مۇسۇلمانلار

قانداق ئىش شېرىك ھېسابلىنىدۇ؟

قانداق ئىش-ھەرىكەتلەر شىرىك بولىدۇ؟

تۆۋەندە بېرىلىدىغان زۈمەر سۈرىسىنىڭ 3-ئايىتى، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ خاتا ئېتىقادلىرىنى بايان قىلىدۇ. لېكىن بۇ ئايەت پەقەت تارىخى بىر ھادىسىنىلا خەۋەر بەرمەستىن، كېيىنكى نەسىلللەرنى ئوخشاش خاتالىققا چۈشۈپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاء مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَى إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ﴾

«ئاگاھ بولۇڭلاركى، خالىس دىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھتىن غەيرىينى ۋەلىي قىلىۋالغانلار: «بىز ئۇلارغا پەقەت بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن دەپ ئىبادەت قىلىمىز» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ»-(‏39-سۈرە زۇمەر، 3- ئايەت).

  1. 1- ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىن بولۇش ئارزۇسى

مەككىدىكى مۇشرىكلار، بىر قىسىم جانلىقلارنى ئۆزىگە ۋەلىي (يېقىن، دوست) قىلىپ، ئۇلارنى مۇقەددەس بىلدى، ئۇلارنى ھاياتنىڭ، تەبىئەتنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى، چەكسىز كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە دەپ قارىدى. شۇنداق، ئۇلار ئۆز قۇلى بىلەن ياسىغان بۇتلارغا چوقۇناتتى. لېكىن ئۇ بۇتلارنىڭ بىتون، ياغاچ جىسمىغا ئەمەس! بەلكى، ئۇلاردىكى روھانى كۈچكە چوقۇناتتى، ئۇلاردا شۇنداق بىر كۈچنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇلار، ئۇ روھلارغا ئىبادەت قىلاتتى. پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ قارايتتى. ئۇلارنى تەسۋىرلىگە بۇتلارنى ياساپ: «بىز ئۇلارغا پەقەت بىزنى ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرسۇن دەپ ئىبادەت قىلىمىز» دەيتتى. ھالبۇكى «ياخشى نىيەت ھاراملارنى مۇباھ قىلالمايدۇ». يەنى ھەر ۋاقىت نىيەت مۇھىم ئورۇندا تۇرمايدۇ. قىلىنغان ئىش، كۆرسەتكەن پائالىيەتلەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

مەسىلەن: ھىچبىر مۇسۇلمان نىيىتىم ياخشى دەپ، ھاراق ئىچمەيدۇ، قىمار ئوينىمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ! ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئاللاھقا يېقىن بولۇشتۇر. ئۇ ھەرقانداق ئىشىنى بۇ ئارزۇسىغا يېتىش نىيىتى بىلەن قىلىدۇ. لېكىن نىيىتىمىز مۇشۇنداق كاتتا بولسىمۇ ئۇنى ئەمەل ئاشۇرۇش ئۈچۈن خاتا يولدا ماڭساق قىلغان ئەمىلىمىز خاتا بولىۋېرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاللاھ يىقىنلىشىش پەقەت ئۇ كۆرسەت يوللار بىلەن بولۇشى كېرەك. ئەكسىچە ئۆزىمىز ئۇيدۇرىۋالغان يوللار بىلەن بولغاندا، قىلغان ئىبادىتىمىزنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ. ئاللاھقا يىقىنلىشىش نىيىتى بىلەن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق مەۋجۇداتقا ئىبادەت قىلىشقا بولمايدۇ.

ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئىبادەت ئۇقۇمىنى يەنە بىر قىتىم ئەسلىتىپ ئۆتىشىمىزدە پايدا بار. يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك ئىبادەت، مەنىسى تارايتىلغان ئۇقۇملاردىن بىرىدۇر. ئىبادەت دېسە كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا بىرىنىڭ ئالدىدا ئېگىلىپ رۇكۇ، سەجدە قىلىش دېگەن چۈشەنچە كېلىدۇ. لېكىن بۇ ئىبادەتنىڭ ناھايىتى كىچىك بىر پارچىسى خالاس. ئىبادەت – بىرىگە شەك-شۈبھىسىز بويۇن ئىگىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.  ئۇ ھۆرمەت ۋە كەمتەرلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەرتىبىسىدۇر. ئىبادەت قۇل بولۇش دېمەكتۇر. ئەرەپچىدە ئەبد (عبد)، بىرىنىڭ قۇل-چۆرىسىگە بېرىلگەن ئىسىمدۇر. قۇل، خوجايىنى، ئىگىسى بولغان كىشىدۇر.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاللاھتىن باشقا ھەر قانداق بىر كىشى ياكى بىر مەۋجۇداتنى سۇئال-سوراقسىز، شەرتسىز ئىتائەت قىلىنىدىغان يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش، بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە ئېتىراز قىلغىلى بولمايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش، خاتالىرىنى يۈزىگە دېيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ داۋاملىق خاتا ئىشقىلىشىغا كۆز يۇمۇش ئۇ كىشى/ مەۋجۇداتقا قۇل بولۇش دېمەكتۇر.

ئۇ كىشى ياكى ماقامنىڭ ئالدىدا رۇكۇ، سەجدە قىلمىسىمۇ مۇشۇ ئېتىقادنىڭ ئۆزى ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ شېرىككە چۈشۈپ قىلىش سەۋەبلىرىنىڭ ئەڭ بېشىدا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ياخشى نىيەت كېلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىن بولۇش ئارزۇسىدۇر. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە قانداق يېقىن بولغىلى بولىدىغانلىقىنى كىتابىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق بايان قىلغاندۇر. كىتابنىڭ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىدە ئاللاھ تائالا «ئۆزەڭلەر بىلەن مېنىڭ ئارامغا ھېچقانداق بىر مەۋجۇداتنى ۋاسىتە قىلماڭلار» دەيدۇ. ھەم قاف سۈرىسى 16 – ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ

«ئىنساننى ھەقىقەتەن بىز ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز»-(50-سۈرە قاف، 16- ئايەت).

دەرۋەقە بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن بولغان رەببىمىز بىلەن ئارىمىزغا باشقا بىر مەۋجۇداتنى قويغان ۋاقتىمىزدىن باشلاپ ئاللاھنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويغان بولىمىز.

بۇ سەۋەبتىن ھەر قانداق ئىنسان ئىبادەتلەردە ئاللاھ بىلەن ئارىسىغا ۋاسىتە قويماسلىقى ۋە بۇ خۇسۇستا ياخشى نىيەتنىڭ ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. ئىنسان قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ قۇرئانغا ئۇيغۇن كەلگەن كەلمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. ئۇنىڭغا ئەڭ مۇھىم بولغان ئىش بۇدۇر.     

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر