مۇسۇلمانلار
ئۆلۈم پەرىشتىسىمۇ ياكى ئەزرائىلمۇ؟ 1

ئۆلۈم پەرىشتىسىمۇ ياكى ئەزرائىلمۇ؟

سۇئال:

ئۆلۈم پەرىشىتىسىنىڭ ئىسمى «ئەزرائىل»مۇ، بۇ ئىسىم قۇرئاندا ياكى ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنامدۇ؟

جاۋاب: قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىسلەردە ئەزرائىل دېگەن ئىسىمنى ئۇچرىتالمايمىز. ئەڭ كۈچلۈك ئېھتىمال بۇ سۆز ئەسلى ئىبرانىچە بولۇپ (يەھۇدى دىنى ئۆلىمالىرىغا ئائىت ئەسەرلەردە ئوندىن كۆپ ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىدۇ، بۇلارنىڭ بىرىسى ئەزرائىلدۇر)، يەھۇدىلىكتىن ئىسلامغا ئۆتكەن كەئبۇل ئەھبار ۋە ۋەھب ئىبنى مۇنەببەھكە ئوخشاش شەخسلەرنىڭ تەسىرى بىلەن ئىسلامى ئەسەرلەرگە كىرگەن دەپ قارىلىدۇ (قاراڭ: ئەھمەد سائىم كېلاۋۇز، «ئەزرائىل»، تۈركىيە دىيانەت ۋاقفى ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيىسى، 4 : 350 -351).

قۇرئان كەرىمدە، جان ئېلىشقا مەسئۇل پەرىشتە «مەلەكۇل مەۋت» يەنى «ئۆلۈم پەرىشىتىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ بىر دانە ئەمەسلىكىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ:

«ئېيتقىنكى: «سىلەرنى، سىلەرگە مۇئەككەل قىلىنغان ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋاپات قىلدۇرىدۇ، ئاندىن رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر»-(32-سۈرە سەجدە، 11- ئايەت).

«ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە تولۇق ھۆكۈمراندۇر. ئاللاھ سىلەرگە ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىدۇ. ئاخىرى سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز سۇسلۇق قىلماستىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇرىدۇ»-(‏6-سۈرە ئەنئام، 61- ئايەت).

بۇ ھەقتە كەلگەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىمۇ ئوخشاشلا «مەلەكۇل مەۋت/ئۆلۈم پەرىشتىسى» دېگەن ئىپادە تىلغا ئېلىنىدۇ، ئەزرائىل دېگەم ئىسىم كەلمەيدۇ (قاراڭ: بۇخارى، «جەنائىز»، 31؛ مۇسلىم، «فەزائىل»، 157، 158؛ تىرمىزى، «تەفسىر»، 7؛ ئىبنى ماجە، «جىھاد»، 10).

يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن جان ئېلىشقا مەسئۇل بولغان ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ ئەنئەنىۋى چۈشەنچىنىڭ ئەكسىچە بىرلا ئەمەس بىردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز.    

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر