مۇسۇلمانلار
ئېرىم ئۈچ تالاق دېدى 1

ئېرىم ئۈچ تالاق دېدى

سۇئال: مەن توي قىلغىلى 6 يىل بولدى. 2 ياشلىق بىر ئوغلۇم بار. ئېرىم بىلەن ئىككىمىز بىر بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلغان. لېكىن بىر يىلدىن بۇيان ئوتتۇرىمىزدا ئۇرۇش-جىدەل قۇرۇمىدى. بۇ جەرياندا ئېرىم ماڭا ئۈچ قىتىم «تالاق» دېدى؛ لېكىن ھازىر ئارىمىز ياخشى، بارلىق مەسىلىلىرىمىزنى ھەل قىلدۇق. ئېرىم بەك پۇشايمان قىلدى. بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز تۇرمۇشىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋەردۇق، بۇنداق قىلساق گۇناھ قىلغان بولىمىزمۇ؟

جاۋاب:

تۆت مەزھەبنىڭ قارىشىدا ئەر ئايالىنى، ئادەت كۆرىۋاتقان ۋاقتىدا ياكى پاك ۋاقتىدا بىر تالاق قىلسا ئايال تالاق بولۇپ كەتكەندەك، ئۈچ تالاق قىلسىمۇ تالاق بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئايالىغا؛ «سېنى ئۈچ تالاق قىلدىم» دېسە شۇ ھامان ئۈچ تالاق بولىدۇ – دە، نىكاھ تامامەن ئاخىرلىشىدۇ.   مەلۇم بىر شەرتكە ياكى زامانغا باغلاپ قىلغان تالاقمۇ چۈشىۋېرىدۇ.  يا تالاق قىلىۋاتقاندا يا بىر تالاقتىن كىيىن قايتا يارىشىۋالغاندا ياكى تالاق ئىددىتى توشۇپ ئايرىلغاندا گۇۋاھچى كەلتۈرمەيدۇ! ئەر ئايالى بىلەن قايتا يارىشىۋالماقچى بولغىنىدا ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ قانداقلىقىغىمۇ ھېچ قارالمايدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان ۋە سۈننەتكە خىلاپتۇر! تالاق سۈرىسىنىڭ 1~3- ئايەتلەردە تالاققا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر تەپسىلى بايان قىلىنغاندۇر. تالاق مەسىلىسىدە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

  • ئىددەت ئىچىدە تالاق قىلىش. يەنى ئايال ئادەت كۆرمىگەن ۋاقىتتا بولۇشى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ مەزگىلدە مۇناسىۋەت قىلمىغان بولۇشى كېرەك. ئادەت مەزگىلدە تالاق قىلىشقا بولمايدۇ. ھەم ئادەتتىن پاكلانغان مەزگىلدە مۇناسىۋەت قىلىپ قويغان بولسىمۇ، تالاق قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا قىلىنغان تالاق، تالاق ھېسابلانمايدۇ.
  • تالاقتىن كىيىن ئىددەتنى ساناش.
  • تالاقتىن كىيىن ئىددەت توشقىچە ئايالنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتمەسلىك.
  • ئايالنىڭمۇ ئىددەت توشقىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتمەسلىكى.
  • ئىددەت جەريانىدا ياكى ئىددەت ئاخىرلاشقاندا ئايالنى چىرايلىقچە نىكاھىدا تۇتۇش ياكى ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىش.
  • مەيلى ئايالنى تالاق قىلغان ۋاقىتتا بولسۇن، مەيلى تالاقتىن كىيىن قايتقان (ئەپلىشىۋالماقچى) بولغان ۋاقىتتا بولسۇن، مەيلى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن ۋاقىتتا بولسۇن ئادىل ئىككى گۇۋاھچى كەلتۈرۈش.

رەسۇلۇللاھ، ئايالىنى بىر قىتىمدا ئۈچ تالاق قىلغانلىقىنى ئېيتقان كىشىلەرگە تالاق سۈرىسىنىڭ 1- ئايىتىنى ئوقۇپ تۇرۇپ، بۇنىڭ پەقەت بىر تالاق بولىدىغانلىقىنى دېگەندۇر(قاراڭ: ئەبۇ داۋۇد، «تالاق»، 10؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 1 : 265).

رەسۇلۇللاھ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئايالىنى ئادەت مەزگىلىدە تالاق قىلغانلىقىنى بىلگەندە ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇنىڭغا دەپ قوي، ئايالىغا قايتسۇن؛ ھەيزدىن پاكلانغىچە ئايرىلمىسۇن. بۇنىڭدىن كىيىن ئايالى ئادەت كۆرۈپ پاكلانغاندىن كىيىن خالىسا نىكاھنى داۋام قىلسۇن، خالىسا مۇناسىۋەت قىلماي تۇرۇپ ئۇنى تالاق قىلسۇن. ئىددەت دېگىنىمىز مانا بۇ، ئاللاھ ئاياللارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا تالاق قىلىنىشىنى ئەمر قىلىدۇ» (قاراڭ بۇخارى، «تالاق»، 1، 3، 44، 45) ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ: «نەبىيىمىز، قىلغان تالىقىمنى ئىناۋەتسىز دېدى ۋە مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «ئى نەبىي! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنى ئىددىتى ئىچىدە تالاق قىلىڭلار» يەنى ئۇلارنى ئىددىتى باشلانغان ۋاقىتتا تالاق قىلىڭلار» (قاراڭ: ئەبۇ داۋۇد، «تالاق»، 4).

بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى ئادرىستا تەپسىلى يېزىلغان ماقالە بار. يولدىشىڭىز بىلەن بىللە دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن:

ئىسلامدا تالاق نىزامى

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر