باش بەت > شېرىك > تەۋھىد  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

شېرىك قانداق گۇناھ

بىر كىشى مۇسۇلمان بولسىمۇ ھاۋايى-ھەۋىسىگە بېرىلىپ زىنا قىلغان، ھاراق ئىچكەن، قىمار ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن.

بۇ كىشى ئاخىرقى تىنىقىنى ئىمان بىلەن بېرەلىسە، ئاللاھنىڭ بۇ گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىش خوش خەۋىرى بار. لېكىن نىسا سۈرىسىنىڭ 48- ۋە 116-ئايەتلىرىدە شېرىك ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ اللّهَ لاَ يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَلِكَ لِمَن يَشَاء وَمَن يُشْرِكْ بِاللّهِ فَقَدِ افْتَرَى إِثْمًا عَظِيمًا﴾

«ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن تۆۋەن گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ ئويدۇرۇپ چىققان بولىدۇ»-(4-سۈرە نىسا، 48- ئايەت).

﴿إِنَّ اللّهَ لاَ يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَلِكَ لِمَن يَشَاء وَمَن يُشْرِكْ بِاللّهِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلاَلاً بَعِيدًا﴾

«ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلىشىنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن تۆۋەن گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ چوڭقۇر ئازغۇنلۇققا چۈشكەن بولىدۇ»-(4-سۈرە نىسا، 116- ئايەت).

ئايەتلەردىن كۆرگىنىمىزدەك شېرىك، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا باشقا گۇناھلاردىن پەرقلىق شەكىلدە ئانالىز قىلىنماقتا، باشقا گۇناھلار ئۈچۈن بېرىلگەن مەغپىرەت خوش خەۋىرى شېرىك ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە. يەنى مۇشرىك ھالەتتە ئۆلگەن بىر كىشىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن مۇشرىكلارنىڭ جەننەتكە كىرىشى قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ بارىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… إِنَّهُ مَن يُشْرِكْ بِاللّهِ فَقَدْ حَرَّمَ اللّهُ عَلَيهِ الْجَنَّةَ وَمَأْوَاهُ النَّارُ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنصَارٍ﴾

  «…كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاخ بولىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ»-(5-سۈرە مائىدە، 72- ئايەت).

شېرىك مەسىلىسىنى بىلىش مانا بۇ سەۋەبتىن  ناھايىتى مۇھىمدۇر.

ئەلۋەتتە بۇ يەردە يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ تۆۋبە قىلماستىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر ھەققىدە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قىتىم تەكىتلەپ قۇيۇش كېرەك. چۈنكى تۆۋەندىكى ئايەتلەردە، شېرىك گۇناھىنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، سەمىمى تۆۋبە قىلىپ، ھەقىقى رەۋىشتە رەببىگە يۆنەلسە مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِن رَّحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ.وَأَنِيبُوا إِلَى رَبِّكُمْ وَأَسْلِمُوا لَهُ مِن قَبْلِ أَن يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ ثُمَّ لَا تُنصَرُونَ﴾

«ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تۆۋەندىكى سۆزۈمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگىن: «ئى ئۆزلىرىگە يامانلىق قىلىشتا ھەددىدىن ئاشقان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پۈتۈن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ سىلەرگە ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن رەببىڭلارغا يۆنىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇڭلار. سىلەر ئازاب كەلگەندىن كېيىن ھېچ ياردەم كۆرمەيسىلەر»-(‏39-سۈرە زۇمەر، 53-54- ئايەت).

  تۆۋبە قىلىنمىغان تەقدىردە قەتئىي مەغپىرەت قىلىنمايدىغان شېرىك، شۇنداق مۇھىم مەسىلە بولغاچقا پەيغەمبەرلەرمۇ بۇ مەسىلىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھقا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَقَدْ أُوحِيَ إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكَ لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ﴾

«ئى مۇھەممەد! ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە: «ئەگەر شېرىك كەلتۈرسەڭ، ئەمىلىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىسەن» دەپ ۋەھىي قىلىندى»-(‏39-سۈرە زۇمەر، 65- ئايەت).

بۇ ئايەت، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن كېلىپ كەتكەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنى، ئۇلارنىڭ ئۈممەتلىرىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولغان بىزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىسقىسى، پۈتۈن ئىنسانلار ھەتتا ئاللاھنىڭ نەبىيلىرىمۇ شېرىككە چۈشۈپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندۇر. ئاللاھ تائالا ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئەلچىلىرىگە «ئەگەر شېرىك كەلتۈرسەڭ، ئەمىلىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ» دەپ خىتاب قىلىدۇ.

ئەنئام سۈرىسىنىڭ 83- ئايىتىدىن باشلاپ ئاللاھ تائالا؛ نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىيساغا ئوخشاش ئۇلۇل ئەزمى[1] (ئىرادىلىك) نەبىيلەر بىلەن بىرگە 18 دانە نەبىينىڭ ئىسمىنى ئوچۇق تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ، « بىز ئۇلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى، نەسىللىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ بەزىسىنىمۇ ئۈستۈن قىلدۇق…»[2] دېيىش ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە كەلگەن بارلىق نەبىيلەرنى يېپىق شەكىلدە تىلغا ئالغاندىن كېيىن 88-ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿ذَلِكَ هُدَى اللّهِ يَهْدِي بِهِ مَن يَشَاء مِنْ عِبَادِهِ وَلَوْ أَشْرَكُواْ لَحَبِطَ عَنْهُم مَّا كَانُواْ يَعْمَلُونَ﴾

«ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى»-(6-سۈرە ئەنئام، 88- ئايەت).

بۇ، ناھايىتى مۇھىم ۋە ھەقىقى بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. دېمەككى،  ھەرقانداق ئىنساننىڭ بۇ گۇناھقا چۈشۈش ئېھتىمالى بار. نەبىيلەرمۇ -ئەنئەنىۋى ئېتىقادنىڭ ئەكسىچە-ئاللاھ تەرىپىدىن ئالاھىدە قوغدالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بۇ گۇناھقا قارشى قوغدىغان ۋە بۇ سەۋەبتىن بىزگە ئۈلگە بولغان. شۇڭلاشقا ئاللاھ «ئۇلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى قوغدىغان بولسا دېمەككى، بىزمۇ بۇ گۇناھقا قارشى ئۆزىمىزنى قوغدىيالايمىز. بۇ ئايەتلەرنىڭ قۇرئاندا بولۇشىنىڭ ھەقىقى سەۋەبى بۇدۇر.

  تەۋھىدنىڭ ئەڭ مۇھىم قوغدىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئەسلەپ ئۆتەيلى:

ئەلچى بولۇپ ئەۋەتىلگەن قەۋمىگە ۋە ئاتىسىغا قارشى بايراق چىقىرىپ، ھېچ ۋازگەچمەستىن تەۋھىدنى قوغدىغان ۋە «يالغۇز بىر ئۈممەت»[3] بولۇش سۈپىتىگە ئىگە بولغان، بۇ كاتتا نەبىيگە كەئبىنى قۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا مۇنداق بۇيرۇق كەلگەن:

﴿وَإِذْ بَوَّأْنَا لِإِبْرَاهِيمَ مَكَانَ الْبَيْتِ أَن لَّا تُشْرِكْ بِي شَيْئًا وَطَهِّرْ بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْقَائِمِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ﴾

«بىز ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمىغىن، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ – سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇتقىن»-(‏22-سۈرە ھەج، 26- ئايەت).

ھاياتىنى تەۋھىد ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئاتىغان، بۇ يولدا ئوتقا ئېتىلىشقا تەۋەككۇل قىلغان، ئاتىسى ۋە ياشىغان توپراقلارنى تاشلاپ كەتكەن ئۇ كاتتا نەبىيگە كەئبىنى سېلىۋاتقان ۋاقىتتا « ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمىغىن…» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش كېلىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى تەۋھىد قۇرۇلمىسىدا ئىشلەنگەن ئەڭ كىچىك بىر قۇسۇر پۈتۈن ئەمەللەرنىڭ بىكار بولۇپ كېتشىگە سەۋەب بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىرىنچى بولۇپ شېرىك مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئىبادەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمىرلەر كېيىنچە كەلگەن.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن:

﴿…قُلْ إِنِّيَ أُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَسْلَمَ وَلاَ تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكَينَ﴾

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ ئاۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېگىن ۋە ئەسلا مۇشرىكلاردىن بولمىغىن!‏»-( 6-سۈرە ئەنئام، 14- ئايەت).

﴿وَأَنْ أَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا وَلاَ تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ﴾

«ۋە مۇنداق دېيىلدى: توغرا دىنىغا يۈزلەنگىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن»-( 10-سۈرە يۇنۇس، 105- ئايەت).

﴿وَلَا يَصُدُّنَّكَ عَنْ آيَاتِ اللَّهِ بَعْدَ إِذْ أُنزِلَتْ إِلَيْكَ وَادْعُ إِلَى رَبِّكَ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ﴾

«ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ساڭا نازىل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلار سېنى ئۇ ئايەتلەردىن توسمىسۇن، رەببىڭگە دەۋەت قىلغىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن»-(28-سۈرە قەسەس، 87- ئايەت). دېگەندەك ئايەتلەر بىلەن شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندۇر.

خۇلاسىلىسەك: تەۋبە قىلمىسا مەغپىرەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بىردىنبىر گۇناھ بولۇشى، قىلىنغان پۈتۈن ئەمەللەرنى يوققا چىقىرىشى، ئىنسانغا جەننەتنى ھارام قىلىپ جەھەننەمگە مەھكۇم قىلىشى، ئومۇمەن پۈتۈن نەبىيلەرنىڭ بۇ گۇناھقا قارشى ئاگاھلاندۇرۇلۇشى؛ تەۋھىدنىڭ بايراقتارى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئاخىرقى نەبىي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ بۇ گۇناھقا قارشى ئاگاھلاندۇرۇلۇشى شېرىك مەسىلىسىنى ئەتراپلىق بىلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەھۋال مۇشۇنداق جىددى بولسىمۇ «شېرىك بۇتلارغا چۇقۇنۇش ئىشىدۇر، مۇشرىك بولسا بۇتلارغا ئىبادەت قىلغان كىشى» دەپ، بۇ يۇشۇرۇن گۇناھنى ئۆزىمىزدىن تامامەن يىراق ئويلىدۇق.

جانابى ئاللاھ پۈتۈن نەبىيلەرنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ بىزلەر ئۆزىمىزنى شېرىكتىن يىراق بىلدۇق. ئىنسان بۇتلارغا چۇقۇنمىسىلا شېرىككە چۈشۈپ قالمايدۇ دەپ گۇمان قىلدۇق.

 ھالبۇكى، بۇتلارغا چوقۇنۇش شېرىكنىڭ كىچىك بىر پارچىسى پەقەت. ئىبلىس ھېچقانداق بىر بۇتقا ئىبادەت قىلمىغان بولسىمۇ مۇشرىك بولغان ئىدى. يەنى بۇتقا چوقۇنۇش ئىشى بولمىغان بولسىمۇ ئىنساننى مۇشرىك قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئىش بار.

ئۇنداقتا، ئىنساننى قانداق ئىشلار مۇشرىك قىلىدۇ؟

  ئەمدى بۇلارنى كۆرۈپ باقايلى:   

داۋامى بار…   

 [1] لوغەتتە، ئىرادە، سەۋر، مۇستەھكەم، قارارلىق دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان  بۇ سۆز، ئالغان ئېغىر ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتلەر ئالدىدا ھېچقانداق ۋايسىماستىن، دىننى ئىنسانلارغا يەتكۈزگەن، قاتتىق ئىرادە ۋە سەۋر بىلەن  قىيىنچىلىقلارغا كۆكرەك كەرگەن نەبىيلەر ئۈچۈن قوللىنىلدىغان ئاتالغۇدۇر. كۆپىنچە ئالىملارنىڭ قارىشىدا: ئەھزاب، 33/7 ۋە شۇرا، 42/13- ئايەتلەردە ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىيسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملار ئۇلۇل ئەزمى نەبىيلەردۇر. قاراڭ: مەھمەت بۇلۇت، «ئۇلۇل ئەزمى»، ئىسلامدا ئىنانچ ئىبادەت ۋە گۈنلۈك ياشايىش ئېنسىكلوپىدىيىسى، تەھرىر: ئىبراھىم كافى دۆنمەز، ئىفاۋ  (ئىلاھىيەت فاكۇلتىت ۋاقفى) نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 1997: 4: 398.   

[2]  قاراڭ: 6- سۈرە ئەنئام، 87- ئايەت.

[3]  «شۈبھىسىزكى، ئىبراھىم بىر ئۇممەت ئىدى، ئاللاھقا ئىتائەتمەن ئىدى، ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»- (16-سۈرە نەھل، 120- ئايەت).


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ