باش بەت > ئەقىدە  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

تەۋھىد دېگەن نېمە؟

تەۋھىد ئىسلام ئېتىقادىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئاساسىدۇر. ئىسلامنىڭ ئاساسى تەۋھىد ئېتىقادىدۇر. ئىسلام نامىدىن قىلىنغان ۋە قىلىنىدىغان ھەر قانداق ئىشقا قويىلىدىغان تەلەپ تەۋھىددۇر، يەنى ئاللاھنىڭ يەككە – يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىرىنىڭ رازىلىقى كۆزلەنمەسلىكى كېرەك.   

تەۋھىد (لا ئىلەھە ئىللەللاھۇ – ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر) دېگەن بىر جۈملىگە مۇجەسسەملەنگەندۇر. بۇ جۈملە ئىسلام تېرمىنىدا كەلىمەئى تەۋھىد دېيىلىدۇ.

ئىماننىڭ ئاچقۇچى بولغان بۇ جۈملە، ئىنسان بىلەن غەيبى ئالەمنىڭ ئارىسىدىكى تىلسىمنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ جۈملىنىڭ مەنىۋى ئېغىرلىقىنى «كائىناتتىنمۇ ئېغىر توختايدۇ» دەپ چۈشەندۈرگەن.

ئاللاھنىڭ يەككە – يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان (لائىلەھە ئىللەللەھۇ) ئىپادىسى، مەنپىي ۋە مۇسبەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بىر جۈملە بولۇپ، بىرىنچى بۆلىكى (لائىلەھە) – ھېچقانداق ئىلاھ يوق، ئىككىنچى بۆلىكى (ئىللەللەھۇ) – پەقەت ئاللاھلا باردۇر دېگەن بولىدۇ. بۇ جۈملىدىكى مۇسبەت ۋە مەنپىي ئۇقۇمى كائىناتتىكى ھەر نەرسىگە مۇجەسسەملەنگەن. مەسىلەن: بۇ ئۇقۇم ئاتوم يادروسىدا نىترون ۋە پروتۇن، يۇلتۇزلار ۋە پلانىتلارغا ئوخشاش ئاسمان جىسىملىرىدە، ئۇلارنىڭ تەرتىپلىك ھەرىكىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىتتىرىش ۋە تارتىش كۈچى، دىژىتال (سان – سىفىرلىق) دۇنيادا، 0 ۋە 1 شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. يەنى مەۋجۇدىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يوقىلىشى كەلىمەئى تەۋھىدكە مۇجەسسەملەنگەن مەنپىي ۋە مۇسبەت مەنىگە باغلىقتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىنساننىڭ كەلىمەئىي تەۋھىدنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، ئۇنى قوبۇل قىلىشى، ئۆزىنىڭ كائىناتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ كائىناتتا بەلگىلەنگەن مۇسبەت ۋە مەنپىي قۇتۇپلۇق قانۇنىيەتكە بويسۇنۇشقا چاقىرىق قىلىنغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

(لائىلەھە ئىللەللەھۇ) بىلەن تەۋھىد ئەقىدىسىگە كىرگەن كىشى،  ئاللاھ بىلەن باشقا بىر ئىلاھنىڭ بار بولۇشىنىڭ ئوخشاش قۇتۇپلارنىڭ بىر يەرگە كېلىشى بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا كائىناتتىكى شەيئىلەرگە مەۋجۇدىيەتىنى ساقلاش ئۈچۈن بېرىلگەن ئۆزگەرمەس مەنە ۋە قانۇنىيەتنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ قانۇنىيەتنى بۇزۇشنىڭ زۇلۇم بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿لَوْ كَانَ فِيهِمَا آلِهَةٌ إِلَّا اللَّهُ لَفَسَدَتَا …٢٢﴾

«ئەگەر ئاسمان – زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، ھەر ئىككىلىسى بۇزۇلاتتى…‏» – (21 – سۈرە ئەنبىيا، 22 – ئايەت).

﴿ظَهَرَ الْفَسَادُ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ بِمَا كَسَبَتْ أَيْدِي النَّاسِ لِيُذِيقَهُم بَعْضَ الَّذِي عَمِلُوا لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ٤١﴾

«ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كەلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەزى قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىشى ئۈچۈن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدى» – (30 – سۈرە رۇم، 41 – ئايەت).

بۇلارنى بىلگەن ئىنسان، ئىنسانلار ئارىسىدىكى زۇلۇم ۋە ئادالەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ، بىر ئىلاھ ئېتىقادى بىلەن كۆپ ئىلاھ ئېتىقادىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولىشىنىڭ ئەسلىدە، تەۋھىدكە يېتىشنىڭ بىر قانۇنىيىتى ئىكەنلىكىنى، ئېتىقادسىزلىقنى يەر يۈزىدىن تامامەن سۈپۈرۈپ تاشلاشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىققانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ لَآمَنَ مَن فِي الْأَرْضِ كُلُّهُمْ جَمِيعًا أَفَأَنتَ تُكْرِهُ النَّاسَ حَتَّى يَكُونُوا مُؤْمِنِينَ٩٩﴾

«ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. ئۇنداقتا ئىنسانلارنى مۇئمىن بولۇشقا سەن زورلامسەن؟» – (10 – سۈرە يۈنۈس، 99 – ئايەت).   

﴿… لِكُلٍّ جَعَلْنَا مِنكُمْ شِرْعَةً وَمِنْهَاجًا وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَكِن لِّيَبْلُوَكُمْ فِي مَا آتَاكُمْ فَاسْتَبِقُوا الْخَيْرَاتِ إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ٤٨﴾

«…بىز سىلەردىن ھەر بىرىڭلار ئۈچۈن بىر شەرىئەت ۋە بىر يول بەلگىلىدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن سىلەرگە بەرگەن نەرسىسىدە سىلەرنى سىناش ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدى. ئۇنداقتا، ياخشى ئىشلاردا بەسلىشىڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ‏» – (5 – سۈرە مائىدە، 48 – ئايەت).           


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ