مۇسۇلمانلار
نىقاب پەرزمۇ؟ 1

نىقاب پەرزمۇ؟

ئاياللارنىڭ يۇزى ئەۋرەتمۇ؟ يەنى ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى يۆگەشلىرى پەرزمۇ؟

جاۋاب:

ياق، ئاياللارنىڭ يۇزى ئەۋرەت ئەمەس، يەنى ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى يۆگەشلىرى پەرز ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فَرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُولِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَى عَوْرَاتِ النِّسَاءِ وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِهِنَّ وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَ الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ٣١﴾

«مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن – ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى بۇنىڭدىن مۇستەسنا[1]. ياغلىقلىرى بىلەن بويۇن ۋە كۆكسلىرىنى ياپسۇن[2]. زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئۆز ئاتىلىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئاتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئۆز ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىكىلەردىن، ئۆيلىنىشكە ئېھتىياجى يوق ئەرلەرنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە تەۋە بولغانلاردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن. يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.‏» – (24 – سۈرە نۇر، 31 – ئايەت).

﴿وَأَنكِحُوا الْأَيَامَى مِنكُمْ وَالصَّالِحِينَ مِنْ عِبَادِكُمْ وَإِمَائِكُمْ إِن يَكُونُوا فُقَرَاءَ يُغْنِهِمُ اللَّهُ مِن فَضْلِهِ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ٣٢﴾

«ئىچىڭلاردىكى بويتاق ئەر – ئاياللارنى ۋە قۇل – چۆرىلىرىڭلاردىن سالاھىيەتلىك بولغانلارنى نىكاھلاندۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار پېقىر بولسا ئاللاھ ئىلتىپات قىلىپ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ. ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭدۇر، ئۇ بىلگۈچىدۇر.» – (24 – سۈرە نۇر، 32 – ئايەت).

بۇ ئىككى ئايەتتىن تۆۋەندىكى مەزمۇنلار چىقىدۇ:

1 – ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئەرلەرنىڭ ئەتراپىدا ئاياللار، ئاياللارنىڭ ئەتراپىدا ئەرلەر بولىدۇ. چۈنكى بىرىنچى ئايەتنىڭ «مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن» دېگەن قىسمى، ئەرلەرنىڭ ئەتراپىدا نامەھرەم ئاياللارنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئەرلەرنىڭ ئۇلارغا تىكىلىپ قارىماسلىقىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلىشىنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەرلەرنىڭ نامەھرەمگە قاراش ۋە ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلىماسلىق ئىمكانىيىتى بولمىغان يەردە ئۇلارغا بۇ توغرىدا بىر چەكلىمە قويغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق.

2 – ئايەتتە «قارىمىسۇن» دېگەن چەكلىمە، «تىكىلىپ» ئىپادىسى بىلەن بىرلىكتە كەلگەن. بۇ ھەر قانداق قاراشنىڭ ئەمەس، شەھۋانىي كۆز بىلەن ۋە يامان نىيەت بىلەن قاراشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئى ئەلى! ئارقا – ئارقىدىن قارىما، بىرىنچى قېتىملىقىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىقى مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن ھەدىسىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ. (بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئەھمەدلەر رىۋايەت قىلغان).

3 – ئاياللار يۈزلىرىنى يۆگەشكە ئەمر قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى يۆگىشى پەرز بولسا ئىدى ۋە ئۇلار بۇ پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن يۈزلىرىنى يۆگىگەن بولسا ئىدى، ئەرلەرگە «تىكىلىپ قارىمىسۇن» دېيىشنىڭ بىر مەناسى بولمايتتى. چۈنكى ئۇ تەقدىردە ئۇلار تىكىلىپ قارايدىغان يۈز يوق بولاتتى.

بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتتىكى ھۇسن «حسن» ئىپادىسى تەكىتلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿لَّا يَحِلُّ لَكَ النِّسَاءُ مِن بَعْدُ وَلَا أَن تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنْ أَزْوَاجٍ وَلَوْ أَعْجَبَكَ حُسْنُهُنَّ إِلَّا مَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ وَكَانَ اللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ رَّقِيبًا٥٢﴾

«ئى مۇھەممەد! بۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشقا ئاياللارنى ئېلىشىڭ، ئاياللىرىڭنى ئالماشتۇرۇشۇڭ – باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ – ساڭا ھالال بولمايدۇ. قول ئاستىڭدىكى  مۇستەسنا. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 52 – ئايەت).

چۈنكى بۇ ئايەتتىكى «جامالى» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەبچىسى ئەرەبچىدىكى ھۇسن، ئۇيغۇرچىدا جامال، ھۆسن، چىراي قاتارلىق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى يۈزنىڭ گۈزەللىكى دېگەن مەنىنىلا ئىپادىلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل يۈزنىڭ ئوچۇق يەنى يۆگەلمىگەن بولۇشى كېرەك. يۆگەلگەن يۈز قارشى تەرەپنى مەپتۇن قىلالمايدۇ.

ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى يۆگىشىنىڭ پەرزلىكىگە دەلىل قىلىنغان ھەدىسلەرگە كەلسەك، مەشھۇر ھەدىسشۇناس ئالىم شەيخ ئەلبانىي مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر ئۈستىدە ناھايىتى ئەتراپلىق ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقاتىدا، ئۇ ھەدىسلەرنى ھەر جەھەتتىن تەتقىق قىلىپ چىققاندىن كېيىن ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى يۆگىشىنىڭ مۇستەھەب (قىلسا ياخشى بولىدىغان، قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان) دەرىجىسىدە بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

خالىغانلار ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارسا ياكى بۇ ئالىمنىڭ شۇ تەتقىقاتىنى تېپىپ ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.

تۆۋەندىكى ئادرىستىمۇ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بايان قىلىنغا: http://www.musulmanlar.com/?p=1505

[1]   بۇ ئايال كىشىنىڭ يۈزى ۋە ئىككى قولى (بېغىشلىرىغىچە)دۇر. ئاللاھ تائالا مائىدە سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتىدە «يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار» دېگەندىن كېيىن «بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار» دەيدۇ. بۇ يۈزنىڭ باشنى، باشنىڭ يۈزنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئايەتتىكى «ياپسۇن» دېگەن مەنىدىكى ئىلاھى ئەمر «يۈزلىرىنىمۇ يۆگىسۇن» دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.‏

[2]   «مۇئمىن ئاياللار ياغلىق دەپ ئاتىلىدىغان رەخت پارچىلىرىنى باشلىرىغا ئارتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ‹ياغلىقلىرى› ھالىتىگە كەلتۈرسۇن، ئاندىن ئۇ ياغلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئەتراپىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە (بويۇن، گەدەن، گال ۋە كۆكرەك قاتارلىق جايلىرىنىڭ ئۈستىگە) قويۇپ بەرسۇن» دېگەن بولىدۇ‏‎.‎‏ فەخرۇددىن رازى ئايەتنىڭ بۇ قىسمى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مۇفەسسىرلەر مۇنداق دېگەن: «جاھىلىيەت ئاياللىرى ياغلىقلىرىنى ئارقىسىدىن چېگەتتى، ئۇلارنىڭ ياقىلىرى ئالدىدا ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ گاللىرى ۋە بۇلاپكىلىرى ئوچۇق قالاتتى، بۇ ئايەت بىلەن ئۇلار ياغلىقلىرىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلاشقا بۇيرۇلدى. بۇ بۇيرۇق ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىنى، گەدەنلىرىنى، چاچلىرىنى، قۇلاقلىرىدىكى زىننەتلىرىنى، گاللىرىنى ۋە گاللىرىنىڭ ئەتراپىنى يۆگىشى ئۈچۈن ئىدى (قاراڭ: فەخرۇددىن رازىي، مەفاتىھۇل غەيب، 23: 364).‏

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر