باش بەت > تەتقىقاتلار > نىكاھ  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

نىكاھلىنىشتا ياخشىنى تاللاڭ

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿الْخَبِيثَاتُ لِلْخَبِيثِينَ وَالْخَبِيثُونَ لِلْخَبِيثَاتِ وَالطَّيِّبَاتُ لِلطَّيِّبِينَ وَالطَّيِّبُونَ لِلطَّيِّبَاتِ﴾

«ناپاك ئاياللار ناپاك ئەرلەرگە، ناپاك ئەرلەر ناپاك ئاياللارغا لايىقتۇر. پاك ئاياللار پاك ئەرلەرگە، پاك ئەرلەر پاك ئاياللارغا لايىقتۇر…»– نۇر 24/26.

ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە جەمئىيەتتە كىشىلەر ئۆز خىلى بىلەن نىكاھلىنىدىغانلىقىدىن، ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ھەر كىشىنىڭ ئۆز لايىقى بىلەن نىكاھلىنىشىنىڭ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەمەلىيىتى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىش بىلەن بىرگە نىكاھلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى كىشىنى تاللاشلىرىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ئەرلەر خوتۇن تاللاشتا تۆۋەندىكى تۆت نەرسىنىڭ بىرىنى ئاساس قىلىدۇ: پۇل-مېلى، تېگى-تەكتىنىڭ ئېسىللىكى، ھۆسن-جامالى ۋە دىيانىتى. سەن دىيانەتلىك ئايالغا ئېرىشكىن، نىكاھىڭ بەرىكەتلىك بولسۇن!»– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىسىدە، ئەرلەرنىڭ خوتۇن تاللاشتا ئاياللارغا بولغان قىزىقىشىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئەرلەرگە دىيانەتلىك ئايال بىلەن نىكاھلىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، شۇنداقلا دىيانەتلىك ئايالنى تاللىغان كىشى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلىدۇ.

تۆۋەندە يۇقىرىدىكى ئايەت-ھەدىسنىڭ نۇرى ئاستىدا «نىكاھلىنىشتا ياخشىنى تاللاش» توغرىسىدا بىر قەدەر تەپسىلىي توختىلىمەن. تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

قېرىنداشلار! جەمئىيەتتە شۇنداق ئاياللار باركى: ئادەمگەرچىلىك، ۋاپادارلىق، شەرم-ھايا ۋە رەھىم-شەپقەت قاتارلىق ئىنسانىي خۇسۇسىيەتلەرنى ئۇنتۇپ، مېلىغا ياكى ھۆسن-جامالىغا ۋە ياكى تېگى-تەكتىنىڭ ئېسىللىكىگە تايىنىپ ئېرىنى كۆزىگە ئىلمايدۇ. تايىنىدىغان ھېچنېمىسى بولمىغانلارمۇ خالىس ئەسكىلىكىنىڭ تۈپەيلىدىن ئېرىنى يەر قىلىۋېتىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە نىكاھلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنى جۆرە تاللاشتا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا بۇيرۇغان. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام يۇقىرىدىكى ھەدىسىدە يامان ئاياللارنى ۋە ياخشى ئاياللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.

يامان ئاياللار

يۇقىرىدىكى ھەدىس شەرىفكە ئاساسەن يامان ئاياللار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

1- مېلىنى چوڭ بىلىدىغان مالدار ئايال. بۇنداق ئايال دىيانەتلىك بولۇپ، ھەرقانداق ئىشتا دىنىنى ئاساس قىلىدىغان، پۇل-مېلىغا تايىنىپ ئېرىگە ھاكاۋۇرلۇق قىلمايدىغان، ئىسلام ئەخلاقىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن ئايال بولسا، ئۇ مال (بايلىق) ھېچقانداق زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ. بەلكى ئۇ بايلىق، ئۇ ئايالنى ۋە ئېرىنى نۇرغۇن ياخشىلىقلارغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

ئەگەر مالدار ئايال دىن- دىيانەتسىز بولۇپ، پۇل-مېلىم بار دەپ تېرىسىگە پاتمايدىغان، كەڭتاشا يەپ-ئىچكىنىنى تۇرمۇش، دۇنيانىڭ ھەشەمەتلىرىنى بەخت-سائادەت ھېسابلايدىغان ھاكاۋۇر ئايال بولسا، بۇنداق ئايال بىلەن قۇرۇلغان ئائىلىدە جېدەل-ماجىرا تۈگىمەيدۇ. بۇ ئائىلىدە ئائىلىۋى ھۇزۇردىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئادەم ئۆيلەنمەكچى بولغاندا دىن-دىيانەتسىز مالدار ئايال بىلەن ئۆيلىنىشتىن ساقلىنىشى لازىم. يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىس بۇنى كۆرسەتمەكتە.

2- چىرايلىق ئىكەنلىكى بىلەن باشقىلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغان چىرايلىق ئايال. ھۆسن-جامال دىنىمىزدا يامان كۆرۈلىدىغان نەرسە ئەمەس، لېكىن دىنىمىز، دىن-دىيانەت بىلەن كارى يوق چىرايلىق ئايالنى ئېلىشقا مۇسۇلماننىڭ قىزىقماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى دىيانەتسىز چىرايلىق ئاياللار، چىرايىغا تايىنىپ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرىدۇ، ئۆز ئىرادىسىنى باشقىلارغا تاڭىدۇ، ئەگەر ياتلىق قىلىنسا، ئېرىگە ھاكىممۇتلەق بولۇشقا ئورۇنىدۇ، گۈزەللىكىگە تايىنىپ، ئۆي ئىچىدە دېگىنىنى دېگەن، قىلغىنىنى قىلغان قىلىشقا تىرىشىدۇ، «مېنىڭ گىپىملا گەپ» دەپ ئويلايدۇ. بىر مۇسۇلماننىڭ چىرايلىق ئىكەن دەپ بۇنداق چۈشەنچىدىكى بىر خوتۇن بىلەن (دىيانىتى بىلەن ھېساپلاشماستىنلا) ئۆيلىنىشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر.

دىن-دىيانەت بىلەن كارى يوق چىرايلىق خوتۇننىڭ، ئېرىگە ھۆسن-جامالى بىلەن نازلىنىپ ھەر پۇرسەتتە ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقى، ئاچ كۈزلۈك قىلىشى، ئېرىگە قانائەت قىلماسلىقى، باشقىلارغا كۆز تىكىشى، ئۆزىنى باشقىلار ئۈچۈن پەردازلىشى، ھەر ئىشىكتىن كۆرۈنۈپ، ھەر دېرىزىدىن قارىشى، ئۆزىنى ھەر كەلگەنگە كۆرسىتىشكە ھەۋەسلىنىشى جەمئىيتىمىزدە كۆزگە چېلىقىۋاتقان بىر ھادىسىدۇر. بۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. توي قىلىشتىن بۇرۇن ئىچىمىز ئاغرىغان ياكى ئاچچىغىمىز كەلگەن كىشىلەرنىڭ، توي قىلغاندىن كېيىن بىز بولۇپ قالماسلىقىمىزغا تىرىشىشىمىز لازىم.

3- ئاتا-بوۋىسىنىڭ نوپۇزلۇق كىشىلەر ئىكەنلىكىگە تايىنىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ئايال. ئەگەر بىر ئايالنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئىسلامغا خىزمەت قىلىپ نوپۇز تاپقان بولسا، بۇ ئايالمۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، بۇ نېمىدىگەن ياخشى ئايال! ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ ئۇ ئايال ئۈچۈن بىر پايدىسى يوق. ئۆزى تەر تۆكۈپ، شان-شەرەپ ھاسىل قىلماستىن ئاتا-بوۋىسىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى (راستىنلا ئۇلۇغمۇ يوق بۇ ئايرىم مەسىلە) سەرمايە قىلىپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ئايالدىن مۇسۇلمانغا ياخشىلىق كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىستە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنداق سۈپەتتىكى ئايال بىلەن توي قىلىشىنىڭ مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

جەمئىيىتىمىزدە ئۆزىنىڭ ھەسەپ-نەسىبى بىلەن پوچىلىق قىلىدىغان، قەبىلىسى ۋە قەۋمى بىلەن پەخىرلىنىدىغان، تېگى-تەكتىنىڭ ئېسىللىكى بىلەن ماختىنىدىغان، شۇنداقلا باشقىلارنى كەمسىتىدىغان، ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان، ھاكاۋۇر ۋە ماختانچاق ئاياللار كۆپ. نىكاھلىنىشتا مانا مۇشۇنداق ئاياللارنىڭ تاللانماسلىقى كېرەك.

قېرىنداشلار! پۇل-مال ۋە ھۆسن-جامال ۋاقىتلىقتۇر. ھەسەپ-نەسەپنىڭ ئۇلۇغلىقىمۇ قۇرۇق دەۋادىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھەتتا ھەسەپ-نەسەپنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن ماختىنىشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكى نورغۇن ئايەت ۋە ھەدىسلەردە بايان قىلىنىدۇ. دىيانەتكە كەلسەك، ئۇ ئۆلگۈچە داۋاملىشىدۇ ۋە پايدىسى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل ئايال دىيانەتلىك بولۇپ قالسا، نۇر ئۈستىگە نۇر بولىدۇ. دىيانىتى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئەر-خوتۇن، ئۇ دۇنيادىمۇ جەننەتتە ئەر-خوتۇن بولۇپ بىرگە ياشايدۇ (ياسىن سۈرىسىنىڭ 56 – ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ).

دىنىمىز بىز مۇسۇلمانلارنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن بەزى ئىشلارنى قىلىشىمىزغا بۇيرۇش بىلەن بىرگە بەزى ئىشلاردىن چەكلەيدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىس، ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم باسقۇچلىرىدىن بىرى بولغان ئۆيلىنىش باسقۇچىمىزدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى بايان قىلماقتا. چۈنكى بىز بېشىمىزغا نېمە كېلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. ئۇنى پەقەتلا رەببىمىز ئاللاھ تائالا بىلگەچكە قاچان قەيەردە نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى سۆزلىگەن بولسا، قەتئىي بويسۇنۇشىمىز لازىمدۇر.

نىكاھلىنىشتا مۇھىتنىڭ تەسىرى ياكى ياشلىق ھاياجانى ياكى يار-بۇرادەرلەرنىڭ قىزىقتۇرۇشى قاتارلىقلارغا بويسۇنۇپ ھېسسىياتچانلىق بىلەن قارار بەرمەسلىك كېرەك. ئەقلىمىزنى ئىشلىتىشىمىز لازىم، دىنىمىزنىڭ تەلىماتلىرىغا خىلاپلىق قىلماسلىىقىمىز، شۇنداقلا تەقۋادارلىقنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك .

قېرىنداشلار! دىنىمىز نېمىدىن چەكلىگەن بولسا، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈندۇر. نېمىگە بۇيرىغان بولسا، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈندۇر. يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل ئايال مۇسۇلمانچىلىقنى ئاساس قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئۇ ھاللارغا كەلگەن. ئەگەر ئۇ ئۈچ خىل ئايال مۇسۇلمانچىلىقنى ئالدىنقى قاتاردا قويىدىغان ئاياللار بولسا، ئۇلارنىڭ ھەدىستىكى 4- خىل ئايالدىن ھېچقانداق پەرقى يوقتۇر، بەلكى ئۇنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

دېمەك، پۇل-مال، ھۆسن-جامال ۋە ھەسەب-نەسەبنىڭ ئۇلۇغلۇقى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى يامان نەرسىلەر ئەمەستۇر. يامان بولغىنى بۇلارغا تايىنىپ توغرا يولدىن چىقىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە نىكاھىمىزغا ئالماقچى بولغان ئايالنىڭ دىيانەتلىك بولۇشىنى ئاساس قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلغان.

ياخشى ئايال

يۇقىرىدىكى ھەدىستە بايان قىلىنغان دىيانەتلىك ئايال ئايەتتىكى پاك ئايالدۇر. دىيانەتلىك ئايال پايدىلىق بىر تىجارەتكە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ پايدىسى توختاپ قالمايدۇ. دىيانەتلىك ئايال ئىپپەت-نومۇسلۇق، ئەقىللىق، ۋىجدانلىق، سەۋرلىك، چىداملىق، كۆڭلى تۈز، كۆزى توق،  ۋاپالىق، ھايالىق بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ھەققىنى تونۇيدۇ، ھەققى ئەمەس نەرسىنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئېرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ، سەۋەنلىكلىرىگە كۆز يۇمىدۇ. ھەر خاتالىقى بىلەن ھېسابلىشىپ ئۇلتۇرمايدۇ. ئېرىنىڭ ھەققىنى تونۇيدۇ ۋە رىئايە قىلىدۇ. مەسىلەن: بار چېغىدا ئىچىنى پۇشۇرمايدۇ. يوق چېغىدا خىيانەت قىلمايدۇ.

دىيانەتلىك ئايال ئۆينى رەتلىك تۇتىدۇ. يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئىنتىزامغا كىرگۈزىدۇ. دىنى تەۋەررۈكلىگە ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. بالىلارنى تەربىيلەشتە بارلىق كۈچىنى چىقىرىدۇ.

نەتىجىدە دىيانەتلىك ئايال بالىلارغا شەپقەتلىك ئانا، مېھرىبان ئۇستاز ۋە سەمىمىي دوستتۇر. ئېرىگە كۆيۈمچان جورا، ۋاپادار ھايات يولدىشى ۋە پىداكار ھەمراھدۇر. بۇنداق بىر ئايال بىلەن قۇرۇلغان ئائىلىدە سەمىيلىك، راستچىللىق، ئىشەنچ، ئۆزئارا ئىخلاس ۋە مېھىر-مۇھەببەت ھايات بويىچە داۋاملىشىدۇ. مۇئامىلىلەر سىلىق، چىرايلار خۇش، گەپ-سۆزلەر يېقىملىق. ئىززەت-ئىكراملار تولۇق…

دىيانەتلىك ئايال ئېرىگە ئىتائەت قىلىدۇ. ئېرىنىڭ ئابرۇيىنى ۋە مېلىنى ساقلايدۇ. ئېرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئاياغ ئاستى قىلمايدۇ. بۇنداق ئايالنىڭ ياسىنىشى، كىيىنىشى ۋە پۈتۈن زىبۇزىننەتلىرى پەقەتلا ئېرى ئۈچۈن بولىدۇ. بۇنداق دىيانەتلىك ئايال بىلەن توي قىلغان ئەرنىڭ تۇرمۇشى رەتلىنىدۇ، كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ، قەلبى ئارام تاپىدۇ، ۋىجدانى راھەتلەيدۇ، ئۆيى ئاۋاتلىشىدۇ، ئىشى ئالدىغا ماڭىدۇ.

ياخشى ئەر

ياخشى ئەر دىيانەتلىك ئەردۇر. دىيانەتلىك ئاياللارمۇ دىيانەتلىك ئەرلەر بىلەن توي قىلىشى لازىم. چۈنكى دىيانەتلىك ئەر ياخشى ئەخلاقلىق، ئېغىر-بېسىق، تەمكىن، كۆڭلى تۈز، مۇلايىم، مېھىر-شەپقەتلىك، كۆيۈمچان ۋە ئائىلىسىگە مەرھەمەتلىك كېلىدۇ. ئايالىغا زۇلۇم قىلمايدۇ. ئايالىنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىدۇ. ئايالى بىلەن ياخشى ئۆتىدۇ. خەج-خىراجىتىنى ئۆز جايىدا قىلىپ بېرىدۇ. ئايالىغا دىنىنى ئۆگىتىدۇ. ئايالىنى ياخشى ئىشلارغا قىزىقتۇرىدۇ ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ. ئۇنى يامانلىقتىن توسىدۇ. قىسقىسى دىيانەتلىك ئەر ئايالىنى شەرىئەت بويىچە ساقلايدۇ. ئايالىنى: «ئۇ مەن، مەن ئۇ» دەپ چۈشىنىدۇ.

يامان ئەر

بەزى دىيانەتسىز ئەرلەر باركى، تەبىئىتى قوپال، مىجەزى توڭ، سۆھبىتى ناچار، ئۆزى ھاماقەت، خۇيى ئەسكى، خۇشاللىقى ئاستا، ئاچچىغى تېز، كىرسە مىننەتخور، چىقسا گۇمانخوردۇر. بۇنداق ئەر بىلەن بىر ئۆيگە كىرىپ قالغان ئايالنىڭ ھاياتى بەختسىزلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ: غەم- غۇسسە يۇتىدۇ، ھەسرەت-ئەلەم چېكىدۇ، جاپا-مۇشەققەت تارتىدۇ. ئۇنداق ئەر خۇتۇنى بىر نەرسە تەلەپ قىلسا، ئەزىيەت قىلىپ يۈرىكىنى زىدە قىلىدۇ. ئۇنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلايدۇ.

بۇنداق ئەرلەرنىڭ چىرايى تۇتۇق، مۇئامىلىسى قوپال، گېپى سېسىق، يۈزى قېلىن كېلىدۇ. ئايالىنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلمايدۇ. تېخى ئۇنداقلارنىڭ بەزىسى ئايالىنى: «يېشى چوڭكەن، كېسەلچانكەن، ماڭا ئىقتىسادىي جەھەتتە مەنپەئەتى يەتمەيدىكەن…» دەپ تالاق قىلىتىۋېتىدۇ ياكى شۇنداقلا تاشلىۋېتىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئەخمەق ئۆزىنى دىۋانە، ئايالىنى تۇل، بالىلىرىنى يېتىم قىلىۋېتىپ ئىنسانلارنىڭ نەپرىتىگە، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ.

ئۇنداق ئەرلەر ئاللاھ تائالادىن ھېچ قورقمايدۇ. ئايالىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى، ئەقىدە-ئىخلاسىنى ۋە ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ھاياتىنى ھېچ ئېتىبارغا ئالمايدۇ. مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ، بۇنداق سۈپەتتىكى ئەلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشى تولىمۇ ئېچىنارلىق بىر ئەھۋالدۇر.

بەختلىك ئائىلە

دىيانەتلىك ئەرگە تەككەن ئايال ۋە دىيانەتلىك ئايالنى ئالغان ئەر ھاياتىنى شەرىئەت ئەھكامىغا ئۇيغۇن ئۆتكۈزىدۇ، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەيدۇ. نەتىجىدە ھەر ئىككىلىسى ئۇ دۇنيادا جەننەتكە كىرىشكە لايىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَعَدَ اللّهُ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَمَسَاكِنَ طَيِّبَةً فِي جَنَّاتِ عَدْنٍ وَرِضْوَانٌ مِّنَ اللّهِ أَكْبَرُ ذَلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ﴾

«ئاللاھ، ئەر-ئايال مۇئمىنلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە بىر خىل ھالەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئەدن جەننەتلىرىدىكى ئېسىل جايلارنىمۇ ۋەدە قىلدى. ئاللاھنىڭ رازىلىقى بولسا، ھەممىدىن بۈيۈكتۇر. مانا بۇ، كاتتا بەختكە ئېرىشىشتۇر»- تەۋبە 9/72.

ئەرنىڭ مەسئۇلىيىتى

مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ئەرلەر ئائىلىنىڭ رەئىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئائىلىسىدىن مەسئۇلدۇر، ئۆزىنىڭ ۋە ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا رەھىم-شەپقەت قىلىشى، ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشى، بالىلىرىنى قوغدىشى ۋە ئۇلارنى تەربىيىلىشى، ئايالى بىلەن ياخشى ئۆتىشى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خەج-خىراجىتىنى قىلىپ بېرىشى، ئۇلارغا دىننى ئۆگىتىشى، ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا تەرغىب قىلىشى، يامان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىشى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆيۈنىشى ۋە كېسەل بولۇپ قالسا داۋالىشى لازىم.

ئايالنىڭ مەسئۇلىيىتى

ئايال كىشىنىڭمۇ ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۆۋەندىكىدەك مەسئۇللۇقلىرى بار:

1- ئايال كىشىنىڭ دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلانمايدىغان ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ئۇيغۇن بولغان ئىشلاردا ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى لازىم. بۇنىڭغا ئاساسەن:

ئەگەر بىر ئەر ئايالىنى دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلىنىدىغان بىر ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا ياكى دىنىمىز قىلىشقا بۇيرۇغان بىر ئىشنى قىلىشتىن توسقان بولسا، بۇ ئايالنىڭ ئۇ ئەرگە ئىتائەت قىلماسلىقى لازىم.

ئەگەر بىر ئەر ئايالىنى ئۆرپ-ئادەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بىر ئىشقا بۇيرۇسا مەسىلەن: بىر ئەر ئايالىغا ئوتتۇرا كېچە بولغان ۋاقىتتا «لەغمەن يەيمەن، لەغمەن ئەت» دەپ ئۇنى ئوتتۇرا كېچىدە لەغمەن ئېتىشكە بۇيرۇغان بولسا ياكى ئايالىغا «ئاتا-ئاناڭ بىلەن كۆرۈشمەيسەن» دەپ ئۇنى ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشتىن چەكلىگەن بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ ئايال ئېرىگە ئىتائەت قىلمىسا گۇناھكار بولمايدۇ.

2- ئايال كىشىنىڭ ئېرىنىڭ ئابرۇيىنى قوغدىشى، ئۆزىنىڭ شەرىپىنى ساقلىشى، ئېرىنىڭ مېلىغا، بالىلىرىغا ۋە پۈتۈن ئۆي ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشى لازىم.

3- ئېرىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلماسلىقى (ئەگەر بىر يەرگە چىقماقچى بولسا، ئېرىنىڭ رۇخسىتى ۋە رازىلىقى بىلەن چىقىشى)، ئېرىنىڭ ئالدىدا ئاۋازىنى پەسلىتىشى، قولىنى يامانلىقتىن، تىلىنى سەت گەپتىن ساقلىشى، ئېرىنىڭ تۇغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى لازىم.

خۇلاسە

ئائىلىدە ئەر ئۆز ۋەزىپىسىنى، ئايالمۇ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بالىلىرىغا ياخشى ئۈلگە بولۇشى لازىم. ئەر ئەرلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى، ئايالمۇ ئاياللىقىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. دۇنيادىن ئىبارەت بۇ دېڭىزدا ئائىلە كېمىمىزنى مۇشۇنداق چۈشەنچە بىلەن ھەيدەپ ماڭغاندىلا ئامان-ئېسەنلىك ساھىلىغا ساق-سالامەت چىقالايمىز. ھەمدە ئائىلىمىز ياخشى ئائىلە ۋە بەختلىك ئائىلە بولغان بولىدۇ.

ياخشى ئائىلىلەردىن قۇرۇلغان جەمئىيەت، ياخشى جەمئىيەت بولۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە لايىق بولىدۇ. چۈنكى ھەر بىر ئائىلە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بىناسىنىڭ بىر خىشىدۇر. ئىنسانىيەت بىناسىنىڭ خىشلىرى بولغان ئائىلىلەر تۈزەلسە، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بىنا تۈزىلىدۇ. مۇستەھكەم بىنادىكى كىشىلەر بوران-چاپقۇن، قار-يامغۇر ۋە ئىسىسق-سوغۇقلاردىن ساقلىنىپ قالغاندەك، تۈزۈك جەمئىيەتنىڭ ئىنسانلىرىمۇ دۇنيانىڭ پالاكەتچىلىكلىرىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ، شۇنداقلا ئاخىرەتتە مۇرادىغا يەتكۈچىلەرنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئىسلاھ قىلسۇن. ئامىن!


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ