مۇسۇلمانلار
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام (2) 1

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام (2)

9 – ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ پوزىتسىيىسى

«ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا – جۇدامەن.  مېنى ياراتقان زات مۇستەسنا. چۈنكى ئۇ مېنى چوقۇم توغرا يولغا باشلايدۇ». ئىبراھىم بۇ سۆزىنى ئۆزىنىڭ نەسلى ئىچىدە داۋاملاشقۇچى سۆز سۈپىتىدە قالدۇردى. ئۇ كېيىنكىلەرنى توغرا يولغا قايتار دەپ شۇنداق قىلدى. ئىبراھىمنىڭ نەسلىگە كەلسەك، مەن ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغان بۇ مەككە ئاھالىسىنى ۋە بۇلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىنى، تاكى ئۇلارغا ھەق ۋە ھەقنى بايان قىلغۇچى ئەلچى كەلگەنگە قەدەر دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلدىم.  ئۇلار ئۆزلىرىگە ھەق كەلگەندە: «بۇ سېھىردۇر. بىز بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېدى. ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرئان نېمىشقا شۇ ئىككى يۇرتتىن كاتتا بىر ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. ئى مۇھەممەد! رەببىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتىدىكى تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىز تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىنىڭ دەرىجىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. بۇنى ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ھەق بېرىپ ئىشقا سالسۇن دەپ قىلدۇق. رەببىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ يىغقان نەرسىلىرىدىن ياخشىدۇر. ئەگەر ئىنسانلار بىر ئۇممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى، رەھمانغا كافىر بولغانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ تورۇسلىرىنى كۈمۈشتىن قىلاتتۇق. ئۇلارنىڭ يۇقىرىغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى، ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ۋە ئۇلار يۆلەنچۈكلىرىگە يۆلىنىپ ئارام ئالىدىغان كارۋاتلارنىمۇ كۈمۈشتىن قىلاتتۇق. ئۇلارغا زىننەت بۇيۇملىرى بېرەتتۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتلىرىدىنلا ئىبارەتتۇر. رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاخىرەت نېمەتلىرى تەقۋادارلارغا خاستۇر»-(43 – سۈرە زۇخرۇف، 26 ~ 35 -ئايەتلەر).

10 – ئاتىسى ئۈچۈن ئىستىغفار ئېيتىشى

«بۇ كىتابتا ئىبراھىمنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل بىرى ئىدى، نەبىي ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا مۇنداق دېگەن ئىدى: «جېنىم ئاتا! سەن نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ھېچبىر ئىشىڭغا ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن؟ جېنىم ئاتا! ماڭا، ساڭا كەلمىگەن ئىلىم كەلدى. ماڭا ئەگەشكىن، سېنى توغرا يولغا باشلاي. جېنىم ئاتا! شەيتانغا چوقۇنمىغىن. چۈنكى شەيتان رەھمانغا ئاسىيلىق قىلغۇچىدۇر. جېنىم ئاتا! مەن بېشىڭغا رەھمان تەرىپىدىن ئازاب كېلىپ شەيتاننىڭ ۋەلىيسى بولۇپ قېلىشىڭدىن قورقۇۋاتىمەن».  ئاتىسى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇ؟ ئەگەر ئۇلارغا تىل ئۇزارتىشتىن ۋاز كەچمىسەڭ، بىلىپ قويغىنكى، سېنى چالما – كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن. يوقال، سېنى ئۇزۇنغىچە كۆزۈم كۆرمىسۇن!» دېدى. ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «خوش ئەمىسە ئاتا! سەن ئۈچۈن رەببىمدىن مەغپىرەت تىلەيمەن. ئۇ ماڭا بەك مەرھەمەتلىكتۇر. مەن سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئايرىلىمەن. رەببىمگە دۇئا قىلىمەن. ئۈمىد قىلىمەنكى، رەببىمگە دۇئا قىلىش بىلەن بەختسىز بولمىغايمەن[1]»-(19 – سۈرە مەريەم، 41 ~ 48-ئايەتلەر). «نەبىيگە ۋە مۇئمىنلارغا مۇشرىكلارنىڭ جەھەننەم ئەھلى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۇ مۇشرىكلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشلىرى توغرا ئەمەس.  ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى، پەقەت ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىسى ئۈچۈن ئىدى. كېيىن ئىبراھىمغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندا، ئۇنىڭدىن ئادا – جۇدا بولدى. شۈبھىسىزكى، ئىبراھىم باغرى يۇمشاق، ئېغىر – بېسىق كىشى ئىدى»-(9 -سۈرە تەۋبە، 113 ~ 114 – ئايەتلەر).

11 – بالىسىنىڭ خوش خەۋىرى

«ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! يەنە قانداق ۋەزىپەڭلار بار؟» دېدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز گۇناھكار قەۋمگە ئەۋەتىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن ياسالغان تاشلارنى ياغدۇرۇش ئۈچۈن كەلدۇق. ئۇلار رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە سېلىنغان تاشلاردۇر». بىز ئۇ ئەسنادا ئۇ يەردىكى مۇئمىنلارنى چىقاردۇق. بىز ئۇ يەردە بىر ئائىلىدىن باشقا مۇسۇلمان ئۇچراتمىدۇق. ئۇ يەردە، ئەلەملىك ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ئايەت قالدۇردۇق»-(51 – سۈرە زارىيات، 31 ~ 37 – ئايەتلەر).

«شۈبھىسىزكى، ئەلچىلىرىمىز ئىبراھىمغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىپ: «سالام» دېگەن ئىدى، ئىبراھىم: «سالام بولسۇن!» دېدى، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي كاۋاپ قىلىنغان بىر موزاي ئېلىپ كەلدى. ئىبراھىم ئۇلارنىڭ كاۋاپقا قول ئۇزاتمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلدى ۋە ئۇلاردىن خەۋپسىرىدى. ئۇلار: «قورقمىغىن! بىز لۇتنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتىلدۇق» دېدى. بۇ ئەسنادا ئىبراھىمنىڭ ئايالى ئۆرە تۇراتتى، كۈلدى. بىز ئۇنىڭغا ئىسھاق بىلەن ۋە ئىسھاقتىن كېيىن كېلىدىغان يەئقۇب بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق. ئۇ ئايال: «ۋىيەي! تۇغامدىمەن؟ مەن بىر موماي، شۇ بوۋاي مېنىڭ ئېرىم تۇرسا. بۇ ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىشقۇ!» دېدى . ئۇلار: «ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن ئەجەبلىنەمسەن؟ ئى بۇ ئۆينىڭ ئەھلى! ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرى سىلەرگە بولسۇن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەدھىيەگە لايىقتۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر» دېدى. ئىبراھىم ئۆزىدىن قورقۇنچ كەتكەن ۋە ئۆزىگە ئۇ خۇش خەۋەر كەلگەن چاغدا لۇتنىڭ قەۋمى توغرىسىدا بىز بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى . چۈنكى ئىبراھىم ھەقىقەتەن ئېغىر – بېسىق، باغرى يۇمشاق ۋە ئۆزىنى ئاللاھقا ئاتىغان كىشى ئىدى. ئەلچىلىرىمىز: «ئى ئىبراھىم! مۇنازىرىلىشىشنى قويغىن. شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ ئەمرى كەلدى، ئۇلارغا قايتۇرۇلمايدىغان ئازاب كەلمەكتە» دېدى» – (11 – سۈرە ھۇد، 69 ~ 76 -ئايەتلەر). «ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرىدىن خەۋەر بەرگىن: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ مېھمانلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەرگەندە ئىبراھىم: «بىز سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «قورقمىغىن! بىز ساڭا ئىلىملىك بىر ئوغلۇڭ بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز» دېدى. ئىبراھىم: «ماڭا خۇش خەۋەر بېرەمسىلەر، مەن ياشىنىپ قالغان تۇرسام؟ نېمە بىلەن خۇش خەۋەر بېرىسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ساڭا ھەق بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن سەن نائۈمىد بولغۇچىلاردىن بولمىغىن!» دېدى. ئىبراھىم: «رەببىنىڭ رەھمىتىدىن ئازغۇنلاردىن باشقا كىم نائۈمىد بولىدۇ؟» دېدى» – (15 – سۈرە ھىجر، 51 ~ 56 – ئايەتلەر). «ياشىنىپ قالغان چېغىمدا ماڭا ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. شۈبھىىسزكى، مېنىڭ رەببىم دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر. رەببىم! مېنى نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچى قىلغىن، نەسلىمدىنمۇ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچى كىشىلەر چىقارغىن. رەببىمىز! دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن. رەببىمىز! ھېساب ئېلىنىدىغان كۈندە ماڭا، ئاتا – ئانامغا ۋە مۇئمىنلارغا مەغپىرەت قىلغىن» – (14 – سۈرە ئىبراھىم، 39 ~ 41 – ئايەتلەر).

12 – ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشى

«رەببىم! ماڭا ياخشىلاردىن بولىدىغان پەرزەنت ئاتا قىلغىن». بىز ئۇنىڭغا زېرەك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق. ئوغۇل چوڭىيىپ ئاتىسى ئىبراھىم بىلەن بىللە ئىش قىلغۇدەك بولغاندا ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئى ئوغۇلچىقىم! مەن چۈشۈمدە سېنى قۇربانلىق قىلغانلىقىمنى كۆرۈۋاتىمەن، ئويلاپ باققىنا، سەن قانداق قارايسەن!» دېدى. ئوغۇل: «ئى دادىكا! ساڭا بۇيرۇلغاننى قىلغىن، ئىنشائاللاھ مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن!» دېدى. ئاتا – بالا ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تەسلىم بولۇپ، ئىبراھىم ئوغلىنى دۈم ياتقۇزغاندا، بىز ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدۇق: «ئى ئىبراھىم! چۈشۈڭنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ». شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. شۈبھىسىزكى، بۇ ئوپئوچۇق ئىمتىھان ئىدى. بىز ئبراھىمغا ئوغلىنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىق ئاتا قىلدۇق. كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق، ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!  بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. چۈنكى ئىبراھىم مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى. بىز ئۇنىڭغا نەبىي بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق. ئۇنىڭغا ۋە ئىسھاققا بەرىكەتلەر ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ نەسلى ئىچىدە ياخشىلىق قىلغۇچىلارمۇ بولىدۇ، ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ بولىدۇ» – (37 – سۈرە ساففات، 100 ~ 113).

13 – ئىبراھىمنىڭ نەسلى

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىنى ۋە ئىمراننىڭ ئائىلىسىنى تاللاپ ئالەملەردىن ئۈستۈن قىلدى. ئۇلار بىر  – بىرى بىلەن نەسىلداشتۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر‏» – (3 – سۈرە ئال ئىمران، 33 ~ 34 – ئايەتلەر). «شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئۇلاردىن ۋە ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئايرىلدى، بىز ئۇنىڭغا ئىسھاق بىلەن يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق ۋە ھەر بىرىنى نەبىي قىلدۇق. «ئۇلارغا رەھمىتىمىزدىن ئاتا قىلدۇق. ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق»- (19 – سۈرە مەريەم، 49 ~ 50 – ئايەتلەر).  «بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ھەممىسىنى ھىدايەت قىلدۇق. بىز ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. بىز ئۇنىڭ نەسلىدىن داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا ۋە ھارۇنلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. بىز زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياسلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ھەممىسى ياخشىلاردىن ئىدى. بىز ئىسمائىل، ئەليەسەئـ، يۇنۇس ۋە لۇتلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ھەربىرىنى زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى، نەسىللىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ بەزىلىرىنىمۇ ئۈستۈن قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى. ئەنە شۇلار بىز كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە نەبىيلىكنى بەرگەن كىشىلەردۇر. ئەگەر بۇ مۇشرىكلار ئۇلارنى ئىنكار قىلسا، بىز ئۇلارنى ئىنكار قىلمايدىغان قەۋمگە تاپشۇرىمىز. ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ توغرا يولىغا ئەگەشكىن ۋە ئېيتقىنكى: «مەن سىلەردىن قۇرئان يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن ئەجىر سورىمايمەن. قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن پەقەتلا ئەسلىتىشتۇر» – (6 – سۈرە ئەنئام، 84 ~ 90 – ئايەتلەر).

14 – ئىمان ئېيتقانلارنىڭ مۇكاپاتلاندۇرۇلىشى

«بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبلارنىمۇ زىكىر قىلغىن، ئۇلار كۈچلۈك ۋە ئاڭلىق كىشىلەر ئىدى. بىز ئۇلارنى ئاخىرەتنى ئويلاپ تۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھۇزۇرىمىزدا تاللانغانلاردىن ۋە ياخشىلاردىندۇر. ئىسمائىل، ئەليەسەئـ ۋە زۇلكىفلىلەرنىمۇ زىكىر قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىن ئىدى. بۇ زىكىردۇر. شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلارغا ئەلۋەتتە ياخشى ئاقىۋەت بار: ئىشىكلىرى ئۇلار ئۈچۈن ئىچىلىدىغان ئەدن جەننەتلىرى. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە تەختلەرنىڭ يۆلەنچۈكلىرىگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە كۆپ مېۋە ۋە ئىچىلىدىغان نەرسە تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يېنىدا كۆزلىرىنى ئۇلاردىن ئايرىمايدىغان تەڭتۇش قىزلار بار. سىلەر، ۋەدە قىلىنغان بۇ نەرسىلەرگە ھېساب كۈنى ئېرىشىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئۇ بىز بېرىدىغان رىزىقتۇر. ئۇ ھېچ تۈگىمەيدۇ» – (38 – سۈرە ساد، 45 ~ 54 – ئايەتلەر).

[1] ئۈمىد قىلىمەنكى، رەببىم دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغاي.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر