مۇسۇلمانلار

ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار

ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

قېرىنداشلار! ئاللاھ تەئالا «ئىززەت ئاللاھغا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا مەنسۇب، لېكىن مۇناپىقلار بىلمەيدۇ»[1] دېگەن ئايىتىدە مۇئمىنلارغىمۇ ئىززەت ۋەدە قىلغان؛ «ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، چوقۇم غالىب كېلىسىلەر»[2] دېگەن ئايىتىدە بولسا، مۇئمىن بولغانلارنىڭ غالىبلىق ماقامىدا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مۇئمىنلار خېلى ئۇزۇن تارىختىن بېرى ئىززەتتە ئەمەس خورلۇقتا، غالىبلىقتا ئەمەس، مەغلۇبلۇقتا ياشاۋاتىدۇ. بۇنى تارىخ ۋە ئەمەلىيەت ئىسپاتلايدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ ۋەدىسىگە ئىمانىمىز كامىل. ئۇنداقتا بىزنىڭ «مۇئمىنلار» نىڭ كىملەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

«مۇئمىنلار»، «مۇئمىن» نىڭ كۆپلۈكىدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ «مۇئمىن» كەلىمىسى ئۆتكەن ئايەتلىرىگە ۋە لۇغەت كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىگە قارايدىغان بولساق، «مۇئمىن» دېگەن سۆزنىڭ ئىسىم ئەمەس، سۈپەت ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. يەنى مۇئمىنلىق بىر كىشىنىڭ، ھاياتى بويىچە ھېچ ئۆزگەرمەيدىغان ئىسمى بولماستىن، بەلكىدە ئۆزىدىن ھەر ئان ئاجراپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان بىر سۈپىتىدۇر.

دەرۋەقە تارىخ بويىچە ئىززىتى ۋە غالىبلىقى، خورلۇق ۋە مەغلۇبلۇق بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرغان مۇئمىنلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان مۇئمىنلار ئەمەسلىكىنى كۆرىمىز.

ئاللاھ تەئالا: «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (كىتابىغا)[3] مەھكەم ئېسىلىڭلار، ئايرىلماڭلار»[4] دېسە، مۇسۇلمانلار مەزھەبلەرگە بۆلۈنۈپ، ھەر مەزھەپ مەنسۇپى ئۆز مەزھىپىنىڭ مۆتىۋەر كىتابلىرىنى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن يۇقىرى تۇتۇۋاتقان ۋە ئۇ كىتابلارغا (قۇرئان كەرىمگە خىلاپ كەلسىمۇ) چىڭ ئېسىلىۋالغان. ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابىغا چاقىرىلسا «بىزگە ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ تۇتقان يولى يېتەرلىك»[5] دېيىشكەن ياكى بۇنى ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن ئىپادىلىگەن، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ كىتابىغا چاقىرغانلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارغا «تېگىشلىك زەربە» بېرىشكەن.

ئاللاھ تەئالا «سىلەرگە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ياخشى ئۈلگىدۇر»[6] دەۋاتسا، ھەر مەزھەب مەنسۇپى ئۆز مەزھىپىنىڭ قۇرغۇچىسىنى ۋە ئۆز مەزھىپىنىڭ «چوڭ ئالىم» لىرىنى ۋە تەرىقەت پېشۋالىرىنى ئۈلگە قىلىۋالغان.

ئەنە شۇلار قۇرئاندا ۋەدە قىلىنغان ئىززەتكە ئېرىشەلمىگەن مۇئمىنلاردۇر. دېمەك، ئاللاھ تەئالا ۋەدە قىلغان ئىززەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى مۇئمىن ھېسابلاش ياكى باشقىلار تەرىپىدىن مۇئمىن دەپ تونۇلۇش ۋە ياكى مۇئمىنلارنىڭ نەسلى بولۇش كۇپايە قىلمايدۇ. مۇھىم بولغىنى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنىدىغان مۇئمىنلىقتۇر.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساقمۇ ئەھۋال ئوخشاش؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دىنلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ئىسلام دىنىغا سىڭدۈرۈلگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئادەت ئىبادەت ھېسابلانغان، ئەنئەنە سۈننەت دەپ قوبۇل قىلىنغان، زالالەت ھىدايەت دەپ بىلىنگەن. ئىسلام دىنىنى قۇرئان – سۈننەتتىن ئۆگىنىشنى ۋە قۇرئان – سۈننەتتە ئاساسى بولمىغان دىنى ئىشلارنى تەرك ئېتىشنى تەشەببۇس قىلغانلارنىڭ ئەيىبلىنىپ چەتكە قېقىلغان، ھەتتا بەزىلىرىن سۇيىقەستكە ئۇچرىغان.

يېقىن زامان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش؛ ئىسلام باشقا بىر ۋادىدا، مۇسۇلمانلار باشقا بىر ۋادىدا. ئىسلام مۇسۇلمانلارنى، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىنى ھەر دايىم ئىپادىلەپ تۇرۇشقا بۇيرۇۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ ھەر زاماندا، ھەر ماكاندا ۋە ھەرقانداق شارائىتتا مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ.

ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا شۇنداق «ئۆلىمالار» باركى مۇسۇلمانلارنى مەلۇم بىر قىياپەت بىلەن يۈرۈشكە، مەلۇم بىر شەكىلدىلا ئىبادەت قىلىشقا ۋە جەمىئىيەتتە باشقىلاردىن پەرقلىق ياشاشقا بۇيرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان ئۆز دىيارىدا خاتىرجەم ياشىيالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ.

مۇسۇلمانلار تەكچىدىكى قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى قولىغا ئېلىپ دىققەت بىلەن ئوقۇپ ساغلام بىر دىنى چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۆلىمالارنىڭ «تەبلىغ» لىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەمر – پەرمانلىرى دەپ تونۇپ قېلىۋاتىدۇ.

ئۇ ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە دىنى ئىش قۇرئان-سۈننەتكە ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ ياكى باشقا «زاتلار»نىڭ كۆزقارشلىرىغا ئاساسلانغانلىقى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا بىرقانچە خىل «يېڭى ئېقىم» چىقماقتا. ھەر يولنىڭ ئىگىسى ئۆز يولىنى قوبۇل قىلمىغان مۇسۇلمانلارنى مۇسۇلمان ئەمەس دەپ قارىماقتا.

مەزكۇر «ئۆلىمالار» بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1 – مەدرىسە ۋە مەكتەپلەردىن ئوقۇيالماي چىقىپ كەتكەن ياكى ئۇستازلار «بىر نېمە بولالمايدۇ» غانلىقىنى بايقاپ مەكتەپ ۋە مەدرىىسدىن ھەيدىۋەتكەن ۋە جەمىيەتتە دىنى قىياپەت بىلەن جېنىنى ساقلاۋاتقان چالا موللىلار.

2 – بىرەر دىنى مەدرىسە/مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن لېكىن ئوقۇغان يەرلىرىدىن، ھاياتىدا يولۇققان مەسىلىلەرگە قۇرئان – ھەدىس پۈتۈنلۈكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىشنى ئەمەس، «شەيخلىرى» نىڭ ئۇ توغرىدىكى كۆزقاراشلىرىنى نەقىل قىلىشنى ئۆگىنىپ چىققان «دىنى زىيالى» لار.

3- قۇلاق موللىلىرى، يەنى ئۆز كۆڭلىدە «دىنى ئالىم» دەپ ھېسابلىنىدىغان كىشىلەردىن ئاڭلىغان ۋە بىلگەنلىرىنى «دىنى ئىلىم»، ئاتا- بوۋىلىدىن قالغان ئۆرپ – ئادەتلەرنى «دىن» دەپ چۈشىنىپ قالغان «بىلەرمەن» لەر.

كۈنىمىزدە قۇرئان – ھەدىستىكى ئىسلام بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا توسالغۇ بولۇۋاتقانلار، ئەنە شۇلاردۇر ۋە ئۇلارنىڭ ھەمنەپەسلىرىدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، دىن نامىدىن ھەر كىم بىلىپ- بىلمەي بىر نېمىلەرنى دەۋاتقان، ھەر خىل كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلىۋاتقان، تۈرلۈك – تۈرلۈك دىنى ئېقىملەر پەيدا قىلىنۋاتقان، كىمنىڭ نېمىگە ئاساسەن يازغانلىقى مەلۇم بولمىغان يېڭىدىن – يېڭى دىنى كىتابلار نەشىر قىلىنىۋاتقان ۋە «ئىسلام دۆلەتلىرى» دە قۇرۇلۇپ ھاكىمىيەت يۈزى كۆرۈپ باقمىغان «ئىسلامىي پارتىيە» لەرنىڭ پروگراممىلىرى تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قۇرئان – ھەدىسكە مەھكەم ئېسىلىشلىرى كېرەك. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە ئالدانماسلىقلىرى لازىم.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ شۇنى بىلىشلىرى لازىمكى: مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر جامائەتكە قېتىلىش ياكى مەلۇم بىر گۇرۇھقا ئەزا بولۇش ۋە ياكى مەلۇم بىر مەزھەپنى قوبۇل قىلىش كېرەك ئەمەس. مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابىغا بويسۇنۇش، ئاللاھ تەئالانىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگىشىش كۇپايە قىلىدۇ.

«قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» نىڭ ۋە «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى تەرجىمىسى»، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، «ياخشىلار باغچىسى»… قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا بولۇشى ناھايىتى چوڭ نېمەتتۇر.

ھەر مۇسۇلمان بۇلارنى ناھايىتى دىققەت بىلەن ئوقۇپ، ئايەت – ھەدىسنى بىرلىكتە ئاساس قىلىپ، ئۆز يولىنى ئۆزى بەلگىلىشى كېرەك. دىن نامىدىن گەپ قىلغانلار قۇرئان – ھەدىسقا ئاساسلانغان بولسا قوبۇل قىلىشى، ئەكسى تەقدىردە قوبۇل قىلماسلىقى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ھەر كىشىگە ئايرىم – ئايرىم ئەقىل ئاتا قىلغان. «ئۇلۇغلىرىمىز نېمە دېگەن بولسا، ئۇنىڭدا بىر ھېكمەت بار» دەپ ئىمانىنى شەيتانغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئولتۇرماي، «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇبدان بىلىدۇ» دەپ ئىمانىغا ئۇيغۇن ئىش قىلىشى كېرەك!


[1] – مۇنافىقۇن 63/8.

[2] – ئال ئىمران 3/139.

[3] – بۇ ئايەتتىكى «ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «قۇرئان، ئاللاھنىڭ مەھكەم ئارغامچىسىدۇر» دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن «ئاللاھنىڭ كىتابى» دەپ ئىزاھلاندى. بۇ ھەدىسنى دارىمى سۇنەن ناملىق كىتابىدا، ھاكىم ئەلمۇستەدرەك ئەلەسسەھىھەين ناملىق كىتابىدا، بەيھەقى شۇئەبۇلئىمان ناملىق كىتابىدا رىۋايەت قىلىدۇ.

[4] – ئال ئىمران 3/103.

-6 مائىدە 5/104

[6] – ئەھزاب 33/21.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر