرىلگەن بىر رىۋايەتتە ئادەم (ئە.س)گە 10 سۇھۇف، شىت (ئ.س)گە 50 سۇھۇف، ئىدرىس (ئە.س)كە 30 سۇھۇف، ئىبراھىم (ئە.س)گە 10 سۇھۇف بولۇپ جەمى 100 سۇھۇفنىڭ نازىل بولغانلىقى دەۋا قىلىنىدۇ[4]. بۇنداق بولغاندا 8 نەبىيگە كىتاب بېرىلگەن بولىدۇ. ھالبۇكى، يۇقىرىدىكى ئايەتلەر پۈتۈن نەبىيلەرگە كىتاب ۋە ھۆكۈم بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتىدۇر. ئۇلارغا بېرىلگەن ھۆكۈم باشقا ئايەتلەردە ھېكمەت دەپ ئىپادىلەنگەن[5]. بۇ يەردىكى ھۆكۈم كەلىمىسىنىڭ قانداق مەنىدە كەلگەنلىكىنى مۇنۇ ئايەت ئىزاھلايدۇ:

كَانَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً فَبَعَثَ اللَّهُ النَّبِيِّينَ مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ وَأَنْزَلَ مَعَهُمُ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِيَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ فِيمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ وَمَا اخْتَلَفَ فِيهِ إِلَّا الَّذِينَ أُوتُوهُ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ فَهَدَى اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا لِمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ مِنَ الْحَقِّ بِإِذْنِهِ وَاللَّهُ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ

«ئىنسانلار بىر ئۈممەت ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا، خۇش خەۋەر بېرىدىغان ۋە ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. ئىنسانلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسۇن، دەپ ئۇ پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقنى كۆرسىتىدىغان كىتابنى نازىل قىلدى. لېكىن كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە ئوچۇق دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارىسىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن بۇ كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى[6]. ئاندىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى ئارقىلىق، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقنى مۇئمىنلارغا كۆرسەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»-(2-سۈرە بەقەرە،213-ئايەت).

كىتابقا ئاساسەن بېرىلگەن ھۆكۈم، ھېكمەت بولىدۇ.

نەبىينىڭ مەرتىۋىسىنى يۈكسەلدۈرگەن نەرسە ئۇنىڭ ئاللاھتىن ۋەھىي ئېلىشىدۇر. بىر ئايەت مۇنداق:

قُلْ إِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ يُوحَى إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَهُكُمْ إِلَهٌ وَاحِدٌ

«ئېيتقىنكى: مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنسانمەن. ماڭا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىنىدۇ»-(18-سۈرە كەھف، 110-ئايەت).

نەبىي ناھايىتى قەدىرلىكتۇر. ئاللاھ تائالا ئاخىرقى نەبىي ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

النَّبِيُّ أَوْلَى بِالْمُؤْمِنِينَ مِنْ أَنْفُسِهِمْ وَأَزْوَاجُهُ أُمَّهَاتُهُمْ

«بۇ نەبىي مۇئمىنلار ئۈچۈن ئۆز جانلىرىدىن ئەزىزدۇر. ئۇنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر»- (33-سۈرە ئەھزاب،6-ئايەت).

دەرۋەقە، ئىنسانىيەتكە ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئېلىپ كەلگەن، ئۇنى تەبلىغ قىلغان ۋە ئىجرا قىلغان كىشىدىنمۇ قەدىرلىك باشقا بىرى كىشى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزى بۇ ئۇلۇغ مەرتىۋىگە كەلتۈرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىمگە نەبىي دېمىگەن، لېكىن رەسۇل ۋە مۇرسەل دېگەن.

نەبىيلىك مەرتىۋە، رەسۇللۇق ۋەزىپىدۇر. رەسۇل ۋە مۇرسەل، ئەلچى دېمەكتۇر. رەسۇل (ئەلچى)- بىرىنىڭ سۆزىنى باشقا بىرىگە ئەينى شەكىلدە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان كىشىدۇر[7]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

فَهَلْ عَلَى الرُّسُلِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ

«رەسۇللەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغدىنلا ئىبارەتتۇر»-(16-سۈرە نەھل، 35-ئايەت).

﴿يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ وَإِن لَّمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُ ٦٧

«ئى ئەلچى! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى تەبلىغ قىلغىن. ئەگەر قىلمىساڭ ئۇ تاپشۇرغان ئەلچىلىكنى يەتكۈزمىگەن بولىسەن…» – (5 – سۈرە مائىدە، 67 – ئايەت).

ئاللاھ تائالا مىسىر پادىشاھى يۇسۇف (ئە.س)غا ئەۋەتكەن ئەلچىسىگە رەسۇل، بەلقىسمۇ سۇلەيمان (ئە.س)غا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرگە «مۇرسەلۇن»[8] دەيدۇ. مىسىر پادىشاھىنىڭ ئەلچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:    

فَلَمَّا جَاءهُ الرَّسُولُ قَالَ ارْجِعْ إِلَى رَبِّكَ فَاسْأَلْهُ مَا بَالُ النِّسْوَةِ اللاَّتِي قَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ

«پادىشاھنىڭ رەسۇلى (ئەلچىسى) يۇسۇفنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى، يۇسۇف ئۇنىڭغا: خوجايىنىڭنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن، قوللىرىنى كېسىۋالغان ھېلىقى خوتۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن، دېدى»- يۇسۇف 12/50.

بۇ ئايەتلەر ھەر رەسۇلنىڭ نەبىي بولمىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرسەتمەكتىدۇر. لېكىن بۇرۇنقى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۆزقارىشىدا ئاللاھ تەرىپىدىن يېڭى بىر كىتاب ۋە يېڭى بىر شەرىئەت بىلەن ئەۋەتىلگەن كىشى رەسۇل، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى رەسۇلنىڭ كىتابىنى ۋە شەرىئىتىنى ئۇممىتىگە تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن كىشى نەبىي دېيىلىدۇ. ئۇلارچە ھەر رەسۇل نەبىيدۇر، لېكىن ھەر نەبي رەسۇل ئەمەستۇر[9]. لېكىن تۆۋەندىكى ئايەت ئىسمائىل (ئە.س)نىڭ ھەم نەبىي ھەم رەسۇل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:   

وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِسْمَاعِيلَ إِنَّهُ كَانَ صَادِقَ الْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًا نَّبِيًّا

«بۇ كىتابتا ئىسمائىلنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بىرى ئىدى، رەسۇل ئىدى، نەبىي ئىدى»-(19-سۈرە مەريەم، 54-ئايەت).

ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئاللاھنىڭ سۆزىگە ئۆز تەرىپىدىن بىر نەرسە قوشالمايدۇ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە چىقىرالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَلَوْ تَقَوَّلَ عَلَيْنَا بَعْضَ الْأَقَاوِيلِ . لَأَخَذْنَا مِنْهُ بِالْيَمِينِ. ثُمَّ لَقَطَعْنَا مِنْهُ الْوَتِينَ . فَمَا مِنكُم مِّنْ أَحَدٍ عَنْهُ حَاجِزِينَ

«ئەگەر ئۇ بەزى سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ بىزگە چاپلىسا ئىدى، ئۇنى ئوڭ قولىدىن تۇتقان بولاتتۇق، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائورتا تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق. ھېچبىرىڭلار ئۇنى قوغدىيالمايتتىڭلار»-(69-سۈرە ھاققە،44-47-ئايەتلەر).

 ئاللاھ ئۆزىنىڭ سۆزىنى بىزگە پەقەت رەسۇللىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن رەسۇلنىڭ سۆزى ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا، رەسۇل ئاللاھنىڭ سۆزىگە ئۆز تەرىپىدىن بىر نەرسە قوشمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ھالال قىلغان نەرسە ئاللاھ قۇرئاندا ھالال دېگەن نەرسىدۇر، ئۇ ھارام قىلغان نەرسە ئاللاھ قۇرئاندا ھارام دېگەن نەرسە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الرَّسُولَ النَّبِيَّ الأُمِّيَّ الَّذِي يَجِدُونَهُ مَكْتُوبًا عِندَهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَالإِنْجِيلِ يَأْمُرُهُم بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَاهُمْ عَنِ الْمُنكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ

«ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى رەسۇلگە (ئەلچىگە)، يەنى ئۆزلىرىنىڭ يېنىدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆرىدىغان ئۇممىي پەيغەمبەرگە ئەگىشىدۇ. ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ»-(7-سۈرە ئەئراف،157-ئايەت).

نەبىيلىك ئۇنۋاندۇر: نەبىي 24 سائەت نەبىيدۇر، لېكىن 24 سائەت رەسۇل ئەمەستۇر. ئايەتلەرنى تەبلىغ قىلغاندا ئاللاھ تائالا نېمە نازىل قىلغان بولسا شۇنى تەبلىغ قىلىدۇ، بىرە خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ. بىراق ئايەتلەردىن ھۆكۈم چىقارغاندا ۋە ئۇلارنى ئىجرا قىلغاندا خاتالىق سادىر قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئىجرا قىلىش تەبلىغدىن پەرقلىقتۇر. ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەردە «رەسۇل» كەلىمىسى ئىشلىتىلمەيدۇ. مەسىلەن: بەدىر ئەسىرلىرى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن:

مَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَنْ يَكُونَ لَهُ أَسْرَى حَتَّى يُثْخِنَ فِي الْأَرْضِ تُرِيدُونَ عَرَضَ الدُّنْيَا وَاللَّهُ يُرِيدُ الْآخِرَةَ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ . لَوْلَا كِتَابٌ مِنَ اللَّهِ سَبَقَ لَمَسَّكُمْ فِيمَا أَخَذْتُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ

«ھېچبىر نەبىينىڭ ئۇرۇشتا دۈشمىنىنى يېڭىپ قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئەسىر ئېلىش ھەققى يوق. سىلەر دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىسىلەر. ئاللاھ ئاخىرەتنى ئىرادە قىلىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئاللاھنىڭ بۇرۇن يازغان بىر ھۆكمى بولمىسا ئىدى[10]، ئالغان پىديەڭلەر تۈپەيلىدىن ئەلۋەتتە چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار»- ئەنفال 8/67-68.

پۈتۈن بۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرنىڭ نەبىيلىك سۈپىتى بىلەن قىلغان ئىشلىرى ئۇنىڭ شەخسىي ئىشلىرى بولغانلىقى، بۇ سۈپەت بىلەن ئۇنىڭ بىر نەرسىنى ھارام قىلالمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكَ تَبْتَغِي مَرْضَاتَ أَزْوَاجِكَ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ.

«ئى نەبىي! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى دەپ ھارام قىلىسەن؟ ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- تەھرىم 66/1.

بۇ سەۋەبتىن قۇرئاندا نەبىيگە ئىتائەت قىلىشنى ئەمىر قىلىدىغان ئايەت يوق. ئۇنداق بولىدىغان بولسا نەبىي ئاللاھ بىلەن ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىغا كىرەتتى، ئىنسانلارنى ئۆزىگە چاقىراتتى ۋە شېرىك قۇرۇلمىسى مەيدانغا كېلەتتى. ئۇنداقتا ئىتائەت نەبىيگە ئەمەس، ئۇنىڭ رەسۇللۇق سۈپىتى بىلەن تەبلىغ قىلىپ، ئىجرا قىلغان ئايەتلەرگە بولغان بولىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆزلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىتائەت ئاللاھقا ئىتائەت بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

مَنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ

«كىم رەسۇلغا ئىتائەت قىلسا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ»- نىسا 44/80.

نەبىي بىلەن رەسۇل ئارىسىدىكى بۇ مۇھىم پەرققە دىققەت قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن سۈننەت چۈشىنىلمىگەن، كىتاب،سۈننەت مۇناسىۋىتى توغرا ئورنىتىلمىغان. بۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان ئالىملار مۇھەممەد (ئە.س)نى ئاللاھنىڭ يېنىدا ئىككىنچى شارىئ، شەرئىي قانۇن قويۇشتا ئىككىنچى ھوقۇقلۇق زات ھېسابلىغان، شۇنداقلا تەڭپۇڭلۇقلارنى بۇزغان. بۇ مەسىلە «كىتاب ۋە ھېكمەت» ناملىق ماقالىمىزدە تەتقىق قىلىنغان.

ئۆزلىرى ۋەھىي ئالمىغان تۇرۇپ نەبىيگە نازىل بولغان كىتابنى تەبلىغ قىلغان رەسۇللەرمۇ بار. بۇ بەك مۇھىم مەسىلىدۇر. تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئۇلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدۇ:

كَذَّبَتْ قَوْمُ نُوحٍ الْمُرْسَلِينَ

«نۇھنىڭ قەۋمى رەسۇللەرنى يالغانچى دېدى»- شۇئەرا 26/105.

كَذَّبَتْ عَادٌ الْمُرْسَلِينَ

«ئاد قەۋمى رەسۇللەرنى يالغانچى دېدى»- شۇئەرا 26/123.

نۇھنىڭ قەۋمىگە نۇھ (ئە.س)، ئاد قەۋمىگە ھۇد (ئە.س) پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. ئۇنداقتا ئۇ رەسۇللەر ئۇ ئىككى نەبىيگە نازىل بولغان ئايەتلەرنى تەبلىغ قىلغان مۇئمىنلاردۇر، خالاس. مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتتىن قارىغاندا تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئىيسا (ئە.س)نىڭ ئانتاكياغا ئەۋەتكەن ئەلچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر[11]:

وَاضْرِبْ لَهُمْ مَثَلًا أَصْحَابَ الْقَرْيَةِ إِذْ جَاءَهَا الْمُرْسَلُونَ (13) إِذْ أَرْسَلْنَا إِلَيْهِمُ اثْنَيْنِ فَكَذَّبُوهُمَا فَعَزَّزْنَا بِثَالِثٍ فَقَالُوا إِنَّا إِلَيْكُمْ مُرْسَلُونَ (14) قَالُوا مَا أَنْتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُنَا وَمَا أَنْزَلَ الرَّحْمَنُ مِنْ شَيْءٍ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا تَكْذِبُونَ (15) قَالُوا رَبُّنَا يَعْلَمُ إِنَّا إِلَيْكُمْ لَمُرْسَلُونَ (16) وَمَا عَلَيْنَا إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ (17)

«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا مەلۇم كەنت ئاھالىسىنىڭ ئەھۋالىنى مىسال قىلىپ بەرگىن، ئۇلارغا ئەلچىلەر كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا ئىككى كىشىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى ئەلچىنى يالغانچى دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ ئىككى ئەلچىگە ئۈچىنچى بىر ئەلچى بىلەن ياردەم بەردۇق. ئۇ ئەلچىلەر ئۇلارغا: ‹شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز› دېدى. ئۇ كەنتنىڭ ئاھالىسى ئۇ ئەلچىلەرگە: ‹سىلەر خۇددى بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانسىلەر. رەھمان ھېچبىر نەرسە نازىل قىلمىدى. سىلەر پەقەتلا يالغان سۆزلەۋاتىسىلەر› دېدى. ئەلچىلەر مۇنداق دېدى: ‹رەببىمىز بىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، روشەن تەبلىغدىنلا ئىبارەتتۇر›.»- ياسىن 36/13-17.

ئەلۋەتتە، ئەلچى بولغان ھەر كىشىنىڭ نەبىي بولۇشى شەرت ئەمەس. ئىنسانى ھاياتتا نەبىي بولمىغان ئەلچىلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋالدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَمَا أَرْسَلْنَا مِن رَّسُولٍ إِلاَّ بِلِسَانِ قَوْمِهِ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ فَيُضِلُّ اللّهُ مَن يَشَاء وَيَهْدِي مَن يَشَاء وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ

«بىز ھەر رەسۇلنى ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن ئەۋەتتۇق، بۇنى ئۇ رەسۇلنىڭ ئۇ قەۋمگە بايان قىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق. ئاندىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ. خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»- ئىبراھىم 14/4.

قۇرئاننىڭ ئەرەبچە بولۇشى، ئەلچى بولغان مۇھەممەد (ئە.س)نىڭ قەۋمىنىڭ ئەرەب بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، خالاس. ئەمەلىيەتتە ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن بىر ئەلچىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا كَافَّةً لِّلنَّاسِ بَشِيرًا وَنَذِيرًا وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ.

«بىز سېنى پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- سەبەئ 34/28.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەپ تىلىدىن باشقا تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئىنسانلارنىڭ قۇرئاننى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنى ئۆز قەۋمىگە چۈشەندۈرۈشى ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىدۇر. شۇڭا قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد (ئە.س) ئۇممىتىگە مۇنۇ ئەمىرنى بەرگەن:

بَلِّغُوا عَنِّي وَلَوْ آيَةً

«مېنىڭ تەرىپىمدىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار»[12].

بۇ پۈتكۈل نەبىيلەر ئۇممىتىگە يۈكلىگەن ۋەزىپىدۇر. قۇرئان بۇ ۋەزىپىنى ھەر مۇئمىنگە يۈكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَتُبَيِّنُنَّهُ لِلنَّاسِ وَلَا تَكْتُمُونَهُ فَنَبَذُوهُ وَرَاءَ ظُهُورِهِمْ وَاشْتَرَوْا بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا فَبِئْسَ مَا يَشْتَرُونَ

«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەردىن: ‹كىتابنى ئىنسانلارغا بايان قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن ھېچبىر نەرسىنى يوشۇرماڭلار›، دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇ ئەھدىگە ۋاپا قىلماي ئۇ كىتابنى ئاز بىر پۇلغا سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئېلىم-سېتىمى نېمىدېگەن يامان!»- ئال ئىمران 3/187.

قۇرئاننى تەبلىغ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلار دۇچار بولىدىغان يامان ئاقىۋەت مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنْزَلْنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ وَالْهُدَى مِنْ بَعْدِ مَا بَيَّنَّاهُ لِلنَّاسِ فِي الْكِتَابِ أُولَئِكَ يَلْعَنُهُمُ اللَّهُ وَيَلْعَنُهُمُ اللَّاعِنُونَ. إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَبَيَّنُوا فَأُولَئِكَ أَتُوبُ عَلَيْهِمْ وَأَنَا التَّوَّابُ الرَّحِيمُ.

«بىز نازىل قىلغان ئوچۇق ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى، بىز ئۇلارنى كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھنىڭ لەنەت قىلىدۇ، ئۇلار لەنەت قىلغۇچىلارمۇ لەنەت قىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەن ۋە ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلار ئۇنداق بولمايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن. چۈنكى مەن تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچىمەن»- بەقەرە 2/159-160.

إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ الْكِتَابِ وَيَشْتَرُونَ بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا أُولَئِكَ مَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ إِلَّا النَّارَ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ اللَّهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ.  أُولَئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الضَّلَالَةَ بِالْهُدَى وَالْعَذَابَ بِالْمَغْفِرَةِ فَمَا أَصْبَرَهُمْ عَلَى النَّارِ.

«ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتىن بىر نەرسىنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلار بارغۇ، ئەنە شۇلار قورساقلىرىنى ئوتقا تولدۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ناھايىتى ئېغىر بىر ئازاب بار. ئەنە شۇلار زالالەتنى ھىدايەتكە، ئازابنى مەغپىرەتكە سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. ئۇلار دوزاخقا نېمىدېگەن چىداملىق-ھە!»- بەقەرە2/174.

قۇرئاننىڭ توغرا بىر شەكىلدە ھەر قەۋمنىڭ تىلغا تەرجىمە قىلىنىشى ۋە ئۇ تىلدا تەبلىغ قىلىنىشى كېرەك. بۇ ئىشنى قىلىدىغان كىشىلەر مۇھەممەد (ئە.س)نى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىشى لازىم. پەقەت بۇ چاغدىلا ئۇ قەۋمنىڭ ئاخىرقى نەبىيگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئۇ نەبىي ئېلىپ كەلگەن كىتابقا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ النَّبِيِّينَ لَمَا آتَيْتُكُمْ مِنْ كِتَابٍ وَحِكْمَةٍ ثُمَّ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَكُمْ لَتُؤْمِنُنَّ بِهِ وَلَتَنْصُرُنَّهُ قَالَ أَأَقْرَرْتُمْ وَأَخَذْتُمْ عَلَى ذَلِكُمْ إِصْرِي قَالُوا أَقْرَرْنَا قَالَ فَاشْهَدُوا وَأَنَا مَعَكُمْ مِنَ الشَّاهِدِينَ. فَمَنْ تَوَلَّى بَعْدَ ذَلِكَ فَأُولَئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ

«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن ئەھدە ئېلىپ، ‹مەن سىلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەندىن كېيىن، قولۇڭلاردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان بىر رەسۇل كەلسە، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئىمان كەلتۈرۈشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك. بۇ توغرىدا ماڭا ئەھدە بېرىپ ئېغىر يۈكۈمنى[13] ئۈستۈڭلارغا ئالدىڭلارمۇ› دېگەن ئىدى. ئۇلار: ‹ئەھدە بەردۇق› دېدى. ئاللاھ: ‹ئۇنداق بولسا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىن› دېدى. بۇنىڭدىن كېيىن كىم يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنداقلار يولدىن چىققانلار بولىدۇ»- ئال ئىمران 3/81-82.

بۇ ئايەتلەرنىڭ ئىزىنى ئىنجىل تېكىستىدە كۆرۈش ئۈچۈن ئىيسا (ئە.س)نىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە قارايلى:

«ئەمدى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئاراڭلاردىن ھېچكىم مەندىن: «نەگە كېتىسىز؟» دەپ سورىمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن، قەلبىڭلار ھەسرەت بىلەن تولدى. بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنىڭ كېتىشىم سىلەرگە پايدىلىق. كەتمىسەم، سىلەرگە ياردەمچى كەلمەيدۇ. ئەمما كەتسەم، ئۇنى سىلەرگە ئەۋەتىمەن. ئۇ كەلگەندە، بۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىگە، مېنىڭ ھەققانىيلىقىمغا ۋە ئاخىرقى زاماندىكى سوئال-سوراقنىڭ بولىدىغانلىقىغا قايىل قىلىدۇ. ئۇلار گۇناھكارئىكەنلىكىگە قايىل بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلمىدى. ئۇلار مېنىڭ ھەققانىيلىقىمغا قايىل بولىدۇ. چۈنكى، مەن ھەققانىيمەن ھەم شۇڭا ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىشقا لايىقتۇرمەن. شۇنداق قىلىپ، سىلەر مېنى كۆرەلمەيسىلەر. ئۇلار ئاخىرقى زاماندىكى سوئال-سوراقنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقىغا قايىل بولىدۇ. چۈنكى، خۇدا بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى بولغان شەيتاننى سوراققا تارتتى. سىلەرگە ئېيتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. بىراق، سىلەر ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيسىلەر. لېكىن، ھەقىقەتكە باشلىغۇچى_مۇقەددەس روھ كەلگەندە، سىلەرگە بارلىق ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ؛ ئەكسىچە، ئاتام ئىككىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزىدۇ14. ئۇ مەندە بار بولغاننى سىلەرگە يەتكۈزۈپ، مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى ئايان قىلىدۇ»- ئىنجىل يۇھاننا 16/5-15.

«ئۇ»نىڭ ئورنىغا «مۇھەممەد» كەلىمىسىنى قويۇپ ئوقۇساق مەسىلىنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىمىز.

مۇھەممەد (ئە.س) دىن كېيىن نەبىي كەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

مَّا كَانَ مُحَمَّدٌ أَبَا أَحَدٍ مِّن رِّجَالِكُمْ وَلَكِن رَّسُولَ اللَّهِ وَخَاتَمَ النَّبِيِّينَ وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا

«مۇھەممەد سىلەرنىڭ ئەرلىرىڭلاردىن بىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس. لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە نەبىيلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- ئەھزاب 33/40.

بۇنىڭدىن كېيىن كىم ئاللاھتىن ۋەھىي ئالغانلىقىنى دەۋا قىلسا ياكى بىر شەكىلدە ئۆز كىتابىنى ئاللاھنىڭ كىتابىدەك كۆرسىتىشكە تىرىشسا، ئۇنداق كىشى مۇنۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى ئىچىگە كىرىدۇ:

وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَى عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ قَالَ أُوحِيَ إِلَيَّ وَلَمْ يُوحَ إِلَيْهِ شَيْءٌ وَمَنْ قَالَ سَأُنْزِلُ مِثْلَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَلَوْ تَرَى إِذِ الظَّالِمُونَ فِي غَمَرَاتِ الْمَوْتِ وَالْمَلَائِكَةُ بَاسِطُو أَيْدِيهِمْ أَخْرِجُوا أَنْفُسَكُمُ الْيَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ الْهُونِ بِمَا كُنْتُمْ تَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ غَيْرَ الْحَقِّ وَكُنْتُمْ عَنْ آيَاتِهِ تَسْتَكْبِرُونَ

«ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە بىر نەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق: ‹ماڭا ۋەھىي قىلىندى› دېگەن ۋە: ‹مەنمۇ ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنىڭ ئوخشىشىنى نازىل قىلالايمەن› دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئى مۇھەممەد! بۇ زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا بىر كۆرسەڭ!… ئۇ چاغدا  پەرىشتىلەر ئۇلارغا قوللىرىنى سوزۇپ: ‹قېنى روھلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر. چۈنكى سىلەر ئاللاھقا ھەقسىز سۆزلەرنى قىلاتتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمەيتتىڭلار› دەيدۇ» ئەنئام 6/93.

بۈگۈن قىلىنىشى كېرەك بولغان بىرلا ئىش قۇرئاننى تەبلىغ قىلىش توغرىسىدا مۇھەممەد (ئە.س)نىڭ يولىغا كىرىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ ياشاشتۇر.

ئاپتورى : پىروفېسسور دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر

[1] نەبىي – يا «خەۋەر بەرمەك» مەنىسىدىكى «نەبەئ» سۆز تومۇرىدىن ياكى «يۈكسەلمەك» مەنىسىدىكى «نەبەۋ» سۆز تومۇرىدىن تۈرلىنىپ چىققان بولۇپ، بىرىنچىسىگە ئاساسەن نەبىي – «ئاللاھتىن خەۋەر بەرگەن كىشى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ (قاراڭ: ئەسسىھاھ ۋە لىسانۇلئەرەب، «نەبەئ»). ئىككىنچىسىگە ئاساسەن نەبىي – «مەرتىۋىسى يۈكسەلدۈرۈلگەن كىشى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ (قاراڭ: ئىسفاھانى، مۇفرەدات، «نەبىي»). ئىسفاھانى، «رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىنى «يا نەبىئەللاھ = ئى! ئاللاھنىڭ خەۋەرچىسى» دەپ چاقىرغان بىر كىشىگە: «مەن ئاللاھنىڭ نەبىئى ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئاللاھنىڭ نەبىيىدۇرمەن» دېگەن سۆزىگە ئاساسلىنىدۇ. بىزنىڭ قارىشىمىزدىمۇ توغرىسى ئىككىنچى مەنىسىدۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ نەبىيىسى ئاللاھتىن خەۋەر بەرگۈچى كىشى ئەمەس، خەۋەر بەرگۈچى بىر يەردىن ئېرىشكەن مەلۇماتنى باشقا بىر يەرگە يەتكۈزىدۇ. ئاللاھنىڭ نەبىيلىرى ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە نازىل قىلغان كىتابىنى ھەم ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە تەبلىغ قىلىدۇ، ھەم ئىجرا قىلىدۇ.

[2] ئايەتلەردىكى تەرتىپ مۇنداق: ئىبراھىم، ئىسھاق، يەقۇب، داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا، ھارۇن، نۇھ، زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا، ئىلياس، ئىسمائىل، ئەليەسەئ، يۇنۇس ۋە لۇت (ئەلەيھىسسالاملار).

3] ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل، مۇسنەد، 5 : 266.

[4] ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبىن جەرىر ئەتتەبەرى، تارىخۇلئۇمەم ۋەلمۇلۇك (بېيرۇت: 1407)، 1 : 187؛ زەمەخشەرى، كەششاف تەپسىرى، (ئەئلا سۈرىسىنىڭ تەپسىرى).

[5] ئال ئىمران 3/81.

[6] كىشى ئۆز ئەھۋالىنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا توغرىلاپ باقمىسا ئۆزىنىڭ ئازغۇن بولغانلىقى چۈشىنەلمەيدۇ. بۇنى چۈشەنگەنلەرنىڭ بەزىسى يولىنى تۈزىتىدۇ، بەزىسى بىلىپ تۇرۇپ ئازغۇنلۇق ئىچىدە قالىدۇ. بۇ ئەھۋال كىتاب نازىل قىلىنغان ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن قەۋملەردە ئىختىلاپقا سەۋەبچى بولىدۇ.

[7] رىسالەت (ئەلچىلىك) – بىر كىشىنىڭ باشقا بىر كىشىنىڭ سۆزىنى يەنە باشقا بىر كىشىگە ئەينەن يەتكۈزۈشىدۇر (مەجەللە ئوسمانىيە، 1450- ماددا). مەجەللە – ئوسمانىيە دۆلىتىدە 1868- 1876 يىللىرى ئارىسىدا تەييارلانغان، قەرزلەر، نەرسە-كېرەكلەر ۋە سوتلاش ھوقۇق ئاساسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇندۇر.

[8] نەمل 27/35.

[9] ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: رەسۇل – يېڭى بىر كىتاب ۋە يېڭى بىر شەرىئەت بىلەن بىر ئۇممەتكە ئەۋەتىلگەن زات بولۇپ، نەبىيمۇ دېيىلىدۇ، «رەسۇل، مۇرسەل» مۇ دېيىلىدۇ. يېڭى بىر كىتاب ۋە يېڭى بىر شەرىئەت بىلەن ئەۋەتىلمەي، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى بىر پەيغەمبەرنىڭ كىتابىنى ۋە شەرىئىتىنى ئۇممىتىگە تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن زات پەقەت نەبىي ياكى پەيغەمبەر دەپ ئاتىلىدۇ، رەسۇل ياكى مۇرسەل دېيىلمەيدۇ.- (ئۆمەر نەسۇھى بىلمەن، بۈيۈك ئىسلام فىقھى، ئىستانبۇل، 17- بەت، 34- پاراگراف. لىسانۇل ئەرەبدە مۇنۇ ئىپادە ئۆتىدۇ: رەسۇل خۇسۇسىي، نەبىي ئومۇمىيدۇر: ھەر رەسۇل نەبىيدۇر، لېكىن ھەر نەبىي رەسۇل ئەمەستۇر.

[10]ئاللاھ مەككە قوشۇنىنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

وَإِذْ يَعِدُكُمُ اللَّهُ إِحْدَى الطَّائِفَتَيْنِ أَنَّهَا لَكُمْ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيْرَ ذَاتِ الشَّوْكَةِ تَكُونُ لَكُمْ وَيُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُحِقَّ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَيَقْطَعَ دَابِرَ الْكَافِرِينَ (7) لِيُحِقَّ الْحَقَّ وَيُبْطِلَ الْبَاطِلَ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ (8)

«ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى گۇرۇھتىن بىرىنى، ‹ئۇ چوقۇم سىلەرنىڭ بولىدۇ› دەپ ۋەدە قىلاتتى. سىلەر قورال-ياراغسىز ۋە كۈچ-قۇۋۋەتسىز بولغىنىنىڭ سىلەرنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئۈستۈن قىلىشنى ۋە كاپىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى ئىرادە قىلاتتى. بۇ ئاللاھنىڭ گۇناھكارلار خالىمىسىمۇ ھەقنى ئۈستۈن، باتىلنى بەربات قىلىشى ئۈچۈن ئىدى»- ئەنفال 8/7-8.

[11] ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبىن جەرىر ئەتتەبەرى (310 ھ)، جامىئۇل بەيان فى تەئۋىلىل قۇرئان، تەھقىق: ئەھمەد مۇھەممەد شاكىر (1420/2000)،20 : 500.

[12] بۇخارى، ئەنبىيا 50؛ تىرمىزىي، ئىلىم 13؛ دارىمىي، مۇقەددىمە 46؛ مۇسنەد ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 3/159، 202، 214.

[13] بۇ يەردە «ئېغىر يۈك» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئىسر («إصر»)دۇر. ئىسر – بىر نەرسىنى باغلىماق ۋە زورلۇق بىلەن توسماق، دېگەن بولىدۇ. بۇ كەلىمە قۇرئاندا ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنىڭ كېيىنكى پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋەزىپىسى دېگەن مەنىدىدۇر. ئاخىرقى نەبىيگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ ئۈستىدىن بۇ يۈك ئېلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتنىڭ (مەنىسى) مۇنداق:«ئۇلار ئەلچىگە، يەنى ئۆزلىرىنىڭ يېنىدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆرىدىغان ئۇممىي پەيغەمبەرگە ئەگىشىدۇ. ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى ۋە ئۈستىلىرىدىكى تاقاقلارنى ئېلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنى قوللاپ ھۆرمەتلىگەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈلگەن نۇرغا ئەگەشكەنلەر چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر»- ئەئراف 7/157.

بۇنىڭدىن كېيىن نەبىي كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن مۇھەممەد (ئە.س)نىڭ ئۇممىتىگە ئىسر يۈكى يۈكلەنمىگەن. بۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىزگە مۇنۇ دۇئانى قىلىشنى ئۆگەتكەن: «رەببىمىز! بىزگە بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش ئېغىر يۈك يۈكلىمە»- بەقەرە 2/286.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ