مۇسۇلمانلار
بۈگۈن جىھادنى قانداق قىلىمىز؟ 1

بۈگۈن جىھادنى قانداق قىلىمىز؟

ئەگەر جىھاد ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش دېگەنلىك بولسا، ھازىر بۇنى قانداق ئورۇنداش كېرەك؟

جىھاد- كۈچ سەرپ قىلماق، تىرىشماق، بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيىتىنى ئىشقا سالماق دېگەن مەنىلەردىكى «جەھد، جۇھد» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن ئۇقۇمدۇر.

ھاياتنىڭ غايىسى بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھ ۋە رەسۇلى قويغان پرىنسىپلارنى ھەر بىر شەخس ۋە جەمئىيەتكە تەتبىقلاش، ئىسلامنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش، ئىسلام دۆلىتىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ھەر تۈرلۈك خەتەر ۋە ھۇجۇملاردىن قوغداش، زۆرۆر تىپىلغاندا بۇلار ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىش دېگەندەك كەڭ مەنىسى بولغان جىھاد؛ قەلب، قول ۋە قورال – ياراق قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئىنسانى ۋاسىتىلارنى قوللىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتتۇر.[1]

جىھاد، كەڭ ھەجىملىك ئۇقۇمدۇر. قوراللىق ئۇرۇش قىلىش ئۇ سۆز ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىلەردىن بىرىسى، خالاس. جىھاد، قۇراللىق ئۇرۇش قىلىش دېگەن مەنىدە ئەمەس. چۈنكى قۇرئاندا ئۇرۇش قىلىش مەنىسىدە كەلگەن سۆز «قىتال/مۇقاتەلە» دېگەن سۆزدۇر. تۆۋەندىكى ئايەت، جىھاد سۆزىنىڭ پەقەت ئۇرۇش مەنىسىدىلا ئەمەسلىكىنىڭ دەلىلى بولالايدۇ:

﴿فَلَا تُطِعِ الْكَافِرِينَ وَجَاهِدْهُم بِهِ جِهَادًا كَبِيرًا﴾

« شۇنىڭ ئۈچۈن سەن كافىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن ۋە ئۇلارغا قارشى بۇ قۇرئان بىلەن چوڭ جىھاد قىلغىن»-(25-سۈرە فۇرقان، 52- ئايەت).

قۇرئان بىلەن جىھاد، قۇرئاننى قۇرال – ياراق ئورنىدا ئىشلىتىش دېمەك ئەمەس، ئەلۋەتتە.  بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا، كافىرلار بىلەن قىلىنغان  كۈرەشنىڭ قۇرئان بىلەن ۋە قۇرئانغا ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش.  شۇڭلاشقا، بىر مۇسۇلماننىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە ئىسلام ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى چىقىرىشى جىھاد ھېسابلىنىدۇ.  شۇنداقلا ، دۈشمەن بىلەن بولغان ئۇرۇش ھەمىشە ئۇچرايدىغان ھادىسە ئەمەس. ئەمما ئىنسان ھەمىشە نەفسى  ۋە شەيتان بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. بۇ كۈرەشمۇ جىھاد ھېسابلىنىدۇ. يەنى جىھاد زۆرۈر تېپىلغاندا مال بىلەن ياكى جان بىلەن بولىدۇ. قىسقىسى، جىھاد، ئاللاھ ئۈچۈن نېمىنى، قەيەردە، قاچان ۋە قانداق ئۇسۇلدا قىلىش زۆرۈر بولسا ، ئۇنى، ئۇ يەردە، دەل ۋاقتىدا ۋە ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا قىلىش دېمەكتۇر.

بۈگۈن بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز ئاللاھ كۆرسەتكەندەك ياشاش ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىشتۇر. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يولى قۇرئاننى چۈشىنىش، ھاياتىمىزغا تەتبىقلاش ۋە قۇرئان ئەتراپىدا بىرلىشىشتۇر. ئەگەر بىز شۇنداق قىلساق، ئاللاھ بىزگە ھەر ساھەدە زور ئۇتۇقلارنى ئاتا قىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ خۇش خەۋىرىدۇر. بىز تۆۋەندىكى ئايەتلەر (كۆپ بولغاچقا ئەرەپچە تېكىستى بېرىلمىدى) ھەققىدە ئويلىنىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئىش قىلىشىمىز كېرەك:

« ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مۇنداق ۋەدە بەردى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى ھۆكۈمران قىلغىنىدەك، ئۇلارنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىنى ئۇلارغا مۇستەھكەم قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ، ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن رازى بولغان دىندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى خاتىرجەملىككە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن كافىر بولغانلار ھەقىقەتەن فاسىقلاردۇر.‏ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلەيسىلەر»-(24-سۈرە نۇر، 55 – 56- ئايەتلەر).

«ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاللاھقا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە قەدەملىرىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىدۇ»-(47-سۈرە مۇھەممەد، 7- ئايەت).

«… شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزىگە ياردەم بەرگۈچىلەرگە ياردەم بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر»-(‏22-سۈرە ھەج، 40- ئايەت).

«… مۇئمىنلارغا ياردەم بېرىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر»-(30-سۈرە رۇم، 47- ئايەت).

« سىلەر جەننەتكە كىرىمىز دەپ ئويلىدىڭلارمۇ؟ سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرنىڭ ئوخشىشى تېخى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلمىدىغۇ! ئۇلار چىدىغۇسىز بېسىم ۋە قاتتىق ئېغىرچىلىقلارغا ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى. بۇ شۇ دەرىجىدە بولغان ئىدىكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلار: «ئاللاھنىڭ نۇسرىتى قاچان كېلىدۇ؟» دەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ناھايىتى يېقىندۇر»-(2-سۈرە بەقەرە، 214- ئايەت).

«ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار ۋە ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار: سىلەر بىر -بىرىڭلارغا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ قەلبىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار. سىلەر يەنە چوڭقۇر ئوتنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئۇ يەردىن قۇتقۇزدى. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. توغرا يولغا كەلگەيسىلەر!‏»-( 3-سۈرە ئال ئىمران، 103- ئايەت).

« ئى مۇئمىنلار! مەن سىلەرگە، سىلەرنى ئەلەملىك ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدا مال ۋە جانلىرىڭلار بىلەن جىھاد قىلىسىلەر. ئەنە شۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار. بۇ تىجارەتنى قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە ۋە ئەدن جەننەتلىرىدىكى ئېسىل سارايلارغا كىرگۈزىدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر. باشقا بىر نېمەت بار. سىلەر ئۇنى ياخشى كۆرىسىلەر. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھتىن نۇسرەت ۋە يېقىن غەلىبە. مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»-(61-سۈرە سەف، 10~13- ئايەتلەر).

جىھاد ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسقا قاراڭ:

https://www.musulmanlar.com/?p=2196

[1] قاراڭ: ئەھمەد ئۆزەل، «جىھاد»، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋاقفى  نەشرىياتى، 1993)، 7 : 527.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر