مۇسۇلمانلار
جۈمە نامىزىنى ئۆتىمىسە بولامدۇ؟ 1

جۈمە نامىزىنى ئۆتىمىسە بولامدۇ؟

سۇئال:

جۈمە نامىزىنى ئوقۇمىسىمۇ بولامدۇ؟ ياكى قانداق ئەھۋاللاردا جۈمە نامىزىنى ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ؟ مەسىلەن: بىر ئوقۇتقۇچى، دەل جۈمە ۋاقتىدا دەرسكە كىرىدىغان بولۇپ قالسا جۈمەنى ئوقۇمىسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب:

جۈمە نامىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئېيتىلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۈگۈرۈڭلار. ئېلىم – سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار. ناماز ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»-(62-سۈرە جۇمۇئە، 9-10- ئايەت).

قۇرئاندا ھېچبىر ناماز ھەققىدە «ياخشىدۇر» دېيىلمىگەن. چۈنكى بەش ۋاقىت ناماز، ھەر قانداق شارائىتتا ئوقۇلىدۇ؛ لېكىن جۈمە نامىزىنى ئامالسىز قالغاندا ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. رىۋايەتلەردە دېيىشىچە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يامغۇرلۇق بىر كۈنى مۇئەززىنگە مۇنداق دېگەن: ئەزان ئېيتقان چېغىڭدا «ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ» دەپ بولغاندىن كېيىن «ھەييە ئەلەسسەلاھ (نامازغا كېلىڭلار)» دېمەي، «ئەسسەلاتۇ فىررىھال (نامىزىڭلارنى ئۆيلىرىڭلاردا ئوقۇڭلار)» دېگىن. ئىنسانلارنىڭ بۇ سۆزگە ھەيران قېلىشقانلىقىنى كۆرگەن ئىبنى ئابباس: «بۇ ئىشنى مەندىن ياخشى بىر كىشى قىلغان. جۈمە نامىزى پەرز بولغانلىقى ئۈچۈن سىلەرگە قېيىنچىلىق تۇغدۇرۇشنى خالىمىدىم. ئۇنداق بولمىغاندا پاتقاقلىق ۋە تېيىلغاق يەرلەردە ماڭغان بولاتتىڭلار» دېگەن. (بۇخارى،«جۈمە»، 14).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئىنسانلار تۇرۇۋاتقان يەرلىرىدىن ۋە شەھەر سىرتىدىن نۆۋەتلىشىپ جۈمە نامىزى ئۆتىگىلى كېلەتتى. چاڭ-توزان ئىچىدە كېلەتتى، تەرلەيىتتى ۋە تەر تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇلاردىن بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ يېنىمدا ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «كاشكى، بۈگۈن ئۈچۈن بىر يۇيۇنغان بولساڭلار» دېدى. (بۇخارى،«جۈمە»، 15).

بۇ رىۋايەتلەر مەجبۇر بولۇپ قالغان بەزى ئەھۋاللاردا جۈمە نامىزىنى ئوقۇمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كېسەللىك، يۇقۇم خەۋىپى، ئوقۇش، ئوقۇتۇش، كېسەل كۈتۈش، ھەربىي ۋەزىپە، ساقچى… قاتارلىق زۆرۆر ئەھۋاللاردا ئۇ كۈندىكى پېشىن نامىزىنى ئوقۇش كېرەك.

جۈمە نامىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن قاراڭ:

https://www.musulmanlar.com/?p=2682

https://www.musulmanlar.com/?p=1691

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر