مۇسۇلمانلار

72 – مېھماننى ھۆرمەتلەش

 مېھماننى ھۆرمەتلەش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ ضَيْفِ إِبْرَاهِيمَ الْمُكْرَمِينَ إِذْ دَخَلُوا عَلَيْهِ فَقَالُوا سَلَامًا قَالَ سَلَامٌ قَوْمٌ مُّنكَرُونَ فَرَاغَ إِلَى أَهْلِهِ فَجَاء بِعِجْلٍ سَمِينٍ فَقَرَّبَهُ إِلَيْهِمْ قَالَ أَلَا تَأْكُلُونَ

«(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ: «سالام»، دېدى. ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى. (ئىچىدە): «ناتونۇش ئادەملەرغۇ»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر؟»، دېدى»-(سۈرە زارىيات 24 — 27- ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

وَجَاءهُ قَوْمُهُ يُهْرَعُونَ إِلَيْهِ وَمِن قَبْلُ كَانُواْ يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ قَالَ يَا قَوْمِ هَـؤُلاء بَنَاتِي هُنَّ أَطْهَرُ لَكُمْ فَاتَّقُواْ اللّهَ وَلاَ تُخْزُونِ فِي ضَيْفِي أَلَيْسَ مِنكُمْ رَجُلٌ رَّشِيدٌ

«لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كېلىشتى، ئۇلار بۇرۇنلا يامان ئىشلارنى قىلاتتى (يەنى لىۋاتەت قىلاتتى). لۇت ئېيتتى: «ئى قەۋمىم» مېنىڭ بۇ قىزلىرىم سىلەرگە ئەڭ پاكتۇر، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، مېھمانلىرىم ئۈستىدە مېنى رەسۋا قىلماڭلار، ئاراڭلاردا قەبىھ ئىشتىن توسىدىغان بىرەر كاللىسى جايىدا ئادەم يوقمۇ؟»-(سۈرە ھۇد 78- ئايەت).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، مېھمىنىنى ھۆرمەت قىلسۇن! كىمكى ئاللا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، سىلە رەھىم قىلسۇن! كىمكى ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، ياخشى گەپ قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن!». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مېھماننى ھۆرمەتلەش ئىمانى كامىللىقنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكى، مېھماننى ھۆرمەتلەشنىڭ خۇش چىراي ئېچىش بىلەن، كىچىكتۈرمەي زىياپەت تەييارلاش ۋە مېھماننىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇش بىلەن بولىدىغانلىقى، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق رىشتىسىنى باغلاش ئىماننىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش دېگەن ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، يوقلاپ تۇرۇش ۋە ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش ئارقىلىق بولىدىغانلىقى.

2) ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش توغرىلق ۋە باشقا ياخشى سۆزلەرنى سۆزلەشتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاز سۆزلەش ياكى سۈكۈت قىلىش كېرەكلىكى.

  1. ئەبۇ شۇرەي خۇۋەيلد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىمكى ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، ئۇ مېھمىنىنىڭ ئىنئامىنى بېرىپ ھۆرمەتلىسۇن» ساھابىلەر سورىدى: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئىنئامىنى بىرىش دېگەن قانداق بولىدۇ؟» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كىچە-كۈندۈز ياخشى كۈتسۇن، مېھماندارچىلىق دېگەن ئۈچ كۈن بولىدۇ. ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتسە سەدىقە ھېسابلىنىدۇ»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇسۇلمان ئادەم قېرىندىشىنىڭ ئۆيىدە ئۇزۇن تۇرۇپ، قېرىندىشىنى گۇناھكار قىلىپ قويۇشتىن ساقلانسۇن»، دېدى. ساھابىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنى قانداق قىلىپ گۇناھكار قىلىپ قويىدۇ؟»، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: «قېرىندىشىنىڭ ئۆيىدە شۇ قەدەر ئۇزۇن تۇرۇۋالاركى، ساھىبخاننىڭ ئۇنى مېھمان قىلغۇدەك نەرسىسى قالماس»، دېدى.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مېھمان قىلىشنىڭ ئۈچ كۈن بولىدىغانلىقى، ئۈچ كۈندىن ئارتۇق بولسا سەدىقە بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق قىلىشنىڭ ئېسىل پەزىلەت ئىكەنلىكى.

2) مېھمىنىنى تۇنجى كۈنى ئىنتايىن ياخشى كۈتۈش، قالغان ئىككى كۈندە بولسا قولىدىن كېلىشىچە كۈتۈش.

3) مۇسۇلمان كىشىنىڭ مېھمان قىلغۇدەك نەرسىسى قالمىغان قېرىندىشىنىڭ يېنىدا ئۇنى غەيۋەت ياكى يالغان سۆزلەشكە ئوخشاش گۇناھ ئىشلارغا چۈشۈرۈپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن مېھمان بولۇپ تۇرۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر