مۇسۇلمانلار

71 – ئاممىۋى سورۇنلاردا تەمكىنلىكنى ساقلاش

 ناماز ۋە ئىلىم سورۇنلىرى قاتارلىق ئىبادەت ئورۇنلىرىغا كەلگەندە تەمكىنلىكنى ساقلاش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

ذَلِكَ وَمَن يُعَظِّمْ شَعَائِرَ اللَّهِ فَإِنَّهَا مِن تَقْوَى الْقُلُوبِ

«ئىش مانا شۇنداق، كىمكى دىنى ئىشلارنى ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدۇر»-(22 – سۈرە ھەج، 32- ئايەت).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغان: «جامائەت نامىزى باشلىنىپ كەتكەن بولسا، نامازغا يۈگۈرۈشۈپ كەلمەڭلار، بەلكى ئالدىرىماي، تەمكىنلىك بىلەن كېلىڭلار، نەچچە رەكئەت نامازغا ئۈلگۈرەلىسەڭلار، شۇنچە رەكئەت ئوقۇڭلار، ئۈلگۈرەلمىگەن نامىزىڭلارنى تولۇقلىۋالساڭلار بولىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ناماز ئوقۇشقا نىيەت قىلىپ ماڭسىلا ئۇ ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى بىلەن باراۋەر»، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) جامائەت نامىزىغا يىتىشىۋېلىش ئۈچۈن يۈگۈرۈشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئىنساندا جىددىيلىشىش بولۇپ، نامازغا كەيپىياتى ياخشى ھالدا كىرەلمەيدىغانلىقى.

2) نامازغا ھوزۇرى قەلب ۋە تەمكىنلىك بىلەن كىرىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

3) نامازنى دەپ قەدەم ئالغان كىشىگە بىرىنچى قەدەمدىن باشلاپ ساۋاب يېزىلىپ تۇرىدىغانلىقى.

  1. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەرەفە كۈنى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەينى تەرىپىدىن چىققان ۋارقىرىغان، تۆگىلەرنى ھەيدىگەن ۋە ئۇرغان ئاۋازلارنى ئاڭلاپ، قامچىسى بىلەن كىشىلەرنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ: «ئى ئىنسانلار، ئالدىراقسانلىق قىلماڭلار، ئېغىر-بېسىق بولۇڭلار، ئالدىراپ-تىنەش بىلەن ياخشىلىققا ئېرىشكىلى بولمايدۇ»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىبادەتلەرنى خۇدادىن قورققان ۋەزمىن ھالدا ئادا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى ۋەزمىنلىكنىڭ ئىبادەتنى ھوزۇرى قەلب بىلەن قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ. ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى شۇ كىشىنىڭ ئىبادەتنى ئاللاھتىن قورققان ھالدا ھوزۇرى قەلب بىلەن قىلىشىغا قاراپ بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر