مۇسۇلمانلار
لۇت ئەلەيھىسسالام 1

لۇت ئەلەيھىسسالام

لۇت ئەلەيھىسسالام

«شۈبھىسىزكى، لۇتمۇ ئەلچىلىرىمدىن ئىدى»-(37-سۈرە ساففات، 133- ئايەت). «لۇتنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېگەن ئىدى»-(26-سۈرە شۇئەرا، 160- ئايەت).

1- لۇت ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنگەن

«شۇنىڭ بىلەن لۇت ئىبراھىمغا ئىشەندى…»-(29-سۈرە ئەنكەبۇت، 26- ئايەت). «بىز ئىبراھىمنى ۋە لۇتنى قۇتقۇزۇپ، ئالەملەر ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلغان يۇرتقا يەرلەشتۈردۇق»-(21-سۈرە ئەنبىيا، 71- ئايەت).

2- ۋەزىپىسى

«لۇتنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى لۇت مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟  مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ»-(26-سۈرە شۇئەرا، 160 ~ 164- ئايەتلەر).

3- قەۋمىنىڭ ئەسكىلىكلىرى

«لۇتنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى لۇت مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟  مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ. ئالەملەرنىڭ ئىچىدىن ئەرلەر بىلەن بىر يەردە بولامسىلەر؟[1]،  رەببىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تەرك ئېتەمسىلەر؟ بەلكى سىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر».  ئۇلار: «ئى لۇت! ئەگەر بۇ سۆزلىرىڭدىن يانمىساڭ، چوقۇم سۈرگۈن قىلىنغۇچىلاردىن بولىسەن» دېدى. لۇت مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرنىڭ قىلىمىشىڭلارنى قاتتىق يامان كۆرگۈچىلەردىنمەن. رەببىم! مېنى ۋە ئائىلە – تاۋابىئاتىمنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن قۇتقۇزغىن».  شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق. ھالاك بولغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا قالغان موماي بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاندىن باشقىلارنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر تۈرلۈك يامغۇر ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ يامغۇرى نېمىدېگەن يامان! شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»-(26-سۈرە شۇئەرا، 160 ~ 175- ئايەتلەر). « بىز لۇتنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟  سىلەر ئاياللىرىڭلارنى قويۇپ، شەھۋەت ئۈچۈن ئەرلەر بىلەن بىر يەردە بولامسىلەر؟ دېمەك، سىلەر جاھىللىق قىلىۋاتقان قەۋمسىلەر».  قەۋمىنىڭ لۇتقا بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «لۇتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا بەك ھېرىس ئىنسانلاردۇر!». شۇنىڭ بىلەن بىز لۇتنى ۋە ئائىلىسىنى قۇتقۇزدۇق، ئايالى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇنىڭ ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولۇشىنى ئالدىن بېكىتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر تۈرلۈك يامغۇر ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان!»-(27-سۈرە نەمل، 54 – 58- ئايەت). «بىز لۇتنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر ھازىرغىچە پۈتۈن ئالەم ئىچىدىن ھېچكىم قىلمىغان قەبىھ ئىشنى قىلىۋاتىسىلەر. سىلەر ئەرلەر بىلەن بىر يەردە بولۇۋاتىسىلەر، نەسىلنىڭ يولىنى ئۈزۈۋاتىسىلەر، سورۇنلىرىڭلاردا يامان ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر، شۇنداق ئەمەسمۇ!» شۇنىڭ بىلەن قەۋمىنىڭ لۇتقا بەرگەن بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن!». لۇت: «رەببىم! بۇ بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم قىلغىن» دېدى. ئەلچىلىرىمىز ئىبراھىمغا خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا: «بىز شۇ يۇرت ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز. چۈنكى ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ھەقىقەتەن زالىم بولدى» دېدى. ئىبراھىم: «ئۇ يەردە لۇت بارغۇ!» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇ يەردە كىمنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قۇتقۇزىمىز. لېكىن ئۇنىڭ ئايالى ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ» دېدى. ئەلچىلىرىمىز لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، لۇت ئۇلار توغرۇلۇق قايغۇردى ۋە چارىسىز قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلچىلىرىمىز مۇنداق دېدى: «قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن. بىز سېنى ۋە ئائىلەڭنى قۇتقۇزىمىز. لېكىن ئايالىڭ ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ. بىز شۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ئۈستىگە ئاسماندىن پاسكىنىلىق چۈشۈرىمىز. چۈنكى ئۇلار فاسىق بولدى».  بىز ئۇ يۇرتتىن، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋمگە روشەن ئايەت قالدۇردۇق»-(29-سۈرە ئەنكەبۇت، 28 ~ 35- ئايەتلەر).

4- قەۋمىنىڭ ئورنى

«بىز ئىبراھىمنى ۋە لۇتنى قۇتقۇزۇپ، ئالەملەر ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلغان يۇرتقا يەرلەشتۈردۇق»-(21-سۈرە ئەنبىيا، 71- ئايەت). «سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەتىگەنلىرى ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. كېچىلىرىمۇ ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟»-(37-سۈرە ساففات، 138- ئايەت).

5- لۇتنىڭ ئايالى

«ئاللاھ كافىرلارغا نۇھ ۋە لۇتنىڭ ئاياللىرىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئىككى ئايال، بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىنىڭ نىكاھىدا ئىدى، ئۇ ئىككى ئايال ئۇ ئىككى ياخشى بەندىگە خىيانەت قىلدى، ئۇ ئىككى ياخشى بەندە ئاللاھتىن كەلگەن ھېچ نەرسىنى ئۇ ئىككى ئايالدىن دەپئى قىلالمىدى. ئۇ ئىككى ئايالغا: «كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە دوزاخقا كىرىڭلار!» دېيىلدى. ئاللاھ مۇئمىنلارغا فىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئايال ئۆز ۋاقتىدا: «رەببىم! ھۇزۇرىڭدا، جەننەتتە مەن ئۈچۈن ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنىمۇ مىسال قىلدى. ئۇ ئىپپىتىنى ساقلىغان قىز ئىدى. بىز ئۇنىڭ بالىياتقۇسىغا روھىمىزدىن پۈۋلىدۇق، ئۇ رەببىنىڭ سۆزلىرى ۋە كىتابلىرىغا چىن قەلبىدىن ئىشەندى، ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى»-(66-سۈرە تەھرىم، 10 ~ 12- ئايەتلەر).

6- ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئورتاق مەيدانى

«ئى مۇھەممەد! ئەگەر بۇ مۇشرىكلار سېنى يالغانچى دېسە، بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد ۋە سەمۇدلەرمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلەرنى يالغانچى دېگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى ۋە مەديەن ئاھالىسىمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلەرنى يالغانچى دېگەن ئىدى. مۇسامۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى. مەن ئۇ كافىرلارغا باشتا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم. ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟  بىز نۇرغۇن يۇرتلارنى ھالاك قىلدۇق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاھالىلىرى زالىم ئىدى. ئۇ يۇرتلار يىقىلىپ خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتتى. بىز نۇرغۇن قۇدۇقلارنى تاشلاندۇق، نۇرغۇن ھەشەمەتلىك سارايلارنى ئىگە – چاقىسىز قىلىپ قويدۇق. مۇشرىكلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار سەير قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بولاتتى، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن ئەقىل ئىشلىتەتتى، ياكى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بولاتتى، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئاڭلايتتى. شۈبھىسىزكى، كۆزلەر كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ»-(22-سۈرە ھەج، 42 ~ 46- ئايەتلەر).

7- جازا

«بىز لۇتنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «سىلەردىن ئىلگىرى ئالەملەردىن ھېچكىم قىلمىغان قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟ سىلەر ئاياللىرىڭلارنى قويۇپ شەھۋەت ئۈچۈن ئەرلەرگە كېلىۋاتىسىلەر. دېمەك، سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى. قەۋمىنىڭ لۇتقا بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «ئۇلارنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا بەك ھېرىسمەن كىشىلەردۇر!». شۇنىڭ بىلەن بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى قۇتقۇزدۇق، ئايالى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇ ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولدى. بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر تۈرلۈك يامغۇر ياغدۇردۇق. قارىغىنا، ئۇ گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟»-(7-سۈرە ئەئراف، 84- ئايەت). « ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! يەنە قانداق ۋەزىپەڭلار بار؟» دېدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز گۇناھكار قەۋمگە ئەۋەتىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن ياسالغان تاشلارنى ياغدۇرۇش ئۈچۈن كەلدۇق. ئۇلار رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە سېلىنغان تاشلاردۇر».  بىز ئۇ ئەسنادا ئۇ يەردىكى مۇئمىنلارنى چىقاردۇق. بىز ئۇ يەردە بىر ئائىلىدىن باشقا مۇسۇلمان ئۇچراتمىدۇق. ئۇ يەردە، ئەلەملىك ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ئايەت قالدۇردۇق»-(51-سۈرە زارىيات، 31 ~ 37- ئايەتلەر). «ئەلچىلىرىمىز لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، لۇت ئۇلار توغرۇلۇق قايغۇردى، ئىچى پۇشتى ۋە: «بۇ ئېغىر كۈندۇر!» دېدى. لۇتنىڭ قەۋمى يۈگۈرۈشۈپ لۇتنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار بۇرۇنمۇ يامان ئىشلارنى قىلاتتى. لۇت مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئەنە شۇ ئاياللار، مېنىڭ قىزلىرىمدۇر.[2] ئۇلار بىلەن ئۆيلىنىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پاك ئىشتۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە مېھمانلىرىمنىڭ ئالدىدا مېنى رەسۋا قىلماڭلار! ئاراڭلاردا ئەقلى – ھوشى جايىدا ئادەم يوقمۇ؟».  ئۇلار: «سەن ئوبدان بىلىسەنكى، قىزلىرىڭدا بىز ئۈچۈن ھېچقانداق ھەق يوق.[3] سەن بىزنىڭ مەقسىتىمىزنى ئوبدان بىلىسەن» دېدى. لۇت: «كاشكى، مېنىڭ سىلەرگە قارشى كۈچۈم بولغان بولسا ياكى مۇستەھكەم يۆلەنچۈككە يۆلەنگەن بولسام!» دېدى. ئەلچىلەر: «ئى لۇت! شۈبھىسىزكى، بىز رەببىڭنىڭ ئەلچىلىرىدۇرمىز. ئۇلار ساڭا ھەرگىزمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. سەن كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئائىلەڭنى ئېلىپ يولغا چىققىن. سىلەردىن ھېچكىم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، ئايالىڭ مۇستەسنا. چۈنكى قەۋمىڭنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلار ئۇنىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇش زامانى سۈبھى ۋاقتىدۇر. سۈبھى ۋاقتى يېقىن ئەمەسمۇ؟» دېدى. ئاندىن ئەمرىمىز كەلگەن چاغدا بىز ئۇ يەرنى كۆمتۈرۈپ، ئۈستىگە بۇرۇن تەييارلاپ قويۇلغان ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق»-(11-سۈرە ھۇد، 77 ~ 82- ئايەتلەر).

«شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەلچىلەر لۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەندە،  لۇت: «سىلەر ھەقىقەتەن ناتونۇش قەۋمغۇ!» دېدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: «بەلكى بىز ساڭا قەۋمىڭ شۈبھىلىنىۋاتقان ئازابنى ئېلىپ كەلدۇق. ساڭا ھەقنى ئېلىپ كەلدۇق، بىز ئەلۋەتتە توغرا سۆزلەۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئائىلەڭنى ماڭدۇرغىن، سەنمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغىن، سىلەردىن ھېچكىم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، بۇيرۇلغان يېرىڭلارغا قاراپ مېڭىڭلار». بىز لۇتقا شۇ قەتئىي بۇيرۇقنى ۋەھىي قىلدۇق: «ئۇلار ئەتىگەنگە ئۇلاشقاندا يىلتىزى قۇرۇتىلىدۇ!». شەھەر خەلقى خۇشاللىق ئىچىدە لۇتنىڭ ئۆيىگە كەلدى. لۇت ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «بۇلار مېنىڭ مېھمانلىرىم، مېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا رەسۋا قىلماڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مېنى خىجىل قىلماڭلار».  ئۇلار: «بىز سېنى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشتىن توسمىغانمىدۇق؟» دېدى. لۇت: «ئەنە شۇ ئاياللار مېنىڭ قىزلىرىم، خالىساڭلار ئۇلار بىلەن ئۆيلىنىڭلار» دېدى. ئى مۇھەممەد! ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار خۇدىنى يوقاتقان ھالەتتە تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى. كۈن چىقىۋاتقاندا ئۇلارنى دەھشەتلىك ئاۋاز باستى. بىز ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى كۆمتۈرۈپ، ئۈستىگە ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق. بۇنىڭدا دىققەت بىلەن كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەتلەر بار. شۈبھىسىزكى، ئۇ يۇرتنىڭ خارابىلىكى ھازىرمۇ ئىنسانلار ئۆتۈپ تۇرىدىغان يول ئۈستىدىدۇر. ئۇ خارابىلىكتە مۇئمىنلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار»-(15-سۈرە ھىجىر، 66 ~ 77- ئايەتلەر). «كۆمتۈرۈۋېتىلگەن يۇرتلارنىمۇ ھالاك قىلىپ، يەر ئاستىغا پاتۇرۇۋەتتى. ئۇ يۇرتلارنى قاپلىۋالغان نەرسە قاپلىۋالدى»-(53-سۈرە نەجم، 53 ~ 54- ئايەتلەر).

8 – مۇئمىنلارنىڭ مۇكاپاتى

«لۇتنىڭ قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى يالغان دېدى.  بىز ئۇلارغا تاش ئەۋەتتۇق. لۇتنىڭ ئائىلىسى مۇستەسنا. بىز ئۇلارنى سەھەردە قۇتقۇزدۇق، ئۇلارغا نېمەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق. بىز شۈكۈر قىلغانلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز»-(54-سۈرە قەمەر، 33 ~ 35- ئايەتلەر).

[1]  پۈتۈن ئالەم ئەھلىنىڭ ئىچىدە ھېچكىم قىلمىغان بۇ قەبىھ ئىشنى سىلەر قىلامسىلەر؟ (قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 80 – ئايەت).

[2]   قەۋمىنىڭ ئىچىدىكى ئاياللارنى دېمەكچى. چۈنكى نەبىي ئۈممىتىنىڭ ئاتىسى، نەبىينىڭ ئايالى ئۇممىتىنىڭ ئانىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن لۇت (ئە.س) ئۇ ئاياللارنى «قىزلىرىم» دېگەن.‏

 [3]بىز سېنىڭ قىزلىرىڭ بىلەن ئۆيلىنىپ، ئۇلارنى بىزنىڭ ھەققىمىز بار ھالەتكە كەلتۈرۈشنى خالىمايمىز.‏

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر