باش بەت > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

سۇئال:

كىتاب بېرىلگەنلەر كىملەر ۋە ئۇلاردىن يېمەكلىرى بىزگە ھالال قىلىنغانلىرى قايسىلار؟

جاۋاب:

 كىتاب بېرىلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ يېمەكلىرى ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

الْيَوْمَ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ وَطَعَامُ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ حِلٌّ لَكُمْ وَطَعَامُكُمْ حِلٌّ لَهُمْ

«بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ تائامى سىلەرگە ھالالدۇر، سىلەرنىڭ تائامىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر»-(‏5-سۈرە مائىدە، 5- ئايەت).

تۇنجى ئەسىر تەپسىر ئۆلىمالىرى (مۇفەسسىرلەر)، فىقھى مەزھەپلىرىدىن شافىي ۋە ھەنبەلى مەزھىپىنىڭ ئۆلىمالىرى يۇقارقى ئايەتتىكى «كىتاب بېرىلگەنلەر»نىڭ پەقەت يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن ھەنەفىي ئالىملىرى بولسا، ساماۋى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان، قولىدا تەۋرات، زەبۇر ، ئىنجىل ۋە سۇھۇف دېگەندەك ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان بىر كىتابى بار بولغان ھەر ئۈممەتنىڭ بۇ دائىرىگە كىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىزنىڭ قارىشىمىزمۇ مۇشۇنداقتۇر.

چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلار ئېتىقادى تەرەپتىن؛

  • مۇئمىنلەر،
  • يەھۇدى، خىرىستىيان، سابىئىي ۋە مەجۇسىلەر
  • ۋە مۇشرىكلەردىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسى گۇرۇپقا ئايرىلىدۇ.[1]

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلَّذِینَ ءَامَنُوا۟ وَٱلَّذِینَ هَادُوا۟ وَٱلنَّصَـٰرَىٰ وَٱلصَّـٰبِـِٔینَ مَنۡ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلۡیَوۡمِ ٱلۡـَٔاخِرِ وَعَمِلَ صَـٰلِحࣰا فَلَهُمۡ أَجۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ وَلَا خَوۡفٌ عَلَیۡهِمۡ وَلَا هُمۡ یَحۡزَنُونَ﴾

«مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلار[2]دىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ ياخشى ئىش قىلغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ»-(2-سۈرە بەقەرە، 62- ئايەت).

﴿إِنَّ ٱلَّذِینَ ءَامَنُوا۟ وَٱلَّذِینَ هَادُوا۟ وَٱلصَّـٰبِـُٔونَ وَٱلنَّصَـٰرَىٰ مَنۡ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلۡیَوۡمِ ٱلۡـَٔاخِرِ وَعَمِلَ صَـٰلِحࣰا فَلَا خَوۡفٌ عَلَیۡهِمۡ وَلَا هُمۡ یَحۡزَنُونَ﴾

«مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، سابىئيلار ۋە ناسارالاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ ياخشى ئىش قىلغانلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ قايغۇرمايدۇ»-(5-سۈرە مائىدە، 69- ئايەت).

إِنَّ الَّذِينَ آَمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالصَّابِئِينَ وَالنَّصَارَى وَالْمَجُوسَ وَالَّذِينَ أَشْرَكُوا إِنَّ اللَّهَ يَفْصِلُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ

«مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، سابىئىيلار، ناسارالار، مەجۇسىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىنى ئاللاھ قىيامەت كۈنى چوقۇم ئايرىيدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»-(‏22-سۈرە ھەج، 17- ئايەت).

ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان سابىئىيلەر ۋە مەجۇسىيلارمۇ خۇددى يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارغا ئوخشاش قوللىرىدا ئاللاھنىڭ كىتابى بار دەپ ئېتىقاد قىلىنىدىغان خەلقلەردۇر.

بۇ، ئايەتتە ئۆتكەن «كىتاب بېرىلگەنلەر» ئىپادىسىنىڭ پەقەت يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئىشارەتتۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ھەممە پەيغەمبەرلىرىگە كىتاب بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىگە قارىغاندا[3] كىتاب بېرىلگەن خەلقلەر پەقەت يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلار بولماسلىقى كېرەك. بۇ يەردە ھەزرىتى ئەلىنىڭ سابىئىيلەرنى ئىلاھى كىتاب بېرىلگەن خەلقلەردىن دەپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، جابىر ئىبنى زەيد، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي ۋە ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە قاتارلىق ئالىملار سابىئيلەر بوغۇزلىغان ھايۋانلارنى مۇباھ دەپ قارايدىغانلىقىنى؛ سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، قەتادە، ئەبۇ سەۋر ۋە ئىبنى ھەزم قاتارلىق ئالىملارنىڭ مەجۇسىيلەر بوغۇزلىغان ھايۋانلارنى مۇباھ دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ قويايلى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە مەشھۇر ئىسلام تارىخچىسى مۇھەممەد ھەمىدۇللاھ بۇددىستلارنىڭ، رەشىد رىزامۇ بىراھمانىزىم ۋە كۇڭفۇزىغا ئوخشاش ئۆزلىرىگە ئىلاھى كىتاب بېرىلگەنلىكىنى داۋا قىلىدىغان دىن مەنسۇپلىرىنىڭمۇ «كىتاب بېرىلگەنلەر» دائىرىسىدە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنىڭدەك بەزى تەتقىقاتچىلار ھازىر جەنۇبى ئاسيادىكى بىر قىسىم دىن مەنسۇپلىرىنىمۇ ئەھلى كىتاب دېگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ[4].

خۇلاسە شۇكى؛ قولىدا ئاللاھتىن كەلگەن بىر كىتابى بولغان ھەرقانداق خەلق «كىتاب بېرىلگەنلەر» قاتارىدا قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىنغان بولسا ئۇلار بىلەنمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئۇلارنىڭ يېمەكلىرىنى يېيىش، قىزلىرى بىلەن ئۆيلىنىش…قاتارلىق ئىشلار ئايرىمچىلىق قىلماستىن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

[1]   ئايەتتە ئۆتكەن ئىسىملارنىڭ «ۋ» باغلىغۇچى  بىلەن باغلىنىپ كېلىشى  ۋە «الذين /ئەللەزىينە» قۇشۇمچىسىنىڭ تەكرارلىنىشى ئۇلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم گۇرۇپلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئەرەپ تىلى قائىدىسىدە بىر بىرىدىن پەرقلىق، مۇناسىۋىتى بولمىغان نەرسىلەرنى بىر يەردە تىلغا ئالماقچى بولغاندا «ۋ» ياكى باشقا باغلىغۇچى قۇشۇمچىلار بىلەن  ئىپادىلىنىدۇ.

[2]   سابىئىيلار قۇرئان كەرىمدە ئازغۇن قەۋملەر قاتارىدا ئۈچ يەردە ئۆتىدۇ (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە 62 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 69 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 17 – ئايەت). تارىخ مەنبەلىرىدە ئۇلار ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇمات تۆۋەندىكىچە: سابىئىيلار جەنۇبى مېسوپوتامىيەدە ياشايدىغان ۋە يورۇق  – قاراڭغۇلۇق دۇئالىزىمىغا ئاساسلىنىدىغان گنوستىك ئېتىقادلىرى بىلەن تونۇلغان قەۋمدۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتى دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇلارنىڭ «گىنزا» دەپ ئاتىلىدىغان «مۇقەددەس كىتابى» بار (شىناسى گۈندۈز، «سابىئىيلىك»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانە ۋەقفى، 2008) 35: 342 – 344؛ گۈنەي تۈمەر، ئابدۇراھمان كۈچۈك، دىنلار تارىخى،  4 – نەشرى ‹ئەنقەرە: بېرىكان يايىن ئەۋى، 2002›، 127 – 143).‏

[3]  مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئۈچۈن قاراڭ: بەقەرە، 2 / 236، 213؛ ئال ئىمران، 3 / 81؛ ئەنئام، 6 / 83 – 89.

[4] بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن قاراڭ: يەھيا شەنول، قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ھالال يېمەكلىكلەر، 2 – باسما (ئىستانبۇل: سۇلايمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2015)، 303 – 317.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ