مۇسۇلمانلار
خەنزۇلار مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ھەقىقىي مۇسۇلمان بولالامدۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇسۇلى بويىچە دەپنە قىلىنامدۇ؟ 1

خەنزۇلار مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ھەقىقىي مۇسۇلمان بولالامدۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇسۇلى بويىچە دەپنە قىلىنامدۇ؟

خەنزۇلار مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ھەقىقىي مۇسۇلمان بولالامدۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇسۇلى بويىچە دەپنە قىلىنامدۇ؟

شۇنداق، ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى ئىكەنلىكىنى چىن قەلبىدىن ئېتىراپ قىلىپ، ئاغزىدا كەلىمەئى شاھادەتنى (ئەشھەدۇ ئەنلائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ) ئېيتسا ئىسلامغا كىرگەن بولىدۇ ۋە مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ھېچقانداق مىللەت ئايرىمى بولمايدۇ. مۇسۇلمان بولسۇن، غەيرى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى خەنزۇ، ئەرەپ، ئۇيغۇر…ۋە ياكى باشقا ھەرقانداق مىللەتتىن بولسۇن ھەر ئىنسان ئاللاھنىڭ بەندىسىدۇر. ھەر ئىنساننىڭ ئاخىرقى تىنىغىغىچە تۆۋبە قىلىش ھەققى باردۇر. ئەگەر بىر ئىنسان كەلىمەئى شاھادەتنى سۆزلەپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلسا ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىنغان بولسا شۇنداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ؛ ئەگەر ئۆلۈپ كەتسە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن نامىزى قىلىنىدۇ ۋە ئادەت بويىچە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا قويۇلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر