مۇسۇلمانلار
ئىسلامدىكى ئون ئاساسى پرىنسىپ 1

ئىسلامدىكى ئون ئاساسى پرىنسىپ

ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بارلىق پەيغەمبەرلەر بۇيرۇلغان ئون پرىنسىپ. بۇ پرىنسىپلار تەۋرات، ئىنجىل ۋە باشقا ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بارلىق كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغاندۇر. بۇ ئون پرىنسىپ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىدۇر. شۇڭلاشقا بۇلارنى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بىلىشى ۋە تەتبىقلىشى پەرزدۇر. بۇلار تۆۋەندىكىچە:

  1. ئاللاھنىڭ يەككە – يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشىنىڭ يوقلىقىغا ئىشىنىش
  2. ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش
  3. ھېچقانداق بىر ئىنساننى ناھەق ئۆلتۈرمەسلىك
  4. بالىلارنى بېقىشتىن قىچىپ ئۆلتۈرمەسلىك
  5. ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن زىنا – پاھىشە ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش
  6. يېتىمنىڭ مېلىنى ناھەق يەۋالماسلىق ۋە ئۇنىڭغا ئىگە بولۇش
  7. تارازا ۋە ئۆلچەكلەردە توغرا بولۇش
  8. ئەھدىگە ۋاپا قىلىش
  9. ھەرقانداق ئىشتا ئادىل بولۇش
  10. ئاللاھنىڭ يولىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تۇرۇش

  تۆۋەندىكى ئايەتلەردە بۇ پرىنسىپلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇچۇق شەكىلدە بىلدۈرۈلگەندۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُلْ تَعَالَوْا أَتْلُ مَا حَرَّمَ رَبُّكُمْ عَلَيْكُمْ أَلَّا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَلَا تَقْتُلُوا أَوْلَادَكُم مِّنْ إِمْلَاقٍ نَّحْنُ نَرْزُقُكُمْ وَإِيَّاهُمْ وَلَا تَقْرَبُوا الْفَوَاحِشَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَمَا بَطَنَ وَلَا تَقْتُلُوا النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ ذَلِكُمْ وَصَّاكُم بِهِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ١٥١وَلَا تَقْرَبُوا مَالَ الْيَتِيمِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ حَتَّى يَبْلُغَ أَشُدَّهُ وَأَوْفُوا الْكَيْلَ وَالْمِيزَانَ بِالْقِسْطِ لَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا وَإِذَا قُلْتُمْ فَاعْدِلُوا وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَى وَبِعَهْدِ اللَّهِ أَوْفُوا ذَلِكُمْ وَصَّاكُم بِهِ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ١٥٢وَأَنَّ هَذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ وَلَا تَتَّبِعُوا السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَن سَبِيلِهِ ذَلِكُمْ وَصَّاكُم بِهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ١٥٣﴾

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «كېلىڭلار، رەببىڭلار سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ئوقۇپ بېرەي: ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار، ئاتا  – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، كەمبەغەللىك سەۋەبىدىن بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز سىلەرگە ۋە ئۇلارغا رىزىق بېرىمىز. قەبىھ ئىشلارنىڭ ئاشكارىسىغىمۇ، يوشۇرۇنىغىمۇ يېقىنلاشماڭلار. ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەڭلار. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر! يېتىمنىڭ مېلىغا يېقىنلاشماڭلار. لېكىن ئۇ، قىرانلىق دەۋرىگە يەتكەنگە قەدەر ئەڭ ياخشى يول بىلەن يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. كەمچەننى ۋە مىزاننى ئادىللىق بىلەن توغرا تۇتۇڭلار. بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار. ھەققىدە سۆز قىلىنىدىغان كىشى تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى، ئېسىڭلاردا تۇتقايسىلەر.  مانا بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر. ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. باشقا يوللارغا ئەگەشمەڭلار. چۈنكى ئۇ باشقا يوللار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى. تەقۋادار بولغايسىلەر».» – (6 – سۈرە ئەنئام، 151 ~ 153 – ئايەتلەر).

﴿وَقَضَى رَبُّكَ أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِندَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلاَهُمَا فَلاَ تَقُل لَّهُمَآ أُفٍّ وَلاَ تَنْهَرْهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوْلاً كَرِيمًا (23) وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُل رَّبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا (24) رَّبُّكُمْ أَعْلَمُ بِمَا فِي نُفُوسِكُمْ إِن تَكُونُواْ صَالِحِينَ فَإِنَّهُ كَانَ لِلأَوَّابِينَ غَفُورًا (25) وَآتِ ذَا الْقُرْبَى حَقَّهُ وَالْمِسْكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَلاَ تُبَذِّرْ تَبْذِيرًا (26) إِنَّ الْمُبَذِّرِينَ كَانُواْ إِخْوَانَ الشَّيَاطِينِ وَكَانَ الشَّيْطَانُ لِرَبِّهِ كَفُورًا (27) وَإِمَّا تُعْرِضَنَّ عَنْهُمُ ابْتِغَاء رَحْمَةٍ مِّن رَّبِّكَ تَرْجُوهَا فَقُل لَّهُمْ قَوْلاً مَّيْسُورًا (28) وَلاَ تَجْعَلْ يَدَكَ مَغْلُولَةً إِلَى عُنُقِكَ وَلاَ تَبْسُطْهَا كُلَّ الْبَسْطِ فَتَقْعُدَ مَلُومًا مَّحْسُورًا (29) إِنَّ رَبَّكَ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَن يَشَاء وَيَقْدِرُ إِنَّهُ كَانَ بِعِبَادِهِ خَبِيرًا بَصِيرًا (30) وَلاَ تَقْتُلُواْ أَوْلادَكُمْ خَشْيَةَ إِمْلاقٍ نَّحْنُ نَرْزُقُهُمْ وَإِيَّاكُم إنَّ قَتْلَهُمْ كَانَ خِطْءًا كَبِيرًا (31) وَلاَ تَقْرَبُواْ الزِّنَى إِنَّهُ كَانَ فَاحِشَةً وَسَاء سَبِيلاً (32) وَلاَ تَقْتُلُواْ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللّهُ إِلاَّ بِالحَقِّ وَمَن قُتِلَ مَظْلُومًا فَقَدْ جَعَلْنَا لِوَلِيِّهِ سُلْطَانًا فَلاَ يُسْرِف فِّي الْقَتْلِ إِنَّهُ كَانَ مَنْصُورًا (33) وَلاَ تَقْرَبُواْ مَالَ الْيَتِيمِ إِلاَّ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ حَتَّى يَبْلُغَ أَشُدَّهُ وَأَوْفُواْ بِالْعَهْدِ إِنَّ الْعَهْدَ كَانَ مَسْؤُولاً (34) وَأَوْفُوا الْكَيْلَ إِذا كِلْتُمْ وَزِنُواْ بِالقِسْطَاسِ الْمُسْتَقِيمِ ذَلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلاً (35) وَلاَ تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولـئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْؤُولاً (36) وَلاَ تَمْشِ فِي الأَرْضِ مَرَحًا إِنَّكَ لَن تَخْرِقَ الأَرْضَ وَلَن تَبْلُغَ الْجِبَالَ طُولاً (37) كُلُّ ذَلِكَ كَانَ سَيٍّئُهُ عِنْدَ رَبِّكَ مَكْرُوهًا (38) ذَلِكَ مِمَّا أَوْحَى إِلَيْكَ رَبُّكَ مِنَ الْحِكْمَةِ وَلاَ تَجْعَلْ مَعَ اللّهِ إِلَهًا آخَرَ فَتُلْقَى فِي جَهَنَّمَ مَلُومًا مَّدْحُورً ﴾

 «رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئاتا – ئاناڭنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئۇف!»[1] دېگەن سۆزنىمۇ قىلمىغىن. ئۇلارغا ئازار بەرمىگىن، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن. ئۇلارغا ناھايىتى مېھرىبان ۋە كەمتەر بولغىن، ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دەپ دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا – ئانام مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگەندەك سەن ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن!». رەببىڭلار ئىچىڭلاردىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر ياخشى كىشىلەر بولساڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر. تۇغقانلىرىڭنىڭ ھەققىنى بەرگىن. مىسكىنلەرنىڭمۇ، يولۇچىلارنىڭمۇ ھەققىنى بەرگىن. بۇزۇپ چاچمىغىن. شۈبھىسىزكى، بۇزۇپ چاچقۇچىلار شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر. شەيتان بولسا، رەببىگە تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر. ئەگەر سەن رەببىڭدىن ئۈمىد قىلغان رەھمەتنى ئىزدەۋاتقانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈسەڭ[2]، چىرايلىق گەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالغىن. قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن[3]، بەك قولى ئوچۇقمۇ بولمىغىن. بولمىسا مالامەتكە قالىسەن ۋە ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسەن. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ رىزىقنى خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە تار قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ بەندىلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. كەمبەغەل بولۇپ قېلىشتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش چوڭ خاتالىقتۇر. زىناغا يېقىنلاشماڭلار! چۈنكى ئۇ ناھايىتى قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر. ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەڭلار. بىز ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ئىگىسىگە ھوقۇق بەردۇق. لېكىن ئۇ كىشى قىساس ئېلىشتا ھەددىدىن ئاشمىسۇن. چۈنكى ئۇنىڭغا يېتەرلىك ياردەم قىلىنماقتىدۇر. يېتىمنىڭ مېلىغا يېقىنلاشماڭلار. لېكىن ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ئەڭ ياخشى يول بىلەن يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، چۈنكى سىلەر ئەھدىدىن سوراققا تارتىلىسىلەر. كەمچەنلىگەن چېغىڭلاردا تولۇق كەمچەنلەڭلار ۋە توغرا ئۆلچەم بىلەن ئېغىرلىق ئۆلچەڭلار. بۇ ناھايىتى خەيرلىكتۇر ۋە نەتىجە جەھەتتە بەك ياخشىدۇر. ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان نەرسىگە ئەگەشمىگىن. چۈنكى ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيىتى ۋە دىللارنىڭ ھەر بىرى ئەلۋەتتە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن. چۈنكى پۇتۇڭ زېمىننى تېشىۋېتەلمەيدۇ، بېشىڭ تاغلار بىلەن تەڭ بولالمايدۇ. يۇقىرىدا چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا يامان كۆرۈلىدىغان ئىشلاردۇر. ئەنە شۇلار رەببىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغان ھېكمەتلەردۇر. ئاللاھقا باشقا ئىلاھ تەڭ قىلمىغىن! بولمىسا مالامەت قىلىنغان ۋە قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە تاشلىنىسەن» – (17 – سۈرە ئىسرا، 23 ~ 39 – ئايەتلەر).

[1]  ئۇف دېگەن سۆز زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ.

[2] سەن رەببىڭدىن رىزىق ئۈمىد قىلىپ، ئۇ رىزىققا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان، لېكىن تېخى ئۇ رىزىققا ئېرىشەلمىگەن بىر پەيتتە ئۇلارغا ھەقلىرىنى بېرىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭ، يەنى قولۇڭ قىسقا بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئەمر قىلىنغان ھەقلىرىنى بېرەلمىسەڭ چىرايلىق گەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالغىن.

[3]  بېخىل بولمىغىن.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر