مۇسۇلمانلار
رامىزان خۇتبىسى 2 1

رامىزان خۇتبىسى 2

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ﻣﯚﮬﺘﻪﺭﻩﻡ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ رامىزان ﺋﯧﻴﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻟﯩﺮﻯ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﻪﭘﻠﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺪﯗﺭ.

    ﺑﯘ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ-ﺟﺎﻣﻪﻟﻪﺭ ﺗﺎﺋﻪﺕ-ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺗﻠﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﻳﻠﻪﺭ ﺯﯨﻜﯩﺮ-ﺗﻪﺳﺒﯩﮭﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﭖ كېتىدىغان ﺋﺎﻳﺪﯗﺭ.

    ﺑﯘ ﭘﯧﻘﯩﺮ-ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻳﯧﺘﯩﻢ-ﻳﯧﺴﯩﺮﻟاﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸى ﺳﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻏﯧﺮﯨﭗ-ﻏﯘﺭﯞﺍﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺪﯗﺭ. مىڭ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﺮ كېچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايدۇر.

    ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻧﻪﭘﺴﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﺎﻛﻠﯩﺴﺎﻕ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﭘﯧﻘﯩﺮ-ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﺋﯩﮕﻪ-ﭼﺎﻗﯩﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﻴﯩﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﮕﻪ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯨﻠﯩﻤﯩﺰ ئاللاھﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ئاللاھغا ﮬﻪﻣﺪﯗﺳﺎﻧﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ. ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ، ﺑﺎﺗﯩﻞ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺵ ﯞﻩ ﺧﺎﺗﺎ چۈشەنچىلەردىن ﭘﺎﻛﻼﻳﻠﻰ. ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﺩﺍﯞﺍﺕ، ﮬﻪﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﻠﻰ!

    ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺧﻪﻳﺮ-ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ، ﻧﻪﭘﻠﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ-ﻗﻮﭘﺴﺎ ئاللاھغا ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﯗﭖ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯗﺭ.

    ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ رامىزان ﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﻳﻠﻰ!

روزا تۇتۇش تەرك ئېتىش، دېمەكتۇر. نېمىنى تەرك ئېتىمىز؟ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﻰ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﺧﺎﺗﺎ ئىشلارنى ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ تەرك ئېتىمىز. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ «ﺭﻭﺯﯨﺪﺍﺭ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻼﮬ  ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ ﺋﻪﻣﻪﺱ» – (بۇخارى رىۋايەت قىلغان) ﺩﯦﮕﻪﻥﺳﯚﺯﻯ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ

    ﺑﯘ ئاي ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﯞﻩ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﻛﯧﺮﻩﻙ قالمايدۇ.

﴿شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِي أُنزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِّنَ الْهُدَى وَالْفُرْقَانِ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ١٨٥ وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ١٨٦﴾

«ئۇ ساناقلىق كۈنلەر رامىزان ئېيىدۇر. ئۇ شۇنداق ئايكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت بولغان، ھىدايەتنىڭ ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى ھۆكۈملەرنىڭ دەلىللىرى بولغان قۇرئان ئەنە شۇ ئايدا نازىل قىلىنغان. سىلەردىن كىم بۇ ئايدا ھازىر بولسا[1]، ئۇنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزسۇن. كىم كېسەل بولسا ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسا بولىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، تەسلىكنى ئىرادە قىلمايدۇ. ساننى تولۇقلىغايسىلەر[2]، ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. شۈكۈر قىلغايسىلەر! بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، مەن ئۇلارغا ناھايىتى يېقىن. مەن ماڭا دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇنداقتا ئۇلارمۇ مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن. شۇنداق قىلسا كامالەتكە يېتەلەيدۇ‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 185 ~ 186 – ئايەتلەر).

    ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ:

«رامىزاندا ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﮔﯘﻧﺎﮬﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ» – (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

«ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺭﻩﻳﻴﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻻ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ؟ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ، ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ بىرى ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ»-(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«رامىزان ﻛﯩﺮسە ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺩﻭﺯﺍﺧﻨﯩﯔ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنىدۇ»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. 

تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر

[1]  رامىزان ئېيى يېتىپ كەلگەندە ھايات بولسا.‏

[2]  كېسەل ياكى يولۇچىلىق سەۋەبىدىن بىر ئاي رامىزاننىڭ قانچە كۈنىدە روزا تۇتالمىغان بولساڭلار، باشقا كۈنلەردە ئۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ بىر ئايلىق ساننى تولۇقلىغايسىلەر.‏

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر