مۇسۇلمانلار
راستىنلا شۇنداق بولامدۇ؟ 1

راستىنلا شۇنداق بولامدۇ؟

سۇئال:

بىر مۇللام تېلېۋىزوردا مۇنداق بىر ھەدىس بارلىقىنى ئېيتتى: «ئەگەر قەبرىستانلىقتىن ئۆتكەندە ئىخلاس سۈرىسىنى 11 قېتىم ئوقۇسىڭىز، شۇ قەبرىستانلىقتا ياتقانلارنىڭ سانىچىلىك گۇناھلىرىڭىز كەچۈرۈم قىلىنىدۇ». راستىنلا شۇنداق ھەدىس بارمۇ؟

جاۋاب:

مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتنىڭ تېكىستى مۇنداق:

من مر على المقابر فقرأ فيها إحدى عشرة مرة : {قل هو الله أحد} ثم وهب أجره للأموات؛ أعطي من الأجر بعدد الأموات

«قەبرىستانلىقتىن ئۆتكەن كىشى ئۇ يەردە (ئىخلاس سۈرىسى)نى ئون بىر قىتىم ئوقۇپ، ئۇنىڭ ساۋابىنى ئۆلۈكلەرگە بېغىشلىسا، ئۇنىڭغا شۇ يەردىكى ئۆلۈكلەرنىڭ سانى بىلە تەڭ ئەجىر بېرىلىدۇ».

سەھىھ (ساغلام) ھەدىس مەنبەلىرىدە مۇنداق رىۋايەت تېپىلمايدۇ.

ئەجلۇنىي، خەلق ئىچىدە ھەدىس دەپ بىلىنگەن مەشھۇر رىۋايەتلەرنى توپلىغان «كەشفۇل-خەفا» ناملىق ئەسىرىدە بۇ رىۋايەتنىڭ رافىئنىڭ تارىخ كىتابىدا بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئۇ رىۋايەتنىڭ ساغلاملىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەيدۇ (قاراڭ: ئەجلۇنى، كەشفۇل-خەفا، 2 : 282).

ھەدىسشۇناسلاردىن بىر بولغان فەتتەنى ئويدۇرما ھەدىسلەرنى توپلىغان ئەسىرىدە بۇ رىۋايەتنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ (قاراڭ: فەتتەنىي، تەزكىرەتۇل-مەۋزۇئات، 220).

 سەنەد تەرەپتىن ئويدۇرما ئىكەنلىكى بىلىنگەن بۇ رىۋايەتنىڭ تېكىستىنىڭ سەھىھ (ساغلام) بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۆلگەنلەرنىڭ كەينىدىن قۇرئان ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئۇلارغا ئىئانە قىلىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئايەت ياكى ساغلام ھەدىس يوق.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمگە پايدا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى مۇنۇ ھەدىسىدە بايان قىلىدۇ: «ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىمايدۇ: بىرىنچى، ئىنسانلارغا مەنپەئەتى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە (مەسچىت، مەدرىسە سالغانغا ئوخشاش). ئىككىنچى، پايدىلىق ئىلىم (باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەر). ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت »- (مۇسلىم، « ۋەسىيەت»،  14؛ تىرمىزى، «ئەھكام »، 1297؛ نەسەئى، «ۋەسايا»، 3591. ئەبۇ داۋۇد، «ۋەسايا»، 2494).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر