مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا شىرىك ۋە مۇشرىكلار (1) 1

قۇرئاندا شىرىك ۋە مۇشرىكلار (1)

قۇرئاندا شېرىك ۋە مۇشرىكلار

1- مۇشرىكلارنىڭ ئورتاق ئېتىقادى

مۇشرىكلارنىڭ ئورتاق ئېتىقادى ئاللاھنىڭ رەب ئىكەنلىكىگە (ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە باققۇچى ئىكەنلىكىگە) ئىمان كەلتۈرمەكتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُلْ مَن يَرْزُقُكُم مِّنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أَمَّن يَمْلِكُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَمَن يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَن يُدَبِّرُ الْأَمْرَ فَسَيَقُولُونَ اللَّهُ فَقُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ٣١﴾

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىڭلارنى باشقۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىۋاتقان، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئىشلارنى پىلانلاۋاتقان كىمدۇر؟». ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ھالدا تەقۋادار بولمامسىلەر؟» – (10 – سۈرە يۈنۈس، 31 – ئايەت)

﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ فَأَنَّى يُؤْفَكُونَ﴾

«ئەگەر ئۇلاردىن: ‹ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، كۈننى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان كىمدۇر؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟»-(29 -سۈرە ئەنكەبۇت، 61 – ئايەت).

﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّن نَّزَّلَ مِنَ السَّمَاء مَاء فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ مِن بَعْدِ مَوْتِهَا لَيَقُولُنَّ اللَّهُ قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ﴾

«ئۇلاردىن ‹ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىمدۇر؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئەلھەمدۇلىللاھ!›. بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ»- ( 29 -سۈرە ئەنكەبۇت، 63 – ئايەت).

﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ﴾

«ئەگەر ئۇلاردىن ‹ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئەلھەمدۇلىللاھ!›. بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- (31 -سۈرە لۇقمان، 25 – ئايەت).

﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ قُلْ أَفَرَأَيْتُم مَّا تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ إِنْ أَرَادَنِيَ اللَّهُ بِضُرٍّ هَلْ هُنَّ كَاشِفَاتُ ضُرِّهِ أَوْ أَرَادَنِي بِرَحْمَةٍ هَلْ هُنَّ مُمْسِكَاتُ رَحْمَتِهِ قُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ عَلَيْهِ يَتَوَكَّلُ الْمُتَوَكِّلُونَ٣٨﴾

«ئەگەر ئۇلاردىن «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى! ئەگەر ئاللاھ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ زىيىنىنى دەپئى قىلالامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ماڭا رەھمەت ئاتا قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى توسۇۋالالامدۇ؟». ئېيتقىنكى: «ماڭا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن».» – (39 – سۈرە زۈمەر، 38 – ئايەت).

﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ خَلَقَهُنَّ الْعَزِيزُ الْعَلِيمُ﴾

«ئەگەر ئۇلاردىن ‹ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: ‹غالىب ۋە بىلگۈچى زات› دەيدۇ»-(43 -سۈرە زۇخرۇف، 9 -ئايەت).

﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَهُمْ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ فَأَنَّى يُؤْفَكُونَ﴾

«ئەگەر ئۇلاردىن ‹سىلەرنى كىم ياراتتى؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟»- (43 -سۈرە زۇخرۇف، 87 -ئايەت).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر