مۇسۇلمانلار
67- شېرىن سۆزلۈك ۋە خۇش چىراي بولۇش 1

67- شېرىن سۆزلۈك ۋە خۇش چىراي بولۇش

 كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا شېرىن سۆزلۈك ۋە خۇش چىراي بولۇش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿… وَاخْفِضْ جَنَاحَكَ لِلْمُؤْمِنِينَ…﴾

«مۇئمىنلەرگە كەمتەر بولغىن»-(15-سۈرە ھىجىر، 88- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿… وَلَوْ كُنتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لاَنفَضُّواْ مِنْ حَوْلِكَ …﴾

«ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى»-(3-سۈرە ئال ئىمران، 159- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئەدىي ئىبن ھاتەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر يېرىم خورما چاغلىق نەرسىنى سەدىقە قىلىپ بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار، يېرىم خورما چاغلىق نەرسىنىمۇ تاپالمىغان كىشى ياخشى سۆز بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلانسۇن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاز بولسىمۇ سەدىقە قىلىپ تۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) ئەگەر يېنىدا بەرگۈدەك نەرسىسى بولمىسا، سائىلنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ياخشى ۋەدىلەرنى بېرىپ قايتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ياخشى سۆزنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەدىقە». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش ۋە باشقىلارغا ياخشى سىلىق گەپ قىلىش سەدىقە ھېسابلىنىدىغانلىقى.

2) سەدىقىنىڭ بارچە ياخشىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى. گەرچە سەدىقە كۆپىنچە ھاللاردا پۇل-مالغا قارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن كۈلۈمسىرەش، سىلىق گەپ قىلىشقا ئوخشاش باشقا ئىشلارنىڭمۇ سەدىقە ھېسابلىنىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر ياخشى ئىشنى كىچىك سانىمىغىن، ھەتتاكى قېرىندىشىڭ بىلەن ئوچۇق چىراي مۇلاقات بولۇشۇڭمۇ ياخشى ئەمەل قاتارىغا كىرىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇئمىنلەر ئارا بىر-بىرىدىن دوستلۇق ۋە مۇھەببەت ئىزدەش، خۇش چىراي بولۇش، كۈلۈمسىرەش قەلبتىكى دوستلۇق-مۇھەببەتنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر