مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا نۇھ ئەلەيھىسسالام 1

قۇرئاندا نۇھ ئەلەيھىسسالام

نۇھ ئەلەيھىسسالام

«بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. نۇھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەللىك يىل كەم مىڭ يىل تۇردى. ئاندىن ئۇلارنى توپان ھالاك قىلدى. ئۇلار بۇ ئەسنادا زۇلۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى»-(29-سۈرە ئەنكەبۇت، 14- ئايەت).

  • ۋەزىپىسى:

«بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، «قەۋمىڭگە ئەلەملىك ئازاب كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دېدۇق. نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە كېچىكتۈرىدۇ. ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەجەل كەلسە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، ئەگەر بىلسەڭلار»-(71-سۈرە نۇھ، 1~4- ئايەتلەر). «نۇھنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟ مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار».  ئۇلار: «بىز ساڭا ئىشىنەمدۇق؟ ساڭا ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا!» دېيىشتى. نۇھ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش رەببىمنىڭ ئىشىدۇر. كاشكى ھېس قىلساڭلارچۇ! مەن مۇئمىنلارنى يېنىمدىن قوغلىۋىتىدىغان كىشى ئەمەس. مەن پەقەت ئوچۇق – ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»-(26-سۈرە شۇئەرا، 105 ~ 115- ئايەتلەر).

  • نۇھقا كەلگەن ۋەھىي

« ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: «دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا بۆلۈنمەڭلار». ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا تاللايدۇ، ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنى ئۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ»-(42-سۈرە شۇرا، 13- ئايەت). «ئەنە شۇلار بىز كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە نەبىيلىكنى بەرگەن كىشىلەردۇر. ئەگەر بۇ مۇشرىكلار ئۇلارنى ئىنكار قىلسا، بىز ئۇلارنى ئىنكار قىلمايدىغان قەۋمگە تاپشۇرىمىز[1]»-(6-سۈرە ئەنئام، 89- ئايەت).

  • نوھنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكى

«سىلەرگە: ‹يېنىمدا ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار› دېمەيمەن، غەيبنى بىلمەيمەن، ‹مەن پەرىشتە› دېمەيمەن، سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەر توغرۇلۇق: ‹ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلمايدۇ› دېمەيمەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. چۈنكى مەن ئۇ ھالدا چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن»-(11-سۈرە ھۇد، 31- ئايەت).

  • كاتتىۋاشلارنىڭ ۋە خەلقنىڭ پوزىتسىيىسى

«نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى: «بىز سېنى بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان دەپ كۆرىمىز. ساڭا پەقەت ئىچىمىزدىكى تۆۋەن تەبىقىنىڭ ئويلانماستىن ئەگەشكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. سىلەرنىڭ بىزدىن بىرەر ئارتۇقچىلىقىڭلار بارلىقىنىمۇ كۆرمەيۋاتىمىز، بەلكى سىلەرنى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىۋاتىمىز» دېدى»-(11-سۈرە ھۇد، 27- ئايەت). «نۇھنىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمىز» دېدى»-(7-سۈرە ئەئراف، 60- ئايەت).

ئا- ئەنئەنىگە ئېسىلىۋىلىش

«شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى مۇنداق دېدى: «بۇ سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنسان، مەقسىتى سىلەردىن ئۈستۈن بولۇشتۇر. ئاللاھ خالىسا ئىدى، پەرىشتىلەرنى چۈشۈرەتتى[2]. بىز بۇرۇنقى ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن بۇنداق نەرسە ئاڭلىمىدۇق»-(23-سۈرە مۇئمىنۇن، 24- ئايەت).

ب-ئۇلارنىڭ نوھنى ھاقارەتلىشى

«بۇ پەقەت جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر. شۇڭا بىر مۇددەت ئۇنى كۆزىتىڭلار»-(23-سۈرە مۇئمىنۇن، 25- ئايەت).

ج- نۇھنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى

«بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى «يالغانچى» دېدى، ئۇلار بىزنىڭ بەندىمىزنى «يالغانچى» دېدى ۋە ئۇنىڭ توغرىسىدا: «بۇ جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دېيىشتى. بەندىمىز مەنئى قىلىندى. ئۇ، رەببىگە «مەن يېڭىلدىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى»-(54-سۈرە قەمەر، 9 – 10- ئايەتلەر).

  • ئىلاھلىرى

«ئۇلار: «ئىلاھلىرىڭلارنى ھەرگىزمۇ تەرك ئەتمەڭلار. بولۇپمۇ ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرنى ھەرگىزمۇ تەرك ئەتمەڭلار» دېدى[3]،  ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، رەببىم! سەن ئۇ زالىملارغا ئازغۇنلۇقتىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمىغىن!»-( 71-سۈرە نۇھ، 23-24- ئايەتلەر).

  • قەۋمىنىڭ نۇھقا جەڭ ئېلان قىلىشى

«ئۇلارغا نۇھنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئەگەر مېنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىتىشىم سىلەرگە ئېغىر كەلگەن بولسا مەن پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە ئىشىڭلارنى قارارلاشتۇرۇڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن. ئاندىن ماڭا ھېچ مۆھلەت بەرمەستىن ھەققىمدىكى ھۆكۈمىڭلارنى ئىجرا قىلىڭلار.ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، مەن سىلەردىن ھېچقانداق ئەجىر سورىمىدىم. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەتلا ئاللاھ بېرىدۇ. مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم»-(10-سۈرە يۇنۇس، 71- 72- ئايەتلەر). «ئۇلار: «ئى نۇھ! بىز بىلەن ھەقىقەتەن مۇنازىرىلەشتىڭ! مۇنازىرىمىزنى بەك ئۇزارتىۋەتتىڭ. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، سەن كېلەچەكتە بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقان ئازابنى ھازىر بېشىمىزغا كەلتۈرگىن» دېدى.  نۇھ مۇنداق دېدى: «ئۇنى بېشىڭلارغا ئەگەر خالىسا پەقەت ئاللاھلا كەلتۈرىدۇ، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر»-(11-سۈرە ھۇد، 32- 33-ئايەتلەر).

  • ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ مەيدانى

« بۇرۇنقى ئۇممەتلەر پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن بۆلۈندى. ئۇلار ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ شۇنداق قىلىشتى. ئەگەر رەببىڭنىڭ بۇرۇن ئېيتقان: «ئۇلارنىڭ جازاسى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر كېچىكتۈرۈلىدۇ» دېگەن سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. ئۇلاردىن كېيىن كىتابقا ۋارىس قىلىنغانلار قۇرئان توغرىسىدا قاتتىق شۈبھىلەنمەكتىدۇر»-(42-سۈرە شۇرا، 14- ئايەت). «ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى توغرىسىدا كافىرلاردىن باشقىسى تارتىشمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ باياشاتچىلىق ئىچىدە شەھەرمۇشەھەر كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالدىمىسۇن! بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى گۇرۇھلار راستنى يالغان دېدى، ھەر ئۇممەت ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىنى جازالاشقا ئۇرۇندى ۋە ھەقنى باتىل بىلەن يوق قىلىشقا تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى جازالىدىم. جازالىشىم قانداق بولدى؟  رەببىڭنىڭ كافىرلار توغرىسىدىكى: «ئۇلار ھەقىقەتەن دوزاخ ئەھلىدۇر» دېگەن سۆزى ئەنە شۇنداق ئەمەلگە ئاشىدۇ»-(40-سۈرە غافىر، 4 ~ 6- ئايەتلەر).

  • نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشى ۋە دۇئا قىلىشى

«نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! مەن قەۋمىمنى كېچە – كۈندۈز دەۋەت قىلدىم. لېكىن مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارغا پەقەت قېچىشنىلا زىيادە قىلدى. سېنىڭ ئۇلارغا مەغپىرەت قىلىشىڭ ئۈچۈن مەن قاچانىكى ئۇلارنى دەۋەت قىلسام، ئۇلار بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالدى، كىيىملىرىگە يۆگىنىۋالدى، چىڭ تۇردى ۋە بەك چوڭچىلىق قىلدى. ئاندىن ئۇلارنى ئۈنلۈك دەۋەت قىلدىم. ئاندىن مەن ئۇلارنى ئاشكارىمۇ دەۋەت قىلدىم، يوشۇرۇنمۇ دەۋەت قىلدىم. دېدىمكى: رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئۇ كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ سىلەرگە يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بېرىدۇ،  سىلەرگە مال ۋە ئوغۇللار بىلەن ياردەم بېرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى ئاتا قىلىدۇ، ئۆستەڭلەرنى ئېقىتىپ بېرىدۇ. سىلەرگە نېمە بولدىكىن، ئاللاھقا ئۆز لايىقىدا ئېھتىرام قىلمايۋاتىسىلەر؟  ھالبۇكى، ئۇ سىلەرنى تۈرلۈك باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈپ ياراتتى. كۆرمىدىڭلارمۇ، ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىر – بىرىگە ماس قىلىپ قانداق ياراتتى؟  ئۇ ئاسمانلارنىڭ ئىچىدە ئاينى نۇر قىلدى، قۇياشنى چىراغ قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ئۆستۈردى. ئاندىن سىلەرنى زېمىنغا قايتۇرىدۇ ۋە سىلەرنى چىقىرىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك قىلىپ بەردى. بۇنى، ئۇنىڭ كەڭ يوللىرىدا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى»-(71-سۈرە نۇھ، 5 ~ 20- ئايەتلەر). « نۇھقا مۇنداق ۋەھىي قىلىندى: «قەۋمىڭدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا ھېچكىم ئىمان ئېيتمايدۇ. ئۇ ھالدا ئۇ كافىرلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك قايغۇرمىغىن»-(11-سۈرە ھۇد، 36- ئايەت). «نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! زېمىندا كافىرلاردىن بىرىنىمۇ قويمىغىن! چۈنكى سەن ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ ۋە فاجىر، تۇزكورلاردىن باشقىسىنى تۇغمايدۇ. رەببىم! ماڭا، ئاتا – ئانامغا، ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا ھالاكەتتىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمىغىن!»-(71-سۈرە نۇھ، 26 ~ 28- ئايەتلەر).

  • نۇھ توپانى

« ئۇلار: «ئى نۇھ! ئەگەر بۇ سۆزلىرىڭدىن يانمىساڭ، چوقۇم چالما – كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىلەردىن بولىسەن» دېدى. نۇھ مۇنداق دېدى: «رەببىم! قەۋمىم مېنى يالغانچى دېدى. شۇڭا مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى قۇتقۇزغىن»-(26-سۈرە شۇئەرا، 116 ~ 118- ئايەتلەر). «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن. ئۇ زالىملار توغرۇلۇق ماڭا ئېغىز ئاچمىغىن. چۈنكى ئۇلار غەرق قىلىنىدىغان كىشىلەردۇر».  نۇھ كېمىنى ياساشقا باشلىدى. قەۋمىنىڭ كاتتىۋاشلىرى قاچانىكى ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «ئەگەر بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار، بىزمۇ سىلەرنى كېلەچەكتە، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك مەسخىرە قىلىمىز. يېقىندا رەسۋا قىلغۇچى ئازاب كېلىدىغان ۋە مۇقىم ئازاب چۈشىدىغان كىشىنى بىلىسىلەر»-(11-سۈرە ھۇد، 36 ~ 39- ئايەتلەر). «بىز ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قاتتىق تۆكۈلگۈچى سۇ بىلەن ئاچتۇق. زېمىندىن بۇلاقلار ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق. شۇنىڭ بىلەن سۇلار پىلانلانغان ئىش ئۈچۈن بىرلەشتى. بىز ئۇ بەندىمىزنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىنىڭ ئۈستىدە توشۇدۇق»-(54-سۈرە قەمەر، 11 ~ 13- ئايەتلەر). «ئاخىرى ئەمرىمىز كەلگەن ۋە تونۇر قاينىغان[4] چاغدا نۇھقا: «ھەر تۈرلۈك ھايۋاندىن ئەركەك -چىشى بولۇپ بىر جۈپنى يەنى ئىككىنى، ئائىلەڭنى – ئۇلارنىڭ ئىچىدىن غەرق قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار مۇستەسنا – ۋە ئىمان ئېيتقانلارنى كېمىگە ئېلىپ چىققىن!» دېدۇق. ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئازغىنە كىشىلەر ئىمان ئېيتقان ئىدى. نۇھ: «كېمىگە چىقىڭلار! كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر. شۈبھىسىزكى، رەببىم مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» دېدى.كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغلاردەك دولقۇن ئىچىدە ئۈزەتتى. نۇھ بىر چەتتە تۇرغان ئوغلىغا «ئى ئوغۇلچىقىم! بىز بىلەن بىرلىكتە كېمىگە چىققىن، كافىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن!» دەپ توۋلىدى. ئۇ: «مېنى سۇدىن ساقلايدىغان بىر تاغقا چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن ساقلايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر. پەقەت ئاللاھ مەرھەمەت قىلغان كىشىلەرلا قۇتۇلۇپ قالىدۇ» دېدى. بۇ ئەسنادا ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا دولقۇن كىردى – دە، ئۇ غەرق قىلىنغۇچىلاردىن بولدى»-(11-سۈرە ھۇد، 40 ~ 43- ئايەتلەر). «سەن يېنىڭدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە كېمىگە ئورۇنلىشىپ بولغان چېغىڭدا: ‹بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!› دېگىن».  يەنە: ‹رەببىم! مېنى بەرىكەتلىك جايغا چۈشۈرگىن، سەن چۈشۈرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن› دېگىن»-(23-سۈرە مۇئمىنۇن، 28 ~ 29- ئايەتلەر). «شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى توشقۇزۇلغان كېمىدە قۇتقۇزدۇق. ئاندىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»-(26-سۈرە شۇئەرا، 119 ~ 122- ئايەتلەر). «ئى زېمىن! سۈيىڭنى يۇتقىن، ئى ئاسمان! سۈيىڭنى تۇتقىن» دېيىلدى. سۇ سىڭدۈرۈلدى. ئىش تاماملاندى. كېمە جۇدىي تېغىغا ئولتۇردى. بۇ ئەسنادا «يوقالسۇن زالىملار گۇرۇھى!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى»-(11-سۈرە ھۇد، 44- ئايەت). «بىز ئۇنى ئايەت سۈپىتىدە قالدۇردۇق. ئويلانغۇچى يوقمۇ؟»-(54-سۈرە قەمەر، 15- ئايەت).

ئا- نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ھەققىدە قىلغان تەلەپلىرىنىڭ ئورۇنسىزلىغى

«نۇھ رەببىگە نىدا قىلىپ: «رەببىم! شۈبھىسىزكى، غەرق قىلىنغان ئوغلۇممۇ ئائىلەمدىن ئىدى، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئادىلىسەن!» دېدى. ئاللاھ: «ئى نۇھ‍‍‍! ئۇ ھەرگىزمۇ سېنىڭ ئائىلەڭدىن ئەمەس. چۈنكى ئۇ ياخشى بولمىغان ئەمەلدۇر. سەن بىلمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن. مەندىن ساڭا نەسىھەت: جاھىللاردىن بولمىغىن» دېدى. نۇھ: «رەببىم! مەن بىلمىگەن نەرسەمنى سەندىن سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن. ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە ماڭا مەرھەمەت قىلمىساڭ، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى»-(11-سۈرە ھۇد، 45 ~ 47- ئايەتلەر).

ب- نۇھنىڭ ئايالى

«ئاللاھ كافىرلارغا نۇھ ۋە لۇتنىڭ ئاياللىرىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئىككى ئايال، بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىنىڭ نىكاھىدا ئىدى، ئۇ ئىككى ئايال ئۇ ئىككى ياخشى بەندىگە خىيانەت قىلدى، ئۇ ئىككى ياخشى بەندە ئاللاھتىن كەلگەن ھېچ نەرسىنى ئۇ ئىككى ئايالدىن دەپئى قىلالمىدى. ئۇ ئىككى ئايالغا: «كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە دوزاخقا كىرىڭلار!» دېيىلدى»-(66-سۈرە تەھرىم، 10- ئايەت).

  • نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئىمان ئېيتقانلارنىڭ مۇكاپاتى

«ئۇلار نۇھنى يالغانچى دېدى. بىز ئۇنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزۇپ ئورۇنباسارلار قىلدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرنى بولسا غەرق قىلدۇق. قارىغىنا، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟»-(10-سۈرە يۇنۇس، 73- ئايەت). «ئى بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چىقىرىپ قۇتقۇزغانلارنىڭ نەسلى! نۇھ ھەقىقەتەن شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئىدى»-(17-سۈرە ئىسرا، 3- ئايەت).

[1]  ‎‏ بىز بۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇ كىتاب، ھېكمەت ۋە نەبىيلىكلەرنى ئىنكار قىلمايدىغان قەۋم كەلتۈرىمىز.‏

[2]   ئاللاھ بىزگە ئەلچى ئەۋەتمەكچى بولسا پەرىشتىلەرنى ئەۋەتەتتى.‏

[3]   ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بۇلار ئەسلىدە نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ بۇتلىرى ئىدى، كېيىن ئەرەبلەرگە يۆتكەلدى: ۋەد – دەۋمەتۇل جەندەلدىكى كەلب قەبىلىسىنىڭ بۇتى بولدى. سۇۋائـ – ھۇزەيل قەبىلىسىنىڭ بۇتى بولدى. يەغۇس باشتا مۇراد قەبىلىسىنىڭ، كېيىن سەبەئـ شەھرىنىڭ يېنىدىكى جۇرف دېگەن يەردە ياشايدىغان غۇتەيف قەبىلىسىنىڭ بۇتى بولدى. يەئۇق – ھەمدان قەبىلىسىنىڭ بۇتى بولدى. نەسر – ھىميەرنىڭ زىلكېلائـ خانىدانىنىڭ بۇتى بولدى. بۇ ئىسىملار ئەسلىدە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن بىر قىسىم ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئىدى. ئۇلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن شەيتان ئۇلارنىڭ قەۋملىرىگە: «ئۇلار ھايات چېغىدا ئولتۇرغان يەرلەرگە ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنى تىكلەڭلار ۋە ئۇ ھەيكەللەرنى ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتاڭلار» دەپ يول كۆرسەتتى. ئۇلار شۇنداق قىلدى. ئۇ ھەيكەللەرگە دەسلەپتە ھېچكىم چوقۇنمىدى، تاكى ئۇ ھەيكەللەرنى تىكلىگەنلەر ۋاپات بولغان ۋە ئۇلار ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئۇنتۇلغاندىن كېيىن ئۇلارغا چوقۇنۇلدى (قاراڭ: بۇخارى، «تەفسىر»، 71).

[4]   تونۇرنىڭ قاينىشى، ھەر تەرەپتىن سۇنىڭ ئېتىلىپ چىققانلىقىنى ياكى كېمىنىڭ پار قازىنىنىڭ قايناپ كېمە مېڭىشقا تەييار ھالەتكە كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.‏

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر