مۇسۇلمانلار
ئىسلام نېمە؟ مۇسۇلمان كىم؟ 1

ئىسلام نېمە؟ مۇسۇلمان كىم؟

ئىسلام نېمە؟ مۇسۇلمان كىم؟

ئىسلام – ئېتىقاد سىستېمىسىنىڭ ئىسمى؛ مۇسلىم ياكى مۇسۇلمان – ئىسلام ئېتىقاد سىستېمىسىغا تەۋە كىشىگە بېرىلگەن ئىسم. يەنى، مۇسلىم ياكى مۇسۇلمان ئاڭلىق ۋە ئىختىيارى ھالدا ئاللاھقا تەسلىم بولغان كىشىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىسلام – ئاللاھقا شەرتسىز بويسۇنغان كىشىلەرنىڭ دىنى دېگەنلىك بولۇپ، «ئىسلام» ئىبارىسى ئۈچ يىلتىزدىن تۈرلەنگەن:

سىلم – تىنچلىق

 تەسلىمىيەت – ئاللاھقا شەرتسىز تەسلىم بولۇش

 سالامەت – ئەبەدىي نىجاتلىققا ئېرىشىش

 ئىسلامنى بۇ ئۈچ ئۇقۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مۇنداق چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولىدۇ:

ئىسلام – دۇنيادا تىنچلىق، ئاخىرەتتە ئەبەدىي نىجاتلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاللاھقا شەرتسىز تەسلىم بولۇش يولىدۇر.

 ئىسلام كەلىمىسىنىڭ مەنىسى تىنچلىق بولۇپ، مۇسلىم ياكى مۇسۇلمان – بۇ تىنچلىقنى ئىچىدە ۋە تېشىدا ياشىغان «تىنچلىق ئەلچىسى» دېگەنلىك بولىدۇ.

ئىسلام – ھەقىقەتنى تاپشۇرۋالغانلارنىڭ ئەمەس، ھەقىقەتكە تەسلىم بولغانلارنىڭ يولىدۇر.

ئىسلام – ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزگەرمەس قىممەتلىرىنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بارلىق توغرىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يولدۇر. ئۇ ئاللاھ ھوزۇرىدا مەقبۇل ياشاش شەكلى (ئال ئىمران، 3/19)، ئاللاھ رازى بولغان دىندۇر (مائىدە، 5/3).

ئىسلام – ئەخلاق، ئېتىقاد، ئىبادەت ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە دائىر، بەلگىلىمىلىرى بىلەن بىر پۈتۈن سىستېمىنىڭ ئىسمى بولۇپ (بەقەرە، 2/208). ھەر مۇئمىن ئىسلامنى بىر پۈتۈن ھايات شەكلى سۈپىتىدە ھاياتىغا تەدبىقلىشى كېرەك (بەقەرە، 2/ 85).

ئىسلام – ياراتقۇچىنى ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ مەركىزىگە قويىدۇ. ئىسلام –ئىنسانغا ئەقىل، ئىرادە ۋە ۋىجدانلارنى ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ بەرگەنلىكىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، ئىنسانغا ياخشى-ياماننى تاللاش ئىرادىسىنىمۇ بەرگەنلىكىنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ يولىدۇ.

ئىسلام –پەقەت بىر دىننىڭ ئىسمىلا بولماستىن، ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر دەۋەت قىلغان، ئىنسانىيەتنى ئورتاق قىممەت قاراشقا باشلايدىغان توغرا پرىنسىپلار ھالقىسىنىڭ ئىسمىدۇر (ھەج 22 / 78).

ئىسلام – كەڭ دائىرىدە ئاللاھ باشقۇرىۋاتقان كائىناتتىكى سىسىتىمىنىڭ ئىسمىدۇر (فۇسسىلەت 41 / 11). كائىناتتىكى ھېچ توقۇنۇش ۋە بوزۇلۇش بولماستىن ھۆكۈم سۈرىۋاتقان ۋە داۋام قىلىۋاتقان تەڭپۇڭلۇق، بۇ مىسلىسىز تەرتىپ ۋە سېستىمىنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ۋە كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئاللاھقا بولغان تەسلىمىيىتنىڭ نامايەندىسىدۇر (رەھمان 55 / 5 – 6).

مۇسلىم (مۇسۇلمان)  – ھەم ئىچكى دۇنياسىدا، ھەم تاشقى دۇنياسىدا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئىختىيارى ۋە ئاڭلىق ھالدا ئاللاھقا تەسلىم بولغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇسلىم – يىگانە ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى شەرتسىز ھالدا ھاياتىغا تەدبىقلىغان كىشىدۇر.

مۇسۇلمان بولۇش، ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ فىترىتىگە قايتىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھقا شەرتسىز تەسلىم بولۇش يولى بولغان ئىسلامنى، ھايات شەكلى دەپ قوبۇل قىلغان ھەر قانداق كىشى «مۇسلىم ياكى مۇسۇلمان» دەپ ئاتىلىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ ئۆزىگە، سەمىمىي ھالدا ئىشەنگەنلەرنى ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلغانلارنى «مۇسلىمىين» دەپ ئاتىغان (ھەج 22 / 78).

كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى، ئىنساننىڭ ئاللاھقا لۇتفى ئەمەس، دەل ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئىنسانغا قىلغان لۇتفىدۇر (ھۇجۇرات 49 / 17).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر