مۇسۇلمانلار

شىرىك \ ياردەم كۈتۈش

7 . 2 – ياردەم كۈتۈش

 ئىنسانلارنىڭ مۇشرىك بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان يەنە بىر ئىش، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ باشقا مەۋجۇداتلاردىن ياردەم تېلىشىدۇر. ئىنسانلار ئاللاھنىڭ بىردىنبىر قۇدرەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىشتا ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلسىمۇ، ئاللاھنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي ياد ئېتىپ تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ ياردىمىگە لايىق ئىش قىلىپ، ئۇنىڭ ياردىمىنىڭ كېلىشىنى ساقلىماي ئاللاھتىن باشقا بىر مەۋجۇداتلارنى ئوتتۇرىغا ۋاسىتە قىلىپ، تىلەكلىرىنى ئاللاھتىن ئەمەس ئۇنىڭدىن سورايدۇ. ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئاللاھقا كۆرسىتىدىغان سەمىمىيەتنى، ئاللاھقا ئەمەس ئۇ زاتقا كۆرسىتىدۇ.

نەتىجىدە ئاللاھ بىلەن ئۇ بەندە ئوتتۇرىسىدا بىر يالغان ئىلاھ پەيدا بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت بۇنىڭ مۇشرىكلارنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَاتَّخَذُوا مِن دُونِ اللَّهِ آلِهَةً لَّعَلَّهُمْ يُنصَرُونَ٧٤ لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَهُمْ وَهُمْ لَهُمْ جُندٌ مُّحْضَرُونَ٧٥﴾

«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە ياردەم قىلار دېگەن ئۈمىد بىلەن بىر قىسىم ئىلاھلارغا چوقۇندى. ئۇ ئىلاھلار ئۇلارغا ياردەم قىلالمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇ ئىلاھلارنىڭ ھازىر قىلىنغان قوشۇنىدۇر» – (36 – سۈرە ياسىن، 74 ~ 75 – ئايەتلەر).

ئايەتتىكى «ياردەم قىلار دېگەن ئۈمىد بىلەن بىر قىسىم ئىلاھلارغا چوقۇندى» دېگەن ئىپادىدىن ئەسلىدە ئۇ ئىنسانلارنىڭ ياردەمنى ئاللاھتىن تەلەپ قىلماقچى ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئاللاھ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا بىرىلىرىنى قويۇپ، ئۇلاردىن ياردەم كۈتكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلەيمىز.

بۇ، ئاللاھنى ئۆزىنىڭ ياراتقان مەخلۇقلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇش ۋە ئاللاھنى ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش دېمەكتۇر. شۇڭلاشقا، ئاللاھ تائالا مۇشۇنداق ئىشنى قىلغانلارغا تۆۋەندىكى ئايەتلەردە مۇنداق رەددىيە بەرمەكتىدۇر:  

«ئۇلار ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى يارىتىلغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلامدۇ؟‏ ئۇ نەرسىلەر ئۇلارغا ياردەم بېرىش تۈگۈل، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ.‏ ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭلار، سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. ئۇلارنى چاقىرساڭلارمۇ ياكى جىم تۇرساڭلارمۇ سىلەر ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاشتۇر. شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر سىلەرگە ئوخشاش بەندىلەردۇر. ئەگەر راستچىل بولساڭلار ئۇلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار، سىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ باقسۇن!‏ ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان شېرىكلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئاندىن كېيىن ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار».‏ شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىگەم بۇ كىتابنى نازىل قىلغان ئاللاھتۇر. ئۇ ياخشىلارنى دوست تۇتىدۇ.‏ سىلەر ئۇنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر سىلەرگە ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ» – (7 – سۈرە ئەئراف، 191 ~ 197 – ئايەتلەر).

﴿إِن تَدْعُوهُمْ لَا يَسْمَعُوا دُعَاءَكُمْ وَلَوْ سَمِعُوا مَا اسْتَجَابُوا لَكُمْ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُونَ بِشِرْكِكُمْ وَلَا يُنَبِّئُكَ مِثْلُ خَبِيرٍ١٤﴾

«ئۇلارغا دۇئا قىلساڭلار دۇئايىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ ئىجابەت قىلالمايدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ. ھېچكىم ساڭا ھەر نەرسىدىن خەۋەردار زاتتەك خەۋەر بېرەلمەيدۇ» – (35 – سۈرە فاتىر، 14 – ئايەت).

﴿فَلَوْلَا نَصَرَهُمُ الَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِ اللَّهِ قُرْبَانًا آلِهَةً بَلْ ضَلُّوا عَنْهُمْ وَذَلِكَ إِفْكُهُمْ وَمَا كَانُوا يَفْتَرُونَ٢٨﴾

«ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىن قىلىدۇ دەپ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان ئىلاھلىرى، نېمىشقا ئۇلارغا ياردەم قىلمىدى؟ بەلكى ئۇ ئىلاھلار ئۇلارنى تاشلىۋەتتى. ئۇ سۆز، ئۇلارنىڭ ئويدۇرمىسى ۋە ئاللاھقا چاپلىغان بوھتانىدۇر» – (46 – سۈرە ئەھقاف، 28 – ئايەت).

بۇ ئىنسانلارنىڭ «لېكىن بىز ئاللاھقا ئىشىنىمىز» دېگەن سۆزى، ئۇلارنى مۇشرىكلىكتىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇشرىكلەرنىڭ ئىشىنى قىلىپ يۈرگەن ھېچكىم بۇنىڭ ئەكسىچە بىز ئاللاھقا ئىشىەنمەيمىز دېمەيدۇ! ھېچكىم ئۆزىنىڭ مۇشرىك ئىكەنلىكىنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلمايدۇ.

شىرىك – سۆزدىن كۆپرەك، قىلغان ئىش -ھەرىكىتى ۋە ئەمىلى بىلەن مەيدانغا كېلىدىغان گۇناھتۇر. قىزىقارلىقى شۇكى، ئىبادەت قىلىنىۋاتقان، ئىلاھلاشتۇرىلىۋاتقان، بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە شەرتسىز ئىتائەت قىلىنىۋاتقان بۇ مەۋجۇداتلارنىڭ ياردەم بېرىشكە كۈچىنىڭ يەتمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ نۇرغۇنلىغان ئىنسان، ناھايىتى خالىس نىيەت بىلەن چىن قەلبىدىن ئۇلارغا ئەسكەر بولماقتا.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر