مۇسۇلمانلار
زىنا قىلغۇچى ئۆيلىنەلەمدۇ؟ 1

زىنا قىلغۇچى ئۆيلىنەلەمدۇ؟

سۇئال:

نۇر سۈرىسىنىڭ 3-ئايىتىدە، زىنا قىلغانلارنىڭ زىنا قىلمىغانلار بىلەن توي قىلىشى چەكلەنگەن، 5-ئايەتتە بولسا: «لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» دېيىلگەن. بۇ ئايەت 3-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان زىنانىڭ جىنايىتى ۋە جازاسى توغرىسىدا ئەمەس، بەلكى 4- ئايەتتىكى ئىپپەتلىك ئاياللارنى تۆھمەت قىلىش جىنايىتى ۋە جازاسى ھەققىدە. شۇڭلاشقا، «زىنا قىلغان كىشى تەۋبە قىلغان تەقدىردىمۇ ئىپپەتلىك بىرى بىلەن توي قىلالمايدۇ ، چۈنكى نۇر سۈرىسىنىڭ 3-ئايىتى بۇنى چەكلەيدۇ، 5-ئايەتنىڭ بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېيىلىدۇ. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب:

نۇر سۈرىنىڭ 5-ئايىتىدىكى ھۆكۈم ھەم زىنا قىلغان ھەم  ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، تەۋبە قىلىپ، كىرگەن خاتا يولنى تاشلىغان ۋە ياخشى ئىشلارنى باشلىغان كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھى نېمە بولسا بولسۇن ئاللاھ ئۇ گۇناھنى مەغپىرەت قىلىدۇ. مەغپىرەت قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا ئىنئام بېرىدۇ (زۇمەر،39 / 53). ئۇنىڭ بۇنداق كىشىگە قىلغان ئەڭ كاتتا ئىنئامى ئۇنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى ساۋابقا ئايلاندۇرۇپ بېرىشىدۇر (فۇرقان، 25 / 68 – 70).

ئەگەر زىنا قىلغان ياكى ئىپپەتلىك بىر ئايالغا زىنا بىلەن تۆھمەت قىلغان كىشى، بۇ گۇناھىدىن تەۋبە قىلىپ، ئۆزىنى تۈزەتسە، ئۇ ھېچ زىنا قىلىپ باقمىغان ۋە تۆھمەت قىلىپ باقمىغان ئادەمگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئىنئام قىلغۇچىدۇر.    

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر