مۇسۇلمانلار
مۇئمىنلەر قانداق كىشىلەر؟ 1

مۇئمىنلەر قانداق كىشىلەر؟

مۇئمىنلەر قانداق كىشىلەر؟

﴿لَّكِنِ الرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ مِنْهُمْ وَالْمُؤْمِنُونَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنزِلَ مِن قَبْلِكَ وَالْمُقِيمِينَ الصَّلَاةَ وَالْمُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَالْمُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ أُولَئِكَ سَنُؤْتِيهِمْ أَجْرًا عَظِيمًا١٦٢﴾

«لېكىن ئۇلاردىن ئىلىمدە چوڭقۇرلاشقانلار ۋە مۇئمىنلار، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. خۇسۇسەن نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچىلەر، زاكاتنى بەرگۈچىلەر، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگۈچىلەر قۇرئانغا ۋە ئۇ كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. بىز ئەنە شۇلارغا يېقىندا كاتتا ئەجىر بېرىمىز» – (4 – سۈرە نىسا، 162 – ئايەت).

﴿إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ آيَاتُهُ زَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَعَلَى رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ٢ الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنفِقُونَ٣ أُولَئِكَ هُمُ الْمُؤْمِنُونَ حَقًّا لَّهُمْ دَرَجَاتٌ عِندَ رَبِّهِمْ وَمَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ٤﴾

«شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلار شۇنداق كىشىلەركى، ‹ئاللاھ› دېيىلسە قورقۇپ يۈرەكلىرى تىترەيدۇ، ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانلىرى زىيادە بولىدۇ، رەببىگىلا تەۋەككۇل قىلىدۇ. ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدۇ، بىز بەرگەن رىزىقتىن چىقىم قىلىدۇ. ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۇئمىنلاردۇر. ئۇلار ئۈچۈن رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا دەرىجىلەر، مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار» – (8 – سۈرە ئەنفال، 2 ~ 4 – ئايەتلەر).

﴿إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أُولَئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ١٥﴾

«مۇئمىنلار پەقەت، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشەنگەن ئاندىن كېيىن شۈبھىلەنمىگەن، ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغان كىشلەردۇر. ئەنە شۇلار راستچىللاردۇر» – (49 – سۈرە ھۇجۇرات، 15 – ئايەت).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر