باش بەت > ئەقىدە > قۇرئاندا نەبىيلەر > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

يەھۇدى ۋە خىرىستىيان ئېتىقادىدىكى ئىلاھ چۈشەنچىسى بىلەن قۇرئاندىكى ئىلاھ چۈشەنچىسى ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟

يەھۇدىيلىكتە ئىنسانغا ئوخشايدىغان بىر ئىلاھ چۈشەنچىسى مەۋجۇت. يەھۇدى ئىلاھ چۈشەنچىسىدە ئىلاھ بەزىدە ئىنسانغا ئايلىنىدۇ ۋە ئىنسانى خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ.

مەسىلەن: ئىلاھ ئىنساننى ياراتقانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ (قاراڭ: تەكۋىن، 6 : 5، 7). ئىلاھ ساراھ بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ، ئۇنى ھامىلە قېلىپ قويىدۇ (قاراڭ: تەكۋىن، 21 : 1، 2)، ياقۇپ بىلەن چىلىشىدۇ (قاراڭ: تەكۋىن، 22 : 32)، ئىنسانغا كۆرۈنىدۇ (قاراڭ:تەكۋىن، 30 : 32)، ئىلاھ ھېرىپ قالىدۇ ۋە ئارام ئالىدۇ (قاراڭ: تەكۋىن، 2 : 3).

قۇرئاندا بولسا ئاللاھ مۇنداق سۈپەتلىنىدۇ:

﴿… وَمَا كَانَ رَبُّكَ نَسِيًّا٦٤﴾

«…رەببىڭ ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ‏» – (19 – سۈرە مەريەم، 64 – ئايەت).

﴿قُلۡ هُوَ ٱللَّهُ أَحَدٌ  ١ ٱللَّهُ ٱلصَّمَدُ  ٢ لَمۡ يَلِدۡ وَلَمۡ يُولَدۡ  ٣ وَلَمۡ يَكُن لَّهُۥ كُفُوًا أَحَدُۢ  ٤﴾

«ئېيتقىنكى: «رەببىم ئاللاھتۇر، بىردۇر. ئاللاھ ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل زاتتۇر. ئۇ ئاتىمۇ ئەمەستۇر، بالىمۇ ئەمەستۇر. ئۇنىڭغا ھېچكىم تەڭ ئەمەستۇر»[1]-(112 – سۈرە ئىخلاس، 1 ~ 4).

﴿اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ لَا تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلَا نَوْمٌ… ٢٥٥﴾

«ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر، دائىم تىرىكتۇر، پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى ۋە ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇنى مۈگدەكمۇ باسمايدۇ، ئۇيقۇمۇ باسمايدۇ… ‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 255 – ئايەت).

﴿… لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ وَهُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ١١﴾

«…ئاللاھقا ئوخشايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» – (42 – سۈرە شۇرا، 11 – ئايەت).

﴿لَّا تُدْرِكُهُ الْأَبْصَارُ وَهُوَ يُدْرِكُ الْأَبْصَارَ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ١٠٣﴾

«كۆزلەر ئاللاھنى ئىدراك قىلالمايدۇ. ئاللاھ كۆزلەرنى ئىدراك قىلىدۇ. ئاللاھ پۈتۈن ئىنچىكىلىكلەرنى بىلگۈچى ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى زاتتۇر!» – (6 – سۈرە ئەنئام، 103 – ئايەت).

يەھۇدىلىكتە يەھۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ «مىللى ئىلاھى»دۇر (تەكۋىن، 8 : 17). قۇرئاندا ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئىلاھىدۇر (قاراڭ: فاتىھە سۈرىسى، 1 : 2).

خىرىستىيانلىقتا ئىلاھلاشتۇرۇلغان ئىنسان چۈشەنچىسى مەۋجۇت. مىسىر، مىسىتوپىيە ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش قەدىمكى كۆپ ئىلاھلىق مەدەنىيەتلەردە مەۋجۇت بولغان كۆپ تەڭرىلىك چۈشەنچىسى بىلەن خىرىستىيانلىقتىكى كۆپ ئىلاھلىق چۈشەنچىسى ئوخشاشتۇر. خىرىستىيانلىقتىمۇ، ئادەتتىكى ئىنسانلارغا ئوخشاش ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەڭرى ئىكەنلىكى ياكى تەڭرىگە ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.

قۇرئان ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان بىر جانلىق ئىكەنلىكىنى، ئىلاھ ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن نەبىي ۋە رەسۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق خىرىستىيانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ئويدۇرغان تۆھمەتلىرىنى رەت قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  

﴿يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَا تَغْلُوا فِي دِينِكُمْ وَلَا تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ إِنَّمَا الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ رَسُولُ اللَّهِ وَكَلِمَتُهُ أَلْقَاهَا إِلَى مَرْيَمَ وَرُوحٌ مِّنْهُ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ وَلَا تَقُولُوا ثَلَاثَةٌ انتَهُوا خَيْرًا لَّكُمْ إِنَّمَا اللَّهُ إِلَهٌ وَاحِدٌ سُبْحَانَهُ أَن يَكُونَ لَهُ وَلَدٌ لَّهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَكَفَى بِاللَّهِ وَكِيلًا١٧١﴾

«ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار، ئاللاھ توغرىسىدا پەقەت ھەقنىلا سۆزلەڭلار. مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا مەسىھ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئۇ ئاللاھنىڭ مەريەمگە يەتكۈزگەن «بول» دېگەن سۆزى بىلەن بار بولغان. ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن روھتۇر. ئۇنداقتا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشىنىڭلار. «ئۈچتۇر» دېمەڭلار، بۇنداق دېيىشتىن يېنىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئاللاھ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر» – (4 – سۈرە نىسا، 171 – ئايەت).   

﴿وَإِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ أَأَنتَ قُلْتَ لِلنَّاسِ اتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَهَيْنِ مِن دُونِ اللَّهِ قَالَ سُبْحَانَكَ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أَقُولَ مَا لَيْسَ لِي بِحَقٍّ إِن كُنتُ قُلْتُهُ فَقَدْ عَلِمْتَهُ تَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِي وَلَا أَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِكَ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ١١٦﴾

«ئۇ چاغدا ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن ئىنسانلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار» دېدىڭمۇ؟ ئىيسا ئېيتىدۇ: «ياق! مەن سېنى پاك دەپ بىلىمەن. مەن ئۈچۈن توغرا بولمىغان سۆزنى ئېيتىشقا ھەددىم ئەمەس. ئەگەر ئۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىچىڭدىكىنى بىلمەيمەن. شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىسەن‏» – (5 – سۈرە مائىدە، 116 – ئايەت).     

[1] ئى مۇھەممەد! ساڭا «بىزگە رەببىڭنى سۈپەتلىگىن» دېگەنلەرگە ئېيتقىنكى: مېنىڭ رەببىم ئاللاھتۇر، يەككە – يېگانىدۇر؛ ئاللاھ ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل، ھېچ نەرسىگە موھتاج بولمايدىغان، ھەر نەرسىگە موھتاج بولىدىغان زاتتۇر؛ ئۇ ھېچكىمنىڭ ئاتىسى ۋە ھېچكىمنىڭ بالىسى ئەمەستۇر؛ ئۇنىڭ بالىسى، شېرىكى، ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى يوقتۇر (مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەر ئۈچۈن قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 255 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 2 – ۋە 26 – ئايەتلەر؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 14 -، 101 – ۋە 163 – ئايەتلەر؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 111 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 2 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 11 – ئايەت؛ 57 – سۈرە ھەدىد، 1 ~ 6 – ئايەتلەر؛ 59 – سۈرە ھەشر، 22 ~ 24 – ئايەتلەر؛ 72 – سۈرە جىن، 3 – ئايەت).


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ