مۇسۇلمانلار
ئىسلام دىنى كىمدىن باشلانغان؟ 1

ئىسلام دىنى كىمدىن باشلانغان؟

ئىسلامنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلانمىغانلىقى توغرىمۇ؟

توغرا. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىردىنبىر قوبۇل قىلىنغان دىن ئىسلامدۇر (قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 19 ۋە 85 -ئايەتلەر). ئىسلام دىنى ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللانغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىگە كەلگەن ۋەھىينى ئۇلارغا يەتكۈزۈشى ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەندۇر. يەنى ئىنسانلىق ئىسلام دىنى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تونۇشقاندۇر. پەيغەمبەرلىك ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلانغان بولغاچقا  ئىسلام دىنىمۇ ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلانغاندۇر. ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تاللىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَى آدَمَ وَنُوحًا وَآلَ إِبْرَاهِيمَ وَآلَ عِمْرَانَ عَلَى الْعَالَمِينَ٣٣﴾

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىنى ۋە ئىمراننىڭ ئائىلىسىنى تاللاپ ئالەملەردىن ئۈستۈن قىلدى» – (3 – سۈرە ئال ئىمران، 33 – ئايەت).

ئادەم ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى بولۇش بىلەن بىرگە ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن تۇنجى پەيغەمبەردۇر. ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلى مۇشۇ ئايەتتە تاللانغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلىشىدۇر.[1]

 مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلانغان نەبىيلەر زەنجىرىنىڭ ئىچىدىكى ئاخىرقى بىر ھالقىدۇر خالاس. ئۇنىڭغا ئىسلامنى ئۆگىتىدىغان ۋەھىي ۋە كىتاب بېرىلگەندەك، ئىلگىرىكى نەبىي ۋە ئەلچىلەرگىمۇ كىتاب ۋە ۋەھىي بېرىلگەندۇر. ئىنسانلار ياشىغان دەۋر ۋە جەمئىيەتكە قارىتا بەزى ئىبادەتلەردە، ھالال ۋە ھاراملاردا ئوخشاشماسلىقلار، خاس ھۆكۈملەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھەممە نەبىيلەرگە ۋەھىي قىلىنغان ئېتىقاد ئاساسلىرى قەتئىي ئۆزگەرمىگەندۇر.  

﴿إِنَّا أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ كَمَا أَوْحَيْنَا إِلَى نُوحٍ وَالنَّبِيِّينَ مِن بَعْدِهِ وَأَوْحَيْنَا إِلَى إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَعِيسَى وَأَيُّوبَ وَيُونُسَ وَهَارُونَ وَسُلَيْمَانَ وَآتَيْنَا دَاوُدَ زَبُورًا١٦٣﴾

«ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەبىيلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك ساڭا ۋەھىي قىلدۇق. بىز ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى، ئىيسا، ئەييۇب، يۇنۇس، ھارۇن ۋە سۇلەيمانلارغىمۇ ۋەھىي قىلغان ئىدۇق. بىز  داۋۇدقا زەبۇر بەرگەن ئىدۇق» – (4 – سۈرە نىسا، 163 – ئايەت).  

﴿أُولَئِكَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِم مِّنَ النَّبِيِّينَ مِن ذُرِّيَّةِ آدَمَ وَمِمَّنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ وَمِن ذُرِّيَّةِ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْرَائِيلَ وَمِمَّنْ هَدَيْنَا وَاجْتَبَيْنَا إِذَا تُتْلَى عَلَيْهِمْ آيَاتُ الرَّحْمَنِ خَرُّوا سُجَّدًا وَبُكِيًّا٥٨﴾

«ئەنە شۇلار ئاللاھ ئىنئام قىلغان نەبىيلەردۇر. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئادەمنىڭ نەسلىدىندۇر، بەزىسى بىز نۇھ بىلەن بىللە قۇتقۇزغانلارنىڭ نەسىلىدىندۇر، بەزىسى ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلنىڭ نەسلىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ھىدايەت قىلغان ۋە تاللىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا رەھماننىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا، يىغلىشىپ سەجدىگە يىقىلىدۇ.‏» – (19 – سۈرە مەريەم، 58 – ئايەت).

[1] باشقا ئىككى دەلىل تۆۋەندىكىچە: 1) ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىنى، ھەۋۋا ئانىنى ۋە ئىبلىس مەلئۇننى ھۇزۇرىدىن قوغلىۋەتكەندە ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: «… بۇنىڭدىن كېيىن مەندىن سىلەرگە ھىدايەت كېلىپ كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ» (2-سۈرە بەقەرە، 38- ئايەت). ئىبلىس قىيامەتكىچە لەنەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن (قاراڭ: 38- سۈرە ساد، 78 – ئايەت)، بۇ ھىدايەت ئۇنىڭغا ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن كەلمەيدۇ. ھەۋۋا ئانىغىمۇ كەلمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن ئەرلەرنىلا ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ (قاراڭ: 12 – سۈرە يۇسۇف، 109 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 43 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 7 – ئايەت). ئۇنداقتا ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان ھىدايەتنى ئېلىپ، ئۇنى باشتا ئۆزى ۋە ئايالى ئۈچۈن (ھەۋۋا ئانا)، كېيىنچە بالا – چاقىلىرى ئۈچۈن رەھبەر قىلىش ۋەزىپىسىگە بىرلا نامزات قالىدۇ، ئۇ بولسا ئادەم ئاتىدۇر. شۇڭا ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئادەم ئاتا ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى بولۇش بىلەن بىرگە تۇنجى پەيغەمبەردۇر. 2) 5 – سۈرە مائىدەنىڭ 27 -، 28 – ۋە 29 – ئايەتلىرىدە ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ھېكايىدە ئۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ بىرەردىن قۇربانلىق قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ (ھابىلنىڭ) يەنە بىرىگە (قابىلگە) ئېيتقان سۆزلىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ قۇربانلىق قىلىشى ۋە ھابىلنىڭ ئۇ ياخشى سۆزلەرنى قىلىشى بىر پەيغەمبەرنىڭ تەلىماتى بىلەن بولىدىغان ئىشلاردۇر‎.‎‏ «ئادەم» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە 25 قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ.‏

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر