مۇسۇلمانلار
ئاللاھنىڭ بويىقى 1

ئاللاھنىڭ بويىقى

ئاللاھنىڭ بويىقى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿صِبْغَةَ اللَّهِ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللَّهِ صِبْغَةً وَنَحْنُ لَهُ عَابِدُونَ١٣٨﴾

«بىز ئاللاھنىڭ بويىقى بىلەن بويالدۇق. بويىقى ئاللاھنىڭ بويىقىدىن ياخشى كىم بار؟ بىز ئۇنىڭغىلا چوقۇنغۇچىلارمىز» دەڭلار‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 138 – ئايەت).

«ئاللاھنىڭ بويىقى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سىبغەتەللاھ «صِبْغَةَ اللَّهِ» ئىزافەتلىك بىرىكمىدۇر. بۇ بىرىكمىنىڭ مۇزافى (ئېنقلانغۇچىسى) بولغان سىبغە «صِبْغَةَ» ھالەتنى ئىپادىلەيدىغان مەسدەر بولۇپ، مەنىسى «بويالغان ھالەت» دېگەن بولىدۇ، ياكى ئىسىم بولۇپ «بوياق» دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن «بىز ئاللاھنىڭ بويىقى بىلەن بويالدۇق» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسى: «بىزنىڭ ھالىتىمىز ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئىبارەت بولغان بوياق بىلەن بويالغان ھالەتتۇر» دېگەن بولىدۇ، ياكى «بىز ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئىبارەت بولغان بوياق بىلەن ئۆزىمىزنى بويىدۇق» دېگەن بولىدۇ. سىبغەتەللاھ «صِبْغَةَ اللَّهِ» دېگەن سۆزگە تەپسىرلەردە «ئىسلام، ئىسلام بويىقى، ھەقىقەتچىلىك، توغرا دىن، پۈتكۈل ئەلچىلەر تەبلىغ قىلغان دىن، ئاللاھ ئىنسان تەبىئىتىگە سىڭدۈرگەن پاك ھالەت، ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى، ئاللاھنىڭ دەلىلى، ئاللاھنىڭ پاكلىشى» قاتارلىق ئىستىلاھىي (تېرىم) مەنىلەر بېرىلمەكتە. بۇ سۆز زىكىر قىلىنغان ئايەت (138 – ئايەت)نى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ئىلگىرىكى ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىش كېرەك. بۇ ئايەتتىن ئىككى ئايەت ئىلگىرى (135 – ئايەتتە) ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «يەھۇدىي بولۇڭلار، توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر» دېگەن يەھۇدىيلارغا ۋە «ناسارا بولۇڭلار، توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر» دېگەن ناسارالارغا: «ياق! بىز ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگىشىمىز. ئىبراھىم ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى. مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دېيىشكە ئەمر قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتتە (136 – ئايەتتە) ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ساھابىلارنى ئاشۇ يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا مۇنداق دېيىشكە ئەمر قىلىدۇ: «ئۇلارغا مۇنداق دەڭلار: ‹بىز ئاللاھقا ۋە بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بېرىلگەن كىتابلارغا، باشقا نەبىيلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى باشقىسىدىن پەرقلىق دەپ قارىمايمىز. بىز ئاللاھقىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز›.» ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە (138 – ئايەتتە) بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ساھابىلارنى ئۇلارغا: «بىز ئاللاھنىڭ بويىقى بىلەن بويالدۇق. بويىقى ئاللاھنىڭ بويىقىدىن ياخشى كىم بار؟ بىز ئۇنىڭغىلا چوقۇنغۇچىلارمىز» دېيىشكە ئەمىر قىلىدۇ. ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ جاۋابلارنىڭ خۇلاسە مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: ئى يەھۇدىي ۋە ناسارالار! بىز توغرا دىن بولغان ئىسلام ئۈستىدىدۇرمىز، بىز ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگەشكۈچىلەرمىز. توغرا دىن پەقەتلا بۇ، ئاللاھنىڭ ھەقىقىي بويىقى بۇ. كېلىڭلار، بۇ دىنغا كىرىپ بىزگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ بويىقى بىلەن بويىلىڭلار، ئاللاھنىڭ زىننىتى بىلەن زىننەتلىنىڭلار. ھېچبىر نەرسە بۇ دىننىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. پۈتكۈل نەبىيلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنلا ھەقتۇر. يەنى ئاللاھنىڭلا رەب ۋە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىش، ئۇ بېكىتكەن ئادالەت پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىش، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈش، ئاخىرەت كۈنىگە، ئۇ كۈندە ھەر كىشىنىڭ ئەقىدە ۋە ئەمىلى توغرۇلۇق ھېسابقا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش قاتارلىق ھەقىقەتلەر تۇنجى نەبىيدىن ئاخىرقى نەبىيگىچە ھەممىسىنىڭ دىنىدۇر. «ئاللاھنىڭ بويىقى» بۇ ھەق دىنغا بويسۇنۇشتىن ياكى بۇ ھەق دىنغا بويسۇنۇش ئارقىلىق ھاسىل بولغان روھىي مۇكەممەللىكتىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھقا مانا مۇشۇ شەكىلدە ئىشىنىپ قۇلچىلىق قىلغان ئىنسان ئاللاھنىڭ ھەق دىنى بىلەن ئۆزىنى بويىغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە زىننەتلىگەن بولىدۇ. 138 – ئايەت مانا بۇ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ناسارالارنىڭ «ۋافتىز» (چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى) قىلىشىنى كىنايىلىك ئۇسلۇب بىلەن ئەيىبلەيدۇ. ناسارالار، ناسارالىقنى قوبۇل قىلغانلارنى ۋە يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىنى ئۆزلىرى مۇقەددەس دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان سېرىققا مايىل رەڭلىك بىر خىل سۇغا چۆكۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ھەقىقىي ناسارالىققا چۆكۈرگەنلىكىگە ۋە ناسارالىق بىلەن بويىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار بۇنى «ۋافتىز» (چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى) دەپ ئاتايدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتلەر ئوتتۇرىغا قويىدۇكى، بۇنداق سۈنئىي يوللار بىلەن ھەقىقىي دىندارلىققا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. مۇئمىنلىق ئۇنداق رەڭلىك سۇغا كىرىپ چىقىش بىلەن قولغا كەلمەيدۇ. مۇئمىنلىق ئۆزىنى «ئاللاھنىڭ بويىقى» بىلەن بوياش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ، يەنى مۇئمىنلىق ئاللاھ ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە سىڭدۈرگەن ھەق دىن بىلەن زىننەتلىنىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ.‏

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر