مۇسۇلمانلار
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام 1

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام

« ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى رەببى بىرقانچە كەلىمە(بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەر) بىلەن سىنىغان ئىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى تولۇق ئورۇنداپ بولغاندا رەببى ئۇنىڭغا: «مەن سېنى ئىنسانلارغا يېتەكچى قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «نەسلىمدىنمۇ…» دېگەن ئىدى، رەببى: «ئەھدىم زالىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ» دېدى»-(2-سۈرە بەقەرە، 124- ئايەت). «بىز ئىبراھىمنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر»-(29-سۈرە ئەنكەبۇت، 16- ئايەت). «ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار سىلەرگە ياخشى ئۈلگىدۇر. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە: «بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا – جۇدامىز، سىلەردىن تاندۇق، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا، سىلەر پەقەت ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانغا قەدەر ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك مەڭگۈ ئاشكارا بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەن ئىدى – لېكىن ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا: «ساڭا ئەلۋەتتە مەغپىرەت تىلەيمەن، ئەمما ئاللاھتىن كەلگەن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزى ئۈلگە بولمايدۇ – «رەببىمىز! بىز ساڭا تەۋەككۇل قىلدۇق، ساڭا يۆنەلدۇق، سېنىڭ ھۇزۇرىڭغا بارىمىز. رەببىمىز! بىزنى كافىرلارنىڭ قىينىشى بىلەن ئىمتىھان قىلمىغىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەببىمىز! پەقەت سەنلا ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن». ئۇلار سىلەرگە – ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان كىشىگە – ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر. كىمكى يۈز ئۆرۈسە بىلسۇنكى، ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر»-(60-سۈرە مۇمتەھىنە، 4 ~ 6- ئايەتلەر). «شۈبھىسىزكى، نۇھنىڭ يولىدا ماڭغۇچىلاردىن بىرى ئىبراھىمدۇر. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەن ئىدى»-(37-سۈرە ساففات، 83 ~ 84- ئايەتلەر).

1- ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ ھاكىمىيىتى

«ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە: «بۇتلارنى ئىلاھلار قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئاشكارا ئازغۇنلۇقتا دەپ قارايمەن» دېدى. شۇنىڭدەك بىز ئىبراھىمغا قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ باشقۇرۇلۇشىنى كۆرسىتەتتۇق. ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر پلانېتا كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋېدى: «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن» دېدى. ئاندىن چىقىۋاتقان ئاينى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. ئۇمۇ پېتىپ كېتىۋېدى: «رەببىم ماڭا توغرا يولنى كۆرسەتمىسە، مەن چوقۇم ئېزىپ كەتكۈچى قەۋمدىن بولۇپ كېتىمەن» دېدى.  ئاندىن چىقىۋاتقان قۇياشنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر. بۇ تېخىمۇ چوڭدۇر!» دېدى. ئۇمۇ پېتىپ كېتىۋېدى، مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا -جۇدامەن. شۈبھىسىزكى، مەن يۈزۈمنى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندۈردۈم، ھەقكە يۆنەلدىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن».  قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن دەتالاش قىلىشتى. ئىبراھىم دېدىكى: «سىلەر مەن بىلەن ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشامسىلەر؟ ئۇ مېنى ھىدايەت قىلغان تۇرسا. مەن سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك قىلغان نەرسىلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. لېكىن رەببىمنىڭ بىرەر نەرسە خالىشىدىن قورقىمەن. رەببىمنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئويلىمامسىلەر؟. مەن قانداقمۇ سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن قورقاتتىم! ھالبۇكى، سىلەر ئاللاھ ئۆزىنىڭ شېرىكى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشتىن قورقمايۋاتىسىلەر. بۇ ئىككى پىرقىنىڭ قايسىسى خاتىرجەم بولۇشقا ئەڭ ھەقلىق؟ ئەگەر بىلسەڭلار دەپ بېقىڭلار».  ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمانىغا زۇلۇم ئارىلاشتۇرمىغانلارغا خاتىرجەملىك بار. ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى كىشىلەردۇر.  ئەنە شۇ بىزنىڭ دەلىلىمىزدۇر. بىز ئۇنى ئىبراھىمغا قەۋمىگە قارشى بەردۇق. بىز ئۆزىمىز خالىغان كىشىنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» – (6 – سۈرە ئەنئام، 74 ~ 83 -ئايەتلەر).

2- ئىبراھىمنىڭ دىنى

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىم مېنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلىدى، يەنى رەببىم مېنى توغرا دىنغا، ھەقكە يۆنەلگەن ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئېرىشتۈردى». ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر.  ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. مەن بۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلىدۇرمەن»-(6 – سۈرە ئەنئام، 161 ~ 163 -ئايەتلەر).  «ياكى سىلەر: «ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھمۇ؟». يېنىدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى بار تۇرۇقلۇق، ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس»- (2 – سۈرە بەقەرە، 140 – ئايەت). «- ئى ئەھلى كىتاب! ئىبراھىم توغرىسىدا نېمە ئۈچۈن دەتالاش قىلىشىسىلەر؟ تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل قىلىنغان تۇرسا! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ سىلەر ئەنە شۇنداق كىشىلەركى، بىلگىنىڭلار توغرىسىدا دەتالاش قىلىشتىڭلار، بىلمىگىنىڭلار توغرىسىدا نېمە ئۈچۈن دەتالاش قىلىشىسىلەر؟ ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر. ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ئىدى. لېكىن ئۇ ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇسۇلمان ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى. ئىنسانلار ئىچىدە ئىبراھىمغا ئەڭ يېقىن بولغانلار ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر، بۇ ئەلچى ۋە مۇئمىنلاردۇر. ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ ۋەلىيسىدۇر.  ئەھلى كىتابتىن بىر گۇرۇھ سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ. لېكىن ئۇلار بۇنى تۇيمايدۇ. ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە نېمىشقا كافىر بولىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر ھەقىقەتنى كۆرۈۋاتىسىلەر. ئى ئەھلى كىتاب! نېمىشقا ھەقنى باتىل بىلەن ئارىلاشتۇرىسىلەر؟ نېمىشقا بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى يوشۇرىسىلەر؟»-(3 – سۈرە ئال ئىمران، 65 ~ 71 – ئايەتلەر). « ئاللاھ يولىدا ئۆز لايىقىدا جىھاد قىلىڭلار. ئۇ سىلەرنى بۇ ۋەزىپە ئۈچۈن تاللىدى. دىندا سىلەرنى ھېچبىر ئېغىر ئىشقا تەكلىپ قىلمىدى. بۇ ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرىكى كىتابلاردا ۋە قۇرئاندا «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىدى. ئاللاھ بۇنى، ئەلچىسىنى سىلەرگە شاھىت بولسۇن، سىلەرنى باشقا ئىنسانلارغا شاھىت بولسۇن دەپ قىلدى. ئۇنداقتا نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھنىڭ پاناھىغا سېغىنىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە ۋە نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچىدۇر!»- (22 – سۈرە ھەج، 78 – ئايەت).

3 – ئالغان ۋەھيى

«يەھۇدىيلار: «يەھۇدىي بولۇڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر» دېدى، ناسارالار: «ناسارا بولۇڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر» دېدى. سەن ئېيتقىنكى: «ياق! بىز ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز. ئىبراھىم ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى».‏ ئۇلارغا مۇنداق دەڭلار: «بىز ئاللاھقا ۋە بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بېرىلگەن كىتابلارغا، باشقا نەبىيلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز. بىز ئاللاھقىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز» – (2 – سۈرە بەقەرە، 135 ~ 136 – ئايەتلەر). « ئى مۇھەممەد! شۇ ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ يۈز ئۆرۈدى ۋە ئازغىنە بېرىپ، توختىۋالدى.  ئۇنىڭ يېنىدا غەيب ئىلمى بولۇپ، ئۇ كۆرەمدۇ؟ ياكى ئۇ مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدىكى نەرسىدىن خەۋەردار قىلىنمىدىمۇ؟ ۋاپادار ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى نەرسىدىنچۇ؟ ئۇ نەرسە شۇ: ھىچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئىنسانغا ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىدىن باشقا نەرسە يوقتۇر. ئۇنىڭ قىلمىشى يېقىندا كۆرۈلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى جازا بېرىلىدۇ. ئاخىرقى يىغىلىش ئورنى رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدۇر. پەقەتلا ئۇ كۈلدۈرىدۇ ۋە يىغلىتىدۇ. پەقەتلا ئۇ ئۆلتۈرىدۇ ۋە تىرىلدۈرىدۇ. ئۇ بىر جۈپنى – ئەركەك بىلەن چىشىنى – ياراتتى،  بالىياتقۇلارغا تۆكۈلگەن مەنىي بىلەن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن. يەنە بىر قېتىم يارىتىشنىمۇ ئۇ قىلىدۇ. پەقەتلا ئۇ بىھاجەت قىلىدۇ ۋە مۈلۈك ئىگىسى قىلىدۇ» – (53 – سۈرە نەجم، 33 ~ 48 -ئايەتلەر). «بەلكى سىلەر دۇنيا ھاياتىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر. ھالبۇكى، ئاخىرەت ھاياتى ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر. شۈبھىسىزكى، بۇ ئاۋۋالقى سەھىپىلەردىدۇر: ئىبراھىمنىڭ ۋە مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدە»-(87-سۈرە ئەئلا، 16 ~ 19- ئايەتلەر).

4 – مەككە ۋە كەئبە

«شۈبھىسىزكى، ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ بەرىكەتلىكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر.  ئۇ يەردە روشەن ئايەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. بەيتۇللاھقا بېرىشقا يول تاپالىغان كىشىلەرنىڭ ھەج قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. كىم كافىر بولسا، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ئالەملەردىن بىھاجەتتۇر»-(3- سۈرە ئال ئىمران، 96 ~ 97 -ئايەتلەر). «ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن جەم بولىدىغان ۋە ئامانلىقتا بولىدىغان يەر قىلغان ۋە ئۇلارغا: «ئىبراھىمنىڭ ماقامىدىن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ناماز ئۆتەيدىغان جاي قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: «ئۆيۈمنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇڭلار» دەپ تاپىلىغان ئىدۇق. ‏ ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «رەببىم! بۇ يەرنى ئامان شەھەر قىلغىن. بۇ يەرنىڭ ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەنلەرگە مېۋىلەردىن رىزىق بەرگىن» دېگەن ئىدى. رەببى: «ئۇلاردىن كافىر بولغانلارنىمۇ ئازراق ۋاقىت مەنپەئەتلەندۈرىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا ھەيدەيمەن. بۇ ئاقىۋەت نېمىدېگەن يامان!» دېدى.  ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئىسمائىل بىلەن بىرلىكتە كەبىنىڭ ئۇللىرنى كۆتۈرۈۋېتىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «رەببىمىز! قىلغان بۇ ئىشىمىزنى قوبۇل قىلغىن! سەن چوقۇم ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، بىلىپ تۇرغۇچىسەن. رەببىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگىلا ئىتائەتمەن قىلغىن، نەسلىمىزدىنمۇ ساڭىلا ئىتائەت قىلىدىغان ئۇممەت چىقارغىن، بىزگە ھەج ئىبادىتىمىزنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتكىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن. شۈبھىسىزكى، تەۋبىلەرنى پەقەت سەنلا قوبۇل قىلغۇچىسەن، پەقەت سەنلا كۆپ ئىنئام قىلغۇچىسەن. رەببىمىز! ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى پاكلايدىغان بىر ئەلچى ئەۋەتكىن. شۈبھىسىزكى، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»-(2 -سۈرە بەقەرە، 125 ~ 129 – ئايەتلەر). «بىز ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمىغىن، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ – سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇتقىن.  ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىلغىن. ئۇلار يېنىڭغا پىيادىمۇ كېلىدۇ، چوڭقۇر ۋە كەڭ يوللاردىن كەلگەن ئورۇق ئۇلاغلارنىڭ ئۈستىدىمۇ كېلىدۇ. ئۇلار مەنپەئەتلىرىنى كۆرسۇن، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلاردىن مەلۇم كۈنلەردە بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلسۇن. ئى قۇربانلىق قىلغۇچىلار! قۇربانلىقىڭلاردىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، موھتاجلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار، ئۇلار بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەجنىڭ قالغان پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ ئېھرامدىن چىقسۇن[1]، نەزىرلىرىگە ۋاپا قىلسۇن ۋە بەيتى ئەتىقنى تاۋاف قىلسۇن». ھەج ئەنە شۇدۇر. كىم ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان نەرسىلەرگە ھۆرمەت قىلسا، رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە ھالال قىلىندى، لېكىن  بۇلاردىن قۇرئاندا ھاراملىقى بايان قىلىنغانلىرى مۇستەسنا[2]. ئۇنداقتا بۇتلاردىن ئىبارەت بولغان نىجاسەتتىن ساقلىنىڭلار، يالغاننى سۆزلەشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھقا يۆنەلگۈچى بولۇڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى بولماڭلار. كىم ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، بىلسۇنكى، ئۇ ئاسماندىن چۈشۈپ كېتىپ قۇشلارغا يەم بولغاندەك ياكى بوران ئېلىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش مانا مۇشۇنداقتۇر. كىم ئاللاھ قويغان نىشانلارغا ھۆرمەت قىلىدىكەن، بىلسۇنكى، بۇ قەلبلەرنىڭ تەقۋالىقىدىندۇر. سىلەر ئۈچۈن قۇربانلىق ماللاردا مۇئەييەن مۇددەتكىچە مەنپەئەتلەر بار. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېتىپ بارىدىغان يېرى بەيتى ئەتىقتۇر»-(22 -سۈرە ھەج، 26 ~ 33 – ئايەتلەر).

5 – ئىبراھىمنىڭ دۇئاسى

«ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «رەببىم! بۇ شەھەرنى ئامان قىلغىن، مېنى ۋە بالىلىرىمنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ساقلىغىن! رەببىم! ھەقىقەتەن ئۇ بۇتلار نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئېزىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىم ماڭا ئەگەشسە مەندىندۇر، كىم ماڭا ئاسىيلىق قىلسا سەن ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىسەن. رەببىمىز! مەن ئائىلەمنىڭ بىر قىسمىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ يېنىدىكى تېرىقچىلىققا ناباب قاقاس ۋادىغا يەرلەشتۈردۈم. رەببىمىز! ئۇلارنى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسۇن دەپ شۇنداق قىلدىم. شۇڭا بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارغا ھەر خىل مېۋە ۋە مەھسۇلاتلاردىن رىزىق ئاتا قىلغىن. ئۈمىد قىلىمەنكى، ئۇلار شۈكۈر قىلغاي. رەببىمىز! سەن بىزنىڭ يوشۇرۇن قىلغان نەرسىمىزنى ۋە ئاشكارا قىلغان نەرسىمىزنى بىلىپ تۇرىسەن. زېمىندا بولسۇن، ئاسماندا بولسۇن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي بولۇپ قالمايدۇ»-(14 – سۈرە ئىبراھىم، 35 ~ 38 -ئايەتلەر). «رەببىم! ماڭا توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشىلار قاتارىدا قىلغىن، ماڭا كېيىنكىلەر ئىچىدە ياخشى نام قالدۇرۇشنى ۋە ياخشىلىق بىلەن ياد ئېتىلىشنى نېسىپ قىلغىن.  مېنى نەئىم جەننىتىنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن. ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن. چۈنكى ئۇ ئازغۇنلاردىندۇر. ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن، مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان كۈندە. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا»-(26 -سۈرە شۇئەرا، 83 ~ 89 -ئايەتلەر).

6 – تەسلىم بولۇشى

«دىن جەھەتتە سەمىمىي ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ۋە ھەقكە يۆنەلگەن ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ياخشى ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى»-(4 -سۈرە نىسا، 125 – ئايەت). « ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن ئۆزىنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ئەخمەقلەردىن باشقا كىم يۈز ئۆرۈيدۇ؟ بىز ئىبراھىمنى دۇنيادا تاللىدۇق. شۈبھىسزكى، ئىبراھىم ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلاردىن بولىدۇ. چۈنكى رەببى ئۇنىڭغا: «تەسلىم بول» دېگەندە، ئۇ دەرھال: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە تەسلىم بولدۇم!» دېگەن ئىدى.  بۇ دىنغا ئەمەل قىلىشنى ئىبراھىم ئۆز بالىلىرىغا ۋەسىيەت قىلدى، يەئقۇبمۇ شۇنداق قىلدى، ئۇلار: «ئى بالىلىرىم! ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن بۇ دىننى تاللىدى. ئاخىرقى نەپىسىڭلارغا قەدەر مۇسۇلمان بولۇڭلار!» دېدى. ياكى سىلەر يەئقۇبقا ئۆلۈم يېقىنلاشقاندا ئۇنىڭ يېنىدا بارمىدىڭلار؟! ئۇ بالىلىرىغا: «مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سىلەر كىمگە چوقۇنىسىلەر؟» دېگەندە، ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ بولغان، ئاتىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل ۋە ئىسھاقنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئىلاھقا چوقۇنىمىز، بىز پەقەت ئۇنىڭغىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئۇلار بىر ئۇممەت ئىدى، كېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىسى ئۆزىنىڭ، سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسەڭلار سىلەرنىڭدۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر»- (2 – سۈرە بەقەرە، 130 ~ 134- ئايەتلەر). « ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «رەببىم! ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىسەن، ماڭا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى، رەببى: «ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئەلۋەتتە ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم ئارام تاپسۇن دەپ بۇنى تەلەپ قىلىۋاتىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەببى مۇنداق دېدى: «ئۇنداق بولسا تۆت دانە قۇش تۇتۇپ، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە كۆندۈرگىن. ئاندىن ئۇلارنى كېسىپ ئارىلاشتۇرۇپ ھەر تاغنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردىن بىرەر پارچە قويغىن. ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، دەرھال يېنىڭغا كېلىدۇ. بىلگىنكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»-(2 – سۈرە بەقەرە، 260 -ئايەت). «شۈبھىسىزكى، ئىبراھىم بىر ئۇممەت ئىدى، ئاللاھقا ئىتائەتمەن ئىدى، ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنى تاللىدى ۋە توغرا يولغا باشلىدى. بىز ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق. ئۇ ئاخىرەتتىمۇ چوقۇم ياخشىلارنىڭ قاتارىدا بولىدۇ»-(16 – سۈرە نەھل، 120 ~ 122 -ئايەتلەر).

7 – يۇقىرى مەرتىبىدىكىلەرنىڭ پوزىتسىيىسى

« ئاللاھ ھۆكۈمدارلىق ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىبراھىم بىلەن رەببى توغرىسىدا دەتالاش قىلغان كىشىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «مېنىڭ رەببىم تىرىلدۈرىدىغان، ئۆلتۈرىدىغان زاتتۇر» دېگەن ئىدى، ئۇ: «مەنمۇ تىرىلدۈرىمەن، ئۆلتۈرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم: «ئۇنداق بولسا، ئاللاھ قۇياشنى مەشرىقتىن چىقىرىدۇ. قېنى، سەن ئۇنى مەغرىبتىن چىقىرىپ باق!» دېدى. ئۇ كافىر تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»-(2 – سۈرە بەقەرە، 258 -ئايەت).

8 – ئىلاھلىرى

«بىز ئىبراھىمنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. سىلەر ئاللاھنى قويۇپ پەقەت بۇتلارغىلا چوقۇنۇۋاتىسىلەر ۋە بوھتان توقۇۋاتىسىلەر. سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان زاتلار سىلەرگە رىزىق بېرەلمەيدۇ. ئۇنداقتا رىزىقنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن ئىزدەڭلار، ئاللاھقا چوقۇنۇڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر»-(29 -سۈرە ئەنكەبۇت، 16 ~ 17-ئايەتلەر). «قەۋمىنىڭ ئىبراھىمغا بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى كۆيدۈرۈڭلار». لېكىن ئاللاھ ئىبراھىمنى ئوتتىن قۇتقۇزدى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. ئىبراھىم ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: «سىلەر بۇ دۇنيا ھاياتىدا ئاراڭلاردىكى دوستلۇقنى دەپلا ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىسىلەر. ئاندىن كېيىن قىيامەت كۈنى بىر – بىرىڭلارنى ئىنكار قىلىسىلەر، بىر – بىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچ ياردەمچى يوقتۇر»-(29 -سۈرە ئەنكەبۇت، 24 ~ 25-ئايەتلەر). «ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ خەۋىرىنى  ئوقۇپ بەرگىن: ئىبراھىم ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «نېمىگە چوقۇنىسىلەر؟» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «بۇتلارغا چوقۇنىمىز ۋە بۇ چوقۇنىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى. ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار ئاۋازىڭلارنى ئاڭلامدۇ؟ ياكى ئۇلار سىلەرگە پايدا يەتكۈزەلەمدۇ؟ ۋە ياكى زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟». ئۇلار: «ياق، ھېچبىرىنى قىلالمايدۇ. ئاتا – بوۋىلىرىمىز مۇشۇنداق قىلغان ئىكەن» دېيىشتى. ئىبراھىم ئېيتتى: «چوقۇنغان نەرسىلىرىڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى! بۇرۇنقى ئاتا – بوۋىلىرىڭلارچۇ؟ بىلىڭلاركى، سىلەر چوقۇنغان نەرسىلەر مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر. ئالەملەرنىڭ رەببى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇ مېنى ياراتقان زاتتۇر. ئۇ مېنى توغرا يولغا باشلايدۇ. ئۇ شۇنداق زاتكى، ماڭا يېمەكلىك بېرىدۇ، ماڭا ئۇسسۇلۇق بېرىدۇ، كېسەل بولسام شىپالىق بېرىدۇ. ئۇ شۇنداق زاتكى، مېنى ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ. ئۇ شۇنداق زاتكى، مەن ئۇنىڭ جازا ۋە مۇكاپات كۈنى خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەببىم! ماڭا توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشىلار قاتارىدا قىلغىن»-(26 -سۈرە شۇئەرا، 69 ~ 83 -ئايەتلەر). «بىز ئىلگىرى ئىبراھىمغا ئەقلىي كامالىتىنى بەرگەن ئىدۇق. بىز ئۇنى بىلەتتۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «شۇ ھەيكەللەرگە نېمە ئۈچۈن چوقۇنىسىلەر؟» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئۇلارغا چوقۇنغان ئىكەن» دېدى. ئۇ: «سىلەرمۇ، ئاتا – بوۋاڭلارمۇ ھەقىقەتەن ئېزىپ كەتكەن ئىكەنسىلەر!» دېدى. ئۇلار: «سەن بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدىڭمۇ ياكى چاقچاق قىلغۇچىلاردىنمۇسەن؟» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەقنى ئېلىپ كەلدىم، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببىدۇر. ئۇلارنى ئۇ ياراتقان. مەن بولسام بۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن بىرىمەن». ئاندىن كۆڭلىدە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر كەتكەندىن كېيىن بۇتلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلاش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كەتكەندىن كېيىن بۇتلارنى چېقىپ پارچە – پارچە قىلىۋەتتى. پەقەت ئۇلار قايتىپ كېلىپ سورىسۇن دەپ چوڭ بۇتنىلا چاقماي قالدۇرۇپ قويدى. ئۇلار بارغان يېرىدىن قايتىپ كېلىپ: «ئىلاھلىرىمىزغا بۇنى كىم قىلدى؟ كىم قىلغان بولسا ئۇنىڭ زالىملاردىن بىرى ئىكەنلىكىدە شەك يوق» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىسى: «بىز ‹ئىبراھىم› دېيىلىدىغان بىر يىگىتنىڭ ئۇلارغا تىل تەگكۈزىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان» دېدى. يەنە بەزىسى: «ئۇنداقتا ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىغا چىقىرىڭلار، شاھىتلىق قىلىشلىرى مۇمكىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم كەلتۈرۈلدى، ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! ئىلاھلىرىمىزغا  بۇنى سەن قىلدىڭمۇ؟» دېدى. ئۇ: «ياق، بۇ ئىشنى ئاشۇ چوڭى قىلغان بولسا كېرەك. بۇنى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن سوراڭلار، ئەگەر گەپ قىلالىسا!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزىگە كېلىپ ئۆزئارا: «ئەسلىدە زالىملار سىلەردۇرسىلەر» دېيىشتى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇرۇنقى ئېتىقادىغا قايتىپ: «ئىبراھىم! سەنمۇ ئوبدان بىلىسەن، بۇلار گەپ قىلالمايدۇ ئەمەسمۇ!» دېيىشتى. ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «ئۇنداقتا سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، سىلەرگە ھېچ پايدا – زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟ سىلەرگە ۋە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارغا تۈفى! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟». ئۇلار: «ئۇنى كۆيدۈرۈڭلار ۋە ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار. ئەگەر بىرەر ئىش قىلماقچى بولساڭلار» دېيىشتى. بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىم ئۈچۈن سوغۇق ۋە زىيانسىز بول» دېدۇق. ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، ئەمما بىز ئۇلارنى ناھايىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتۇق. بىز ئىبراھىمنى ۋە لۇتنى قۇتقۇزۇپ، ئالەملەر ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلغان يۇرتقا يەرلەشتۈردۇق. بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە ئارتۇق ھەدىيە سۈپىتىدە يەئقۇبنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشىلار قىلدۇق. بىز ئۇلارنى ئەمرىمىز بويىچە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان يېتەكچىلەر قىلدۇق، ئۇلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشنى، زاكاتنى بېرىشنى ۋەھىي قىلدۇق. ئۇلار بىزگىلا ئىبادەت قىلغۇچىلار ئىدى» – (21 -سۈرە ئەنبىيا، 51 ~ 73-ئايەتلەر). « ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟ ئاللاھنى قويۇپ بىر قىسىم ئويدۇرما ئىلاھلارنى ئارزۇ قىلامسىلەر؟ ئالەملەرنىڭ رەببى توغرىسىدىكى گۇمانىڭلار نېمە؟». ئاندىن ئىبراھىم يۇلتۇزلارغا قارىدى ۋە: «مەن كېسەل» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىبراھىمنى قويۇپ كېتىشتى. ئاندىن ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئېيتتى: «يېمەمسىلەر؟ سىلەرگە نېمە بولدىكىن گەپ قىلمايۋاتىسىلەر؟»، ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئىبراھىمنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى. ئىبراھىم ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر ئۆزۈڭلار ئويۇپ ياسىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ئىشلىگەن نەرسەڭلەرنى ئاللاھ ياراتتى!». ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، ئاندىن ئۇنى ئوتنىڭ ئىچىگە ئېتىڭلار». ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ تۆۋەن بولغۇچىلار قىلدۇق. ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن رەببىم بۇيرۇغان يەرگە كېتىمەن. ئۇ ماڭا يول كۆرسىتىدۇ»-(37 -سۈرە ساففات، 85 ~ 89-ئايەتلەر).

[1] ئېھرامدىن چىقىش- چاچنى چۈشۈرتۈش ياكى قىسقارتىش ۋە بەدەن تازىلىقى قىلىپ ئادەتتىكى كىيىمىنى كىيىش بىلەن بولىدۇ.

[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 173 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 3 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 145 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 115 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر