مۇسۇلمانلار
دۇئا ۋە تەقدىر 1

دۇئا ۋە تەقدىر

سۇئال:

«بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق يازغىن …»-(ئەئراف، 7 / 156) دەپ تەرجىمە قىلىنغان بىر ئايەت بار. مەن بۇ ئايەتتىكى «يازغىن» ئىپادىسىنى چۈشىنەلمەيمەن. ئاللاھنىڭ ئىلمى ۋە تەقدىر چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاخىرەت تېخى كەلمىگەن تۇرسا، بىز دۇنيادا ئۆلۈم كەلگىچە ھەر زامان ياخشى ياكى يامان بولۇپ تۇرىدىغان تۇرساق، قانداقمۇ ئاللاھقا «بىزگە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ياز» دېيەلەيمىز؟ بىز تېخى دۇنيادا ئىمتىھان قىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا ئاللاھ بىزگە ياخشىلىق يازسا ۋە ئاللاھنىڭ يازغىنى ئۆزگەرمەيدىغان تۇرسا دۇنيادا ئىمتىھان قىلىنىشىمىزنىڭ نېمە مەنىسى بار؟    

بۇ ئايەتنىڭ ئەسلى تېكىستى ۋە تەرجىمىسى مۇنداق:

﴿وَاكْتُبْ لَنَا فِي هَذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الآخِرَةِ إِنَّا هُدْنَا إِلَيْكَ قَالَ عَذَابِي أُصِيبُ بِهِ مَنْ أَشَاء وَرَحْمَتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ فَسَأَكْتُبُهَا لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَالَّذِينَ هُم بِآيَاتِنَا يُؤْمِنُونَ﴾

«بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق يازغىن. بىز ھەقىقەتەن ساڭا يەتكۈزىدىغان توغرا يولغا كىردۇق». ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئازابىمنى ئۆزۈم خالىغان كىشىگە يەتكۈزىمەن. رەھمىتىم ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. يېقىندا ئۇنى تەقۋادارلىق قىلىدىغان ۋە زاكاتنى بېرىدىغانلارغا، ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغا يازىمەن»-(7-سۈرە ئەئراف، 156- ئايەت).

بۇ ئايەتتىكى « بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق يازغىن…» دۇئاسىدىن بىر نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىگە ئۇيغۇن ياشاش كېرەك. ئاخىرەتتە ياخشىلىق يېزىش بولسا، جەننەت ئەھلىنىڭ ئارىسىغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

دۇئا، بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر؛ چۈنكى دۇئا بەندىلەرنىڭ ئاللاھقا بولغان ئېھتىياجىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

  « ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، رەببىم سىلەرگە نېمە دەپ كۆڭۈل بۆلسۇن؟»-(25-سۈرە فۇرقان، 77- ئايەت).

لېكىن بەندە، ئەمەلى ئىش قىلماي تۇرۇپ، پەقەت دۇئا قىلىپ قويۇش بىلەن ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ! ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئىنسانغا ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىدىن باشقا نەرسە يوقتۇر»-(53-سۈرە نەجم، 39- ئايەت).

«ھەج ئىبادەتلىرىڭلارنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئاتا – بوۋىلىرىڭلارنى زىكىر قىلغاندەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى: «رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادا بەرگىن» دەيدۇ. بۇنداقلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋىسى بولمايدۇ.‏ ئۇلاردىن يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى: «رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ.‏ ئەنە شۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھ ھېسابنى تېز ئالغۇچىدۇر»-(‏2-سۈرە بەقەرە، 200~202- ئايەت).

دېمەككى، ئىنسان ئەمەلى ئىش قىلماي تۇرۇپ ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ؛ دۇئاسىمۇ قوبۇل بولمايدۇ! بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنۇلاردۇر:

«كىم ئاخىرەتنى ئىرادە قىلسا ۋە مۇئمىن بولغان ھالدا ئۇنىڭ ئۈچۈن لايىق رەۋىشتە تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، ئەنە شۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى تەقدىرلىنىدۇ»-(17-سۈرە ئىسرا، 19- ئايەت).

«ھېچكىم ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆلمەيدۇ. ھەر كىشىنىڭ ئەجىلى بەلگىلىنىپ يېزىلغاندۇر. كىمكى دۇنيا مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن بېرىمىز، كىمكى ئاخىرەت نېمىتىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىڭدىن بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز»-(3-سۈرە ئال ئىمران، 145- ئايەت).

ئىنسان بۇيرۇلغاننى قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭغا بۇ دۇنيادا ياخشىلىق يازىدۇ. ئەگەر ئۆمۈر بويى مۇشۇنداق داۋام قىلسا ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلارنىڭ قاتارىدا يازىدۇ؛ يەنى جەننەتكە بارىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزىلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر