مۇسۇلمانلار
ئەنفال سۈرىسىنىڭ 60 - ئايىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ 1

ئەنفال سۈرىسىنىڭ 60 – ئايىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

سۇئال: ئەنفال سۈرىسىنىڭ 60-ئايىتىدە ئاللاھ، جەڭ ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئۇرۇش ئاتلىرى تەييارلىشىمىزنى بۇيرۇيدۇ. ھازىر ئۇرۇشلاردا ئات ئىشلىتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ بۇيرۇقنىڭ ئۆتمۈشكە ئائىت ئىكەنلىكىنى، ھازىر ئەمەل قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى دېگەنلەر بار، ھەتتا بەزىلەر مۇشۇنداق ئايەتلەرگە ئاساسلىنىپ قۇرئاننىڭ شۇ تارىخقا ئائىت كىتاب ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. راستىنلا بۇ ئايەت شۇ تارىخقىلا ئائىتمۇ، ھازىر ئىناۋەتسىزمۇ، بۇ ئايەتنى قانداق چۈشىنىمىز؟

جاۋاب:

ئاۋۋال شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، بۇنداق سۇئاللارنى سورىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يا قۇرئاننىڭ ھەرنەرسىنى بىلىدىغان، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغانلار ياكى قۇرئان ھەققىدە ھېچقانداق ئىلمى يوق كىشىلەردۇر.

 قۇرئان كەرىم پۈتۈن ئىنسانىيەتكە نازىل بولغان، ھۆكۈملىرى قىيامەت كۈنىگىچە كۈچكە ئىگە ئالەمشۇمۇل كىتابتۇر. ئەنفال سۈرىسىنىڭ 60 – ئايىتىمۇ قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە ئەمىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئايەتتۇر:

وَأَعِدُّواْ لَهُم مَّا اسْتَطَعْتُم مِّن قُوَّةٍ وَمِن رِّبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدْوَّ اللّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِن دُونِهِمْ لاَ تَعْلَمُونَهُمُ اللّهُ يَعْلَمُهُمْ وَمَا تُنفِقُواْ مِن شَيْءٍ فِي سَبِيلِ اللّهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لاَ تُظْلَمُونَ

«دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت ۋە جەڭ ئاتلىرى تەييارلاڭلار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر. ئۇ باشقا دۈشمەنلەرنى سىلەر بىلمەيسىلەر، ئۇلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدا نېمە چىقىم قىلساڭلار، ئۇنىڭ ساۋابى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەر زۇلۇمغا ئۇچرىتىلمايسىلەر»-(8-سۈرە ئەنفال، 60- ئايەت).

ئايەتتىكى «وَأَعِدُّواْ لَهُم مَّا اسْتَطَعْتُم مِّن قُوَّةٍ /كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت تەييارلارڭلار!» دېگەن ئىپادە، قىيامەت كۈنىگە قەدەر ھەر دەۋردىكى مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك ئەڭ ئىلغار قۇرال-ياراقلارنى تەييارلاشنى، ئەڭ ئىلغان تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، داۋاملىق تەرەققى قىلىپ تۇرۇشنى ئەمىر قىلىدۇ. پەقەت مۇشۇ ئىپادىىنىڭ ئۆزىلا ئايەتنىڭ قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئەڭ گۈزەل ئىپادىدۇر. ئايەتتە ئات تەييارلاش بۇيرۇقى بولسا، يىتەرلىك كۈچ-قۇۋۋەت تەييارلاشتىن ئايرىم تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ھەر دەۋر ۋە شارائىتتا ئۇرۇش ئۈچۈن قۇۋۋەت بىلەن بىللە ئاتلارنى تەييارلاشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۇرۇش ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 ھازىر شەھەرلىشىشنى مەركەز قىلغان ھاياتىمىزدا ئاتلار تۇرمۇشىمىزدىن يىراقلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئات بېقىپ باققانلار ئۇلارنىڭ ئىنسانلارغا نە قەدەر يېقىن ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قىيىن شارائىتلارغا دۇچ كەلگەندە قانداق ماسلىشىپ بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى، نە قەدەر كۈچلۈك، جاسارەتلىك ۋە ئەقىللىق ھايۋان ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. ئات بۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇرۇش مەيدانىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللاردىن بىرى. ھەتتا ئۇنى ئۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس يارىتىلغان ھايۋان دىيەلەيمىز. چۈنكى قۇرۇقلۇقتا ماڭىدىغان ماشىنىلار قانچىلىك زامانىۋى بولسا بولسۇن يەنىلا يېقىلغۇغا مۇھتاج بولىدۇ، يېقىلغۇ بولمىسا ھېچقانداق ئىشقا يارىمايدۇ، لېكىن ئات چەكسىز تەبىئەت قوينىدىكى ئوت-چۆپلەرنى يېقىلغۇ قىلىپ، ماشىنىلار ۋەزىپىسىنى جارى قىلالمايدىغان تاغلىق رايونلاردا ۋە قىيىن شارائىتلاردا قىينالماستىن ئىلگىرلىيەلەيدۇ، بۇنداق ئەھۋاللاردا يەنىلا بىردىنبىر تاللىنىدىغان قاتناش ۋاسىتىسى ئاتلار بولىدۇ. ئاتلار ئىنسانلار بىلەن يىقىن مۇناسىۋەت ئورناتقاچقا ئۆز ئىگىسىنى تونۇيالايدۇ ۋە قىيىنچىلىقتا قالغاندا ئەڭ يېقىن ياردەمچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى بولالايدۇ.

مەزكۇر ئايەت چۈشۈرۈلۈپ تەخمىنەن 1300 يىلدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋە تانكا، زەمبىرەك، ئايروپىلان، راكېتا… قاتارلىق قوراللار ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ئارمىيىسىدە 2 مىليون 750 مىڭ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا 3 مىليون 500 مىڭ ئات ئىشلىتىلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن دۆلەتلەر چارلاش ۋە رازۋېدكا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن كۆپىنچە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى تاللايدۇ، بولۇپمۇ ماشىنىلار كىرەلمەيدىغان، ئىگىز-پەس يەرلەردە تېخىمۇ شۇنداق. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىرمۇ ئاتلار، ئاتلىق قىسىملىرى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئاممىۋى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە توساشتا ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلمەكتە.

خۇلاسە شۇكى:

 بۇ ئايەتتىكى ئات بېقىش بۇيرۇقىنى ئۆتمۈشكە باغلاپ قويۇش خاتا. ئات ھەر زامان ئۇرۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللاردا ئەڭ كۈچلۈك قورال بولالايدۇ. شۇنداقلا بۇ ئايەتتىن مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلىتىگە كېلىدىغان ھەر قانداق تەھدىتكە قارشى ھەر زامان تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇنىڭدا ئاللاھ يارىتىپ بەرگەن تەييار ئۇرۇش قۇرالى بولغان ئاتلاردىن ئۆنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى تەربىيەلەشنىڭ ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىشقا تېگىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز.                  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر