مۇسۇلمانلار
65-ئەھدىگە ۋاپا قىلىش 1

65-ئەھدىگە ۋاپا قىلىش

 ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، ۋەدىدە تۇرۇش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

 ﴿ وَأَوْفُواْ بِالْعَهْدِ إِنَّ الْعَهْدَ كَانَ مَسْؤُولاً﴾

«ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، چۈنكى سىلەر ئەھدىدىن سوراققا تارتىلىسىلەر‏»-(17-سۈرە ئىسرا، 34- ئايەت).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَأَوْفُواْ بِعَهْدِ اللّهِ إِذَا عَاهَدتُّمْ ﴾

«سىلەر ئەھدە تۈزۈشكەنلىرىڭلاردا، ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار»-(16-سۈرە نەھل 91- ئايەتنىڭ بىرقسىمى).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ أَوْفُواْ بِالْعُقُودِ ﴾

«ئى مۇئمىنلەر! ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىڭلار»-(5-سۈرە مائىدە 1-ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لِمَ تَقُولُونَ مَا لَا تَفْعَلُونَ كَبُرَ مَقْتًا عِندَ اللَّهِ أَن تَقُولُوا مَا لَا تَفْعَلُونَ﴾

«ئى مۇئمىنلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغان نەرسىدۇر»-(61-سۈرە سەف 2-، 3- ئايەتلەر).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.1) سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ. 2) ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ. 3) ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ».— بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: «گەرچە ئۇ كىشى روزا تۇتسىمۇ، ناماز ئوقۇسىمۇ، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئويلىسىمۇ (يەنىلا يۇقىرىقى ئىشنى قىلغان ئادەم مۇناپىق ھېسابلىنىدۇ)»، دېگەن سۆز قوشۇلغان.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بۇ تۆت خىل سۈپەت تېپىلغان ئادەم ھەقىقىي مۇناپىق ھېسابلىنىدۇ. كىمدە شۇ سۈپەتلەرنىڭ بىرەرى تېپىلسا ۋە ئۇنى تاشلىمىسا، تەرك ئەتمىگۈچە ئۇنىڭغا مۇناپىقلىقتىن بىر سۈپەت بولغان بولىدۇ. ئۇلار بولسا: 1. ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ. 2. سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ. 3. ۋەدىگە ۋاپا قىلمايدۇ. 4. مۇنازىرلەشكەندە چېكىدىن ئاشۇرۋېتىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) يۇقىرىقى ھەدىستە مۇناپىقنىڭ ئۈچ ئالامىتى بۇ ھەدىستە بولسا تۆت ئالامىتى بايان قىلىندى، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق زىتلىق يوق، چۈنكى سان مۇئەييەن چەكنى بىلدۈرمەيدۇ.

2) ئېسىل ئەخلاقنىڭ ئىمان بىلەن مەھكەم باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى،

3) مۇناپىقلىق ئىنسان تەبىئىتىدىكى پەسلىك بولۇپ، شەخىس ۋە جەمئىيەتنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

  1. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەھرەيندىن ماللار ئېلىپ كېلىنسە، مەن ساڭا مۇشۇنچىلىك، مۇشۇنچىلىك تەقسىم قىلىپ بېرىمەن»، دەپ قولى بىلەن ئىشارەت قىلدى. بىراق، بۇ پۇللار ئېلىپ كېلىنگۈچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتتى. بەھرەيندىن ماللار ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئەبۇ بەكرى ئادەم تەيىنلەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا، ئۇ كىمگە مال ۋەدە قىلغان بولسا ياكى كىمنىڭ رەسۇلۇللاھتا ئېلىشى بولسا، كېلىپ ئېلىۋېلىشنى ئۇقتۇردى. مەن بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماڭا مۇشۇنچىلىك، مۇشۇنچىلىك مال ۋەدە قىلغانلىقىنى ئېيتتىم. ئەبۇ بەكرى ماڭا چاڭگاللاپ چاڭگاللاپ مال بەردى. سانىسام بەش يۈز ئىكەن. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ماڭا: «سەن يەنە ئىككى ھەسسە ئالغىن»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇندىغانلقى.

2) ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ جابىرغا ئىشەنچ قىلغاچقا ئۇنىڭدىن ھۆججەت تەلەپ قىلماي سۆزىگە ئىشىنىپلا ماللاردىن بېرىشكە ئالدىرىغانلىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر