مۇسۇلمانلار
نىكاھتا ياش چەكلىمىسى بارمۇ؟ نىكاھتا شەرت نېمە؟ 1

نىكاھتا ياش چەكلىمىسى بارمۇ؟ نىكاھتا شەرت نېمە؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

سوئال:

ئىسلام دىنىمىزدا قىز-ئوغۇللارنىڭ توي قىلىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ياش قانچە ياش؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

جاۋاب:

قۇرئان نىكاھلانماقچى بولغان ئىككىلا تەرەپنىڭ بالاغەتكە يەتكەن بولۇشىنى ۋە ئەقلى يېتىلگەن بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا نىكاھتا مەلۇم بىر ياشقا يەتكەن بولۇشى شەرت قىلىنمىغان.

تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا نىكاھلىنىش ئۈچۈن بالاغەتكە يەتكەن بولۇش بىرىنچى شەرتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن نىكاھلانماقچى بولغان قىزنىڭ ياكى ئوغۇلنىڭ بالاغەتكە يېتىپ يەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش كېرەك. ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە نىكاھلانماقچى بولغان قىزنىڭ ياكى ئوغۇلنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكى ئىسپاتلانسا، بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ ئەقىل جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن يېتىلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش كېرەك. ئەگەر تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئەقىل جەھەتتىنمۇ پىشىپ يېتىلگەنلىكى ئىسپاتلانسا، ئاندىن ۋەلىيلەر ئۇنىڭ نىكاھلىنىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.

ئەقىل جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىش قۇرئان كەرىمدە رۇشد «رشد» دەپ ئاتىلىدۇ. رۇشد، ئىنساننىڭ ئەقىل جەھەتتىن تاكامۇللىشىپ ئۆز ئىشلىرىنى باشقىسىغا تايانماستىن ئۆز ئالدىغا پىلانلاپ قىلغۇدەك ھالەتكە يېتىشى دېمەكتۇر. چۈنكى ئىسلام دىنى ھەر ئىككى جىنسقا نىكاھلىنىشنى يولغا قويغان ۋە بۇنىڭغا تەشۋىق قىلىغان. بۇنىڭ نۇرغۇن ھېكمەتلىرى بار. مەسىلەن:

توي قىلغان ھەر جىنس زېھنىي چېچىلاڭغۇلۇقتىن، روھىي بىئاراملىقتىن ۋە قەلبىي ھۇزۇرسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، ئىچكى ھۇزۇر، پىكرىي مۇقىملىق ۋە روھىي ئارامچىلىق قاتارلىقلارغا ئېرىشىدۇ. ئىپپەتنى ھارامدىن، كۆزنى نامەھرەمدىن ۋە ئىنسان تۈرىنى يوق بولۇپ كېتىشتىن ساقلاشنىڭ بىردىنبىر يولى نىكاھلىنىشتۇر. بالاغەتكە يەتمىگەن، شۇنداقلا ئەقلىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىپ ئاق-قارىنى پەرق ئەتمىگەن بىر بالىنىڭ يۇقىرىدىكى ھېكمەتلەرنى چۈشىنىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئىسلام دىنى نىكاھلىنىشقا ئەنە شۇ كۆز بىلەن قارىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى، شەرتلىرىنى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەپسىلىي بايان قىلغان. نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە قارىغان ھەر كىشى بۇلارنى ئېنىق كۆرىدۇ. لېكىن بىز بۇ جاۋابىمىزدا نىكاھلىنىشنىڭ يېشى توغرىسىدىلا توختىلىمىز. چۈنكى بۇ يۇقىرىدىكى سوئالغا بېرىلگەن جاۋابتۇر.

يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك دىنىمىز ئىسلامدا نىكاھلىنىشنىڭ يېشى بەلگىلەنمىگەن، لېكىن نىكاھلىنىشقا ئىككى نەرسە شەرت قىلىنغان: بىرى بالاغەتكە يېتىش، يەنە بىرى ئەقىل جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىش. بۇلار نىكاھلانماقچى بولغانلارنىڭ ياشاۋاتقان مۇھىتى ۋە ئىقلىمىغا قارىتا بولىدۇ. چۈنكى قىزلار ئادەت كۆرۈش بىلەن، ئوغۇللار ئېھتىلام بولۇش بىلەن بالاغەتكە يېتىدۇ. قىزلارنىڭ ئادەت كۆرۈش يېشى ياشاۋاتقان مۇھىتى ۋە ئىقلىمىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. ئەقىل تېپىشمۇ شۇنداق. مەسىلەن:

بەزى يەرنىڭ قىزلىرى 12، 13 ياشلاردا ئادەت كۆرۈپ، 15، 16 ياشلاردا ئەقىل تاپىدۇ. بەزى يەرنىڭ قىزلىرى بولسا 15، 16 ياشلاردا ئادەت كۆرۈپ 18، 20 ياشلاردىمۇ ئەقلى پىشىپ يېتىلمەيدۇ. ئادەتتە 12، 13 ياشلاردا ئادەت كۆرۈپ 20، 25 ياشلاردا ئەقىل تاپىدىغان قىزلارمۇ بار. ئوغۇللارنىڭ ئېھتىلام بولۇشىمۇ شۇنداقتۇر.

ئەمدى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئۈستىدە توختىلايلى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«وَآتُوا الْيَتَامَى أَمْوَالَهُمْ وَلَا تَتَبَدَّلُوا الْخَبِيثَ بِالطَّيِّبِ وَلَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَهُمْ إِلَى أَمْوَالِكُمْ إِنَّهُ كَانَ حُوبًا كَبِيرًا (2) وَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تُقْسِطُوا فِي الْيَتَامَى فَانْكِحُوا مَا طَابَ لَكُمْ مِنَ النِّسَاءِ مَثْنَى وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تَعْدِلُوا فَوَاحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ذَلِكَ أَدْنَى أَلَّا تَعُولُوا (3) وَآتُوا النِّسَاءَ صَدُقَاتِهِنَّ نِحْلَةً فَإِنْ طِبْنَ لَكُمْ عَنْ شَيْءٍ مِنْهُ نَفْسًا فَكُلُوهُ هَنِيئًا مَرِيئًا (4) وَلَا تُؤْتُوا السُّفَهَاءَ أَمْوَالَكُمُ الَّتِي جَعَلَ اللَّهُ لَكُمْ قِيَامًا وَارْزُقُوهُمْ فِيهَا وَاكْسُوهُمْ وَقُولُوا لَهُمْ قَوْلًا مَعْرُوفًا (5) وَابْتَلُوا الْيَتَامَى حَتَّى إِذَا بَلَغُوا النِّكَاحَ فَإِنْ آنَسْتُمْ مِنْهُمْ رُشْدًا فَادْفَعُوا إِلَيْهِمْ أَمْوَالَهُمْ»

«يېتىملەرگە ماللىرىنى بېرىڭلار، ياماننى ياخشىغا تېگىشىۋالماڭلار، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىڭلارغا قوشۇپ يەۋالماڭلار. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر.

ئەگەر يېتىم قىزلارنى نىكاھىڭلارغا ئالغان تەقدىردە ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ياققان ئاياللاردىن ئىككىدىن، ئۈچتىن ۋە تۆتتىن ئېلىڭلار. ئەگەر ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىرنى ياكى قول ئاستىڭلاردىكىنى ئېلىڭلار. بۇ زۇلۇم قىلماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر.

ئاياللىرىڭلارغا تويلۇقلىرىنى كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭ بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۇنى يەڭلار. مەززىلىك ۋە سىڭىشلىق  بولسۇن.

ئاللاھ تىرىكچىلىكلارنىڭ ئاساسى قىلغان ماللىرىڭلارنى ئەقلى يېتىلمىگەن ئادەملەرگە بەرمەڭلار، ئۇ ماللار بىلەن ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار.

يېتىملەرنى سىناڭلار. ئۇلار تاكى نىكاھلىنىش چېغىغا يەتكەندە ئەگەر ئۇلاردىن ئەقىلنىڭ تاكامۇللاشقانلىقىنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا ماللىرىنى بېرىڭلار»- نىسا 4/2-6.

بۇ ئايەتلەردە ئەليەتاما «الْيَتَامَىيېتىملەر/يېتىم قىزلار» ئۈچ يەردە ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەئرىفە (ئېنىق ئىسىم) دۇر. بۇ، بۇ ئۈچ يەردىكى «يېتىملەر» نىڭ ئەينى كىشىلەرنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى بۇ ئۈچ يەردىكى «يېتىملەر/يېتىم قىزلار» ھەققىدىكى ھۆكۈملەر ئۈستىدە توختىلايلى:

ئاللاھ تائالا ئىككىنچى ئايەتتە «يېتىملەر»گە ماللىرىنى بېرىشكە ئەمر قىلدى. ئۈچىنچى ئايەتتە ئۇ «يېتىم قىزلار» بىلەن نىكاھلىنىشقا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئالتىنچى ئايەتتە ئۇ «يېتىملەر»گە ماللىرىنى بېرىش ئۈچۈن  ئۇلارنىڭ «نىكاھلىنىش چېغىغا يەتكەن ۋە ئەقىللىرىنىڭ تاكامۇللاشقان» بولۇشىنى شەرت قىلدى. بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق:

نىكاھلانماقچى بولغان «يېتىم قىزلار» ئۆزلىرى نارەسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا بىر كىشى ئامانەت سۈپىتىدە ساقلاپ بېرىۋاتقان ماللىرىنى ئۆز قولىغا تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇشى لازىم. باشقىسىنىڭ قولىدا ئامانەت سۈپىتىدە تۇرۇۋاتقان ماللىرىنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولغان «يېتىم قىزلار» نىڭ نىكاھلىنىش چېغىغا (بالاغەت يېشىغا) يەتكەن ۋە ئەقلى پېشىپ يېتىلگەن بولۇشى كېرەك. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن «يېتىم قىزلار» تۆتىنچى ئايەتتە نىسا «النَّسَاءئاياللار» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئايەت مۇنداق:

«وَآتُواْ النَّسَاء صَدُقَاتِهِنَّ نِحْلَةً فَإِن طِبْنَ لَكُمْ عَن شَيْءٍ مِّنْهُ نَفْسًا فَكُلُوهُ هَنِيئًا مَّرِيئًا»

«ئاياللىرىڭلارغا تويلۇقلىرىنى كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭ بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۇنى يەڭلار. مەززىلىك ۋە سىڭىشلىق  بولسۇن».

بۇ ئايەتتە «تويلۇقلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە سەدۇقات «صَدُقَاتِ» دۇر. سەدۇقات سەدۇقە (صدوقة)نىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، مەنىسى خوتۇننىڭ خۇسۇسىي مال-مۈلكى، دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا ئالتىنچى ئايەتتە «يېتىم قىزلار» غا ماللىرىنىڭ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بالاغەتتىن كېيىن ئەقلىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى شەرت قىلغان. دېمەك، «يېتىم قىزلار» باشقىسىدىكى ماللىرىنى ۋە تويلۇقىنى ئېلىشى ئۈچۈن «يېتىم قىز» لىقتىن چىقىپ «ئايال كىشى» دېيىلگىدەك ھالەتكە كېلىشى لازىم. بىر قىزنىڭ «ئايال كىشى» دېيىلىشى ئۈچۈن بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئەقلى تاكامۇللاشقان ياشتا بولۇشى شەرت. بۇنىڭدىن ئوغۇلنىڭمۇ «ئەر كىشى» دەپ ئاتالغۇدەك ياشتا يەنى بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئەقىل جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن بولۇشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكى چىقىدۇ. چۈنكى بۇ ئەر نىكاھىغا ئالماقچى بولغان ئايالىغا تويلۇقىنى بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭمۇ ئۆز مال-مۈلكىنى باشقۇرىدىغان ياشتا ۋە قابىلىيەتتە بولۇشى كېرەك.

 ئاللاھ تەئالا ئىككى ئايەتتە نىكاھلانماقچى بولغان ئەر-ئايالدىن ھەر بىرىگە ئىپپەتلىك بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. ئۇ ئايەتلەر مۇنداق:  

1- «… وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الَّذِينَ أُوتُواْ الْكِتَابَ مِن قَبْلِكُمْ إِذَا آتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ وَلاَ مُتَّخِذِي …»

«مۇئمىن ئاياللاردىن ئىپپەتلىك بولغان ئاياللارنى ۋە ئەھلى كىتابتىن ئىپپەتلىك بولغان ئاياللارنى تويلۇقلىرىنى بېرىپ، ئۆزۈڭلارمۇ ئىپپەتلىك بولۇش ۋە ئاشكارا-يوشۇرۇن زىنادىن ساقلىنىش شەرتى بىلەن نىكاھىڭلارغا ئېلىش سىلەرگە ھالالدۇر»- مائىدە 5/5.

2-  «الزَّانِي لَا يَنكِحُ إلَّا زَانِيَةً أَوْ مُشْرِكَةً وَالزَّانِيَةُ لَا يَنكِحُهَا إِلَّا زَانٍ أَوْ مُشْرِكٌ وَحُرِّمَ ذَلِكَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ»

«زىنا قىلغۇچى ئەر، زىنا قىلغۇچى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى ئايالدىن باشقىسىنى نىكاھىغا ئالالمايدۇ. زىنا قىلغۇچى ئايالغا كەلسەك، ئۇنى زىنا قىلغۇچى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى ئەردىن باشقىسى نىكاھىغا ئالالمايدۇ. ئۇ مۇئمىنلارغا ھارام قىلىندى»- نۇر 24/3.

بالاغەتكە يەتمىگەن ۋە ئەقىل تاپمىغان بىر بالا ئىپپەتلىك، زىنادىن يىراق، مۇشرىك، دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ. بۇمۇ نىكاھلانماقچى بولغان قىز-ئوغۇلنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ بالىغ (بالاغەتكە يەتكەن) ۋە ئاقىل (ئەقلى يېتىلگەن) بولۇشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بۇنى تۆۋەندىكى دەلىللەرمۇ تەكىتلەيدۇ:

1- «وَكَيْفَ تَأْخُذُونَهُ وَقَدْ أَفْضَى بَعْضُكُمْ إِلَى بَعْضٍ وَأَخَذْنَ مِنْكُمْ مِيثَاقًا غَلِيظًا»

«قويۇۋەتكەن ئاياللىرىڭلارغا بەرگەن تويلۇقلارنى ئۇلاردىن قانداقمۇ ئېلىۋالىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ بىر-بىرىڭلارغا قوشۇلغان ۋە ئۇلار سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا!»

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئاياللارنىڭ تويدا «تەگدىم» دەپ قوبۇل قىلىشىنى «مۇستەھكەم ئەھدە» دەپ ئاتايدۇ. نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ، پەرقلىق بىر ھېس-تۇيغۇ، باشقىچە بىر ھاياجان ۋە ئايال كىشىگە خاس بىر نازۇكلۇق بىلەن ئالىدىغان مۇشۇنداق بىر «مۇستەھكەم ئەھدە» نى بالىغ ۋە ئاقىل بولمىغان بىر قىز ئالالامدۇ؟

ئۆزىنىڭ «تەگدىم» دېيىش بىلەن بىر ئەر كىشىنىڭ خوتۇنى، باشقا ئائىلىنىڭ ئەزاسى، ھەتتا ئايرىم بىر ئۆينىڭ خانىمى ۋە بىر ئانا نامزاتى بولۇشقا قەدەم قويغانلىقىنى پەرق ئەتكۈدەك ياشتا ۋە بۇلارنى چۈشەنگۈدەك ئەقىلدە بولمىغان بىر قىزنىڭ ھېچنېمىنى ئويلىمايلا يېنىدىكى خوتۇنلارنىڭ بېقىنىنى چىمدىشى بىلەن «تەگدىم» ياكى «قوبۇل قىلدىم» دېيىشى قانداقمۇ ئۇنىڭ ئېرىدىن «مۇستەھكەم ئەھدە» ئالغانلىقى بولسۇن؟

2- «وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُمْ مَوَدَّةً وَرَحْمَةً إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ»

«ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ سىلەرگە كۆڭلۈڭلارنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭلاردىن جۈپتلەر يارىتىپ بەردى، ئاراڭلاردا مېھىر-مۇھەببەت ئورناتتى. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»- رۇم 30/21.

ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە، ئەر-خوتۇنلۇق ھاياتتىن ھايۋانلاردەك بىر-بىرىدىن ۋاقىتلىق پايدىلىنىشنى ئەمەس، ئىچكى ھۇزۇر ۋە روھى ئارامچىلىقنى مەقسەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بالىغ ۋە ئاقىل بولمىغان كىشى قارشى تەرەپكە مېھىر-مۇھەببەت ۋە نىكاھلىنىش ئارزۇسى ھېس قىلمايدۇ.

4- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىز رۇخسىتى ئېلىنماستىن ياتلىق قىلىنمىسۇن» دېگەن- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

بالىغ ۋە ئاقىل بولمىغان قىز ئۆزىنىڭ نىكاھى توغرۇلۇق رۇخسەت بېرەلمەيدۇ.

يۇقىرىدىكى دەلىللەر شۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇكى:

بىر بالا نىكاھلىنىش يېشىغا، بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئەقىل جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن چاغدا يەتكەن بولىدۇ. بۇنى شۇ بالىنىڭ ۋەلىيلىرى (ئاتا-ئانىسى، ئۇلار بولمىسا باشقا تۇغقانلىرى) سىناپ بېكىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەلىيسىز نىكاھ دۇرۇس ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«قانداقلا بىر ئايال، ۋەلىيسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئەرگە تەگسە، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر. يەنى ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر، ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر، ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر…»- (ئەبۇ داۋۇد، نىكاھ 20/2083؛ تىرمىزى، نىكاھ 14/1102؛ ئىبنى ماجە، نىكاھ 15/1879؛ مۇسنەد ئەھمەد، 6/66).

مۇۋەپپىيەت ئاللاھدىندۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر