مۇسۇلمانلار
زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى ۋە قىلىنىدىغان ئىشلار 1

زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى ۋە قىلىنىدىغان ئىشلار

زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى ۋە قىلىنىدىغان ئىشلار

1– بۇ ئون كۈننىڭ خاسىيىتىنىڭ دەلىللىرى:  

ئا- زۇلھەججە ئېيى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ بىرىدۇر.

ئە- ئاللاھ تائالا 89 – سۈرە (فەجر) نىڭ 2 – ئايىتىدە بۇ ئاينىڭ دەسلەپكى ئون كېچىسى بىلەن قەسەم قىلغان.

ب- ئاللاھ تائالانىڭ

﴿… الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا …٣﴾

«… بۈگۈن سىلەر ئۈچۈن دىنىڭلارنى كامىل قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم…‏» – (5 – سۈرە مائىدە، 3 – ئايەت) دېگەن ئايىتى بۇ ئاينىڭ 9 – كۈنى نازىل قىلىنغان ۋە بۇ كۈنى بۇ ئايەت 100 مىڭدىن ئارتۇق ساھابىنىڭ ئىچىدە ئوقۇلۇش ئارقىلىق دىنىمىزنىڭ پۈتۈن قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

پ- بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى دىنى بايرىمىمىزنىڭ بىرى بولغان قۇربان ھېيت بۇ ئاينىڭ 10 – كۈنى بولىدۇ.

2- بۇ ئون كۈندە قىلىنىدىغان ئىشلار:

قېرىنداشلار! بۇ ئون كۈن بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ياخشى پۇرسەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىپ، بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ياخشى ئىشتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئون كۈن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلىرىدىن بۇ كۈنلەردە مۇنۇ ئىشلارنى قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى چىقىدۇ:

1- بۇ كۈنلەردە، بولۇپمۇ بۇ كۈنلەرنىڭ 9 – كۈنى بولغان ئەرەپە كۈنىدە (ئەتە ھېيت نامىزى ئوقۇلىدۇ دېگەن كۈنى) روزا تۇتۇش ياخشىدۇر. لېكىن ئەرەپاتتىكى ھاجىلارنىڭ بۇ كۈنى روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن.

بۇ ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى ھېيت كۈنى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۈندە روزا تۇتۇشتىن مەنئى قىلغان.

2- كۆپلەپ نەپلە ناماز ئوقۇش، يەنى بۇ كۈنلەردە پەرز نامازلارنى ئوقۇغاندىن سىرت كۆپلەپ نەپلە ناماز ئوقۇش ياخشىدۇر.

3- تەكبىر، تەھلىل ۋە تەھمىد ئوقۇش يەنى «ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىلھەمدۇ» دېگەن زىكىرلەرنى ھەر پۇرسەتتە ئوقۇش ياخشىدۇر.

 ئۇ تەكبىر، تەھلىل ۋە تەھمىدلەرنىڭ تەرجىمىسى: «ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن».

4- ئونىنچى كۈنى قۇربانلىق قىلىش. قۇربانلىق قىلىش بۇ كۈنلەردىكى ياخشى ئىشلارنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى ھېسابلىنىدۇ.

5- ئۆزىمىزنى بىر تەكشۈرۈپ چىقىشىمىز، ئەگەر ھازىرغا قەدەر ياخشى ئىش قىلغان بولساق، ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز؛ ئەگەر يامان ئىش قىلغان بولساق، تەۋبە قىلىپ ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز كېرەك.

3- بۇ ئون كۈندە قىلىش ياخشى بولمايدىغان ئىشلار:

قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى چاچ ۋە تىرناقلىرىنى ئالماي ھېيت كۈنى قۇربانلىق قىلىپ بولۇپ، ئاندىن ئېلىشى ياخشىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى زۇلھەججە ئېيى كىرىپ قالسا تاكى قۇربانلىق قىلغانغا قەدەر، بەدىنىدىكى تۈك ۋە تىرناقلاردىن ھېچ نەرسىنى ئالمىسۇن» دېگەن مەزمۇندا بىر  ھەدىسى بار.- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر