باش بەت > پەتىۋالار > تۈنەك كېچىلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ﺋﻪﺳﺴﻪﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﻣﯚﮬﺘﻪﺭﻩﻡ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ!

ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺷﻪﺑﺎﻥﺋﯧﻴﯩﺪﺍ (ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 8- ﺋﯧﻴﻰ) ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼﮬ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮬ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ، ﺋﺎﻣﯩﻦ!

ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14- ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ، 15- ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﯞﻩ 15- ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥﻛﯧﭽﻪ «ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ «ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ، ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ -ﻣﺎﺷﺎﻳﯩﺨﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻳﺎﻍ ﭘﯘﺭﺍﺗﺴﺎﻕ ﺋﯘ ﺭﻭﮬﻼﺭ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﺗﯩﻞ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﺎﻍ ﭘﯘﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﯘﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ، ﭘﻮﺷﻜﺎﻝ ﯞﻩ ﭼﻪﻟﭙﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ.

ئﯘ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ «ﻗﺎﺭﯨﻴﻼﺭ» ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ… ﻻﺭ «ﻗﺎﺭﺍﺧﯘﻧﯘﻡ» ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ ﺩﯗﺋﺎﺳﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻗﻪﺑﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎ ﺧﺎﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺩﯨﻤﯘ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ.

ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻪﺑﺎﻥ ﺋﯧﻴﯩﻨﯩﯔ 15 – ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ – ﺧﺎﻧﯩﻘﺎﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺩﯗﺋﺎ – ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ.

ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ – ﮬﻪﺩﯨﺲﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ.

ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻳﻮﻕ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﺎﻍ ﭘﯘﺭﯨﺘﯩﭗ ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ – ﭼﻪﻟﭙﻪﻙ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ، ﺧﺎﺩﺍ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﻮﻕ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺪﺋﻪﺕ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯗﺭ. ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻻﺯﯨﻢ.

ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯜﻧﻪﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻴﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺑﺎﺭ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ ﺑﯘﮬﻪﺩﯨﺴﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺑﯘﺧﺎﺭﯨﻴﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﺯﻩﺋﯩﭗ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ. (ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ، ﺳﯩﻴﺎﻡ 39). ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪﺩﯨﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺑﺎﺭ. (ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ، ﺋﯩﻘﺎﻣﻪﺕ 191). ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﮬﻪﺩﯨﺴﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯘ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﺋﯩﭗ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺯﻩﺋﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ، بۇ توغرىدا ﺩﻩﻟﯩﻞ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺧﯘﻻﺳﻪ

ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ: ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺨﻼﺱ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯖﻼ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺘﺘﯩﺒﺎﺋ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺘﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﯞﺍﻗﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯﻗﯘﺭﺋﺎﻥ-ﮬﻪﺩﯨﺴﺘﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﯨﻨﺪﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺨﻼﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯘ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺩﯨﻨﺪﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰﺋﯩﺨﻼﺳﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯘ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺋﯧﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻳﻮﻕ، ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﻳﻮﻕ. ﺑﯘﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﺘﯘﺭ. ﺑﯘ ﻛﯧﭽﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﺘﯘﺭ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻥ ﯞﻩ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ. ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ