مۇسۇلمانلار

70 – ۋەز-نەسىھەتنى قىسقا قىلىش

 يىغىنچاق ۋەز-نەسىھەت قىلىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

ادْعُ إِلِى سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ

«پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن»-(16-سۈرە نەھل، 125- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

  1. ئەبۇ ۋائىل شەقىق ئىبن سەلەمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبن مەسئۇد بىزگە ھەر پەيشەنبە ۋەز-نەسىھەت قىلاتتى. بىر كىشى: «ئى ئىبن مەسئۇد، بىزگە ھەركۈنى ۋەز-نەسىھەت قىلساڭ، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە!»، دېگەندە، ئىبن مەسئۇد: «مەن سىلەرنىڭ زېرىكىپ قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن، شۇڭا ئارىلاپ ۋەز سۆزلەيمەن، ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بىزلەرنى زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ ئارىلاپ ۋەز سۆزلەيتتى»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ۋەز-نەسىھەتنى ئىخچام قىلىش كېرەكلىكى، چۈنكى گەرچە ياخشى كۆرسىمۇ داۋاملىشىپ تۇرىدىغان نەرسىلەردىن كىشىنىڭ زېرىكىشنىڭ تەبىئىي ئىكەنلىكى.

2) تەلىم-تەربىيە ۋە ۋەز-نەسىھەتنى جۇشقۇن ۋاقىتلاردا ئېلىپ بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

3) ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىگە ئەگىشىشكە ھېرىسمەن ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ يەقزان ئەممار ئىبن ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىشىنىڭ نامازنى ئۇزۇن ئوقۇشى، ۋەز-نەسىھەتنى قىسقا قىلىشى ئۇنىڭ دىندا مەلۇماتلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر نامازنى ئۇزۇنراق ئوقۇڭلار، ۋەز-نەسىھەتنى قىسقا قىلىڭلار!». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نامازنى يالغۇز ئوقۇغاندا ئۇزۇن ئوقۇشى، جامائەتكە خۇتبىنى قىسقا ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى سۆزنىڭ ياخشىسى ئاز بولسىمۇ ساز بولغىنىدۇر.

  1. مۇئاۋىيە ئىبن ھەكەم سۈلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ناماز ئوقۇۋاتاتتۇق، بىر كىشى چۈشكۈرگەنىدى، مەن: «ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!»، دېدىم. بۇ چاغدا جامائەت ماڭا گۆلىيىپ قارىدى. مەن: «ۋاي ئانام، ماڭا نېمانداق قارايسىلەر؟»، دېسەم، ئۇلار قوللىرى بىلەن يوتىسىغا ئۇرۇشقا باشلىدى. مەن ئۇلارنىڭ مېنى جىم تۇرۇشقا ئۈندەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ جىم تۇردۇم، ئاتا-ئانام پىدا بولسۇنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنمۇ، كېيىنمۇ ئۇنىڭدەك چىرايلىقچە تەلىم بېرىدىغان ئادەمنى كۆرگىنىم يوق. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئەيىبلىمىدى، ئۇرغىنىمۇ يوق، تىللىغىنىمۇ يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ماڭا مۇنداق دېدى: «بۇ شۇنداق بىر نامازدۇركى، بۇ نامازدا سۆز قىلىشقا بولمايدۇ، نامازدا پەقەتلا تەسبىھ ئېيتىلىدۇ، تەكبىر ئېيتىلىدۇ ۋە قۇرئان ئوقۇلىدۇ». ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداقراق گەپلەرنى قىلدى. مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ، مەن تېخى جاھىلىيەتتىن ئەمدىلا قۇتۇلدۇم، ئاللاھ تائالا ئىسلام دىنىنى مەيدانغا كەلتۈردى، ئارىمىزدىكى بەزى كىشىلەر پالچىلارغا پال سالدۇرىدۇ»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «ئۇلارغا بارمىغىن»، دېدى. مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ ئىچىمىزدە بەزى ئىشلاردىن شۇم پال (خۇددى كىشىلەرنىڭ قاغىدىن شۇم پال ئالغىنىغا ئوخشاش ئىشلار. — ت) ئالىدىغانلار بار»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەچكەن بىر تۈرلۈك خىيالدۇر. بۇ ئۇلارنى ئىشىدىن توسمىسۇن»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) نامازنىڭ قۇرئان ئايەتلىرى ۋە نامازدا ئوقۇلىدىغان زىكىر-تەسبىھلەردىن باشقا سۆزلەرنى قىلىش بىلەن بۇزۇلىدىغانلىقى.

2) ناماز ئوقۇشنى ۋە نامازنىڭ تەركىبى قىسمى بولغان «قۇرئان كەرىم»دىن قىرائەت ئوقۇش، تەسبىھ ۋە تەكبىردىن ئىبارەت ناماز ئوقۇشنىڭ رەۋىشنى بايان قىلىش.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىم-تەربىيە ئۇسلۇبىنى بايان قىلىش.

4) كاھىن ۋە پالچىلارنىڭ يېنىغا بېرىشتىن توسۇش، چۈنكى ئۇلار كىشىلەرگە شەرىئەتنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ غايىبتىن سۆزلىگەن سۆزلىرىنىڭ بىرەرسى تاسادىپىي راست چىقىپ قالىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كىشىلەرنى يولدىن ئازدۇرىدۇ.

5) پال ئېلىش ۋە پال سېلىشتىن توسۇش، بۇ يەردىكى توسۇش پال بويىچە ئىش قىلىشتىن توسۇشقا قارىتىلغان. لېكىن، كۆڭلىگە كەچكەن ئەمەلىيەتتە قىلالمىغان ئىشلار بۇنىڭغا كىرمەيدۇ.

  1. ئىرباز ئىبن سارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە شۇنداق بىر ۋەز-نەسىھەت قىلدىكى، ئۇنىڭدىن دىللىرىمىزنى قۇرقۇنچ باستى، كۆزلىرىمىزدىن ياش قۇيۇلدى. — تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ۋەزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەتراپلىق، پاساھەتلىك، پايدىلىق بولغان ۋەز ئىكەنلىكى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر