مۇسۇلمانلار

سەجدە سەھۋە قانداق سەجدە؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

جاۋاب: بۇ سوئالغا ھازىرغىچە جاۋاب بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ۋە سىزنىڭ تەپسىلىي جاۋاب تەلەپ قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن بىر قەدەر تەپسىلىي جاۋاب بېرىلىدۇ:

سەجدە سەھۋە دېگەن نېمە؟

سەجدە سەھۋە نامازنىڭ نورمال سەجدىسىگە ئوخشاشتۇر؛ يەنى سەجدە سەھۋە ئىككى سەجدىدۇر، بۇ سەجدىنى قىلغان كىشى «ئاللاھ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ، سەجدىدە «سۇبھانە رەببىيەلئەئلا» نى ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ، ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرىدۇ ۋە تۈز ئولتۇرۇپ بىر قېتىم «سۇبھانەللاھ» دېگەن مىقدارى ئولتۇرۇپ ئارام ئالغاندىن كېيىن يەنە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ، سەجدىدە «سۇبھانە رەببىيەلئەئلا» نى ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ، ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرىدۇ.

سەھۋە سەجدىسىنىڭ شەكلى:

سەجدە سەھۋە قىلماقچى بولغان كىشى نامازنىڭ ئاخىرىدىكى ئاخىرقى ئولتۇرۇشتا «ئەتتەھىيياتۇ» نى ئوقۇغاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپكە سالام بېرىدۇر، ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ ۋە «سۇبھانە رەببىيەلئەئلا» نى ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ. ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىدىن باش كۆتۈرىدۇ. ئاندىن بىر تەسبىھ مىقدارى ئولتۇرغاندىن كېيىن قايتا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككىنچى سەجدىگە بارىدۇ ۋە «سۇبھانە رەببىيەلئەئلا» نى ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ. ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىدىن باش كۆتۈرىدۇ. ئاندىن «ئەتتەھىيياتۇ…»، «ئاللاھۇممە ساللىئەلائاللاھۇممە بارىكئەلا…» ۋە «رەببەنا…» لارنى ئوقۇپ ئوڭدىن باشلاپ ھەر ئىككى تەرەپكە سالام بېرىدۇ.

بۇ سەجدىنى قىلىشقا سەۋەبچى بولىدىغان ئەھۋاللار:

1 – نامازنىڭ قانداقلا بىر ئەركانىنى تەكرارلاش بىلەن سەجدە سەھۋە قىلىش لازىم بولىدۇ. مەسىلەن: بىر رەكئەتتە ئىككى قېتىم رۇكۇ ياكى ئۈچ قېتىم سەجدە قىلىش سەجدە سەھۋىگە سەۋەبچى بولىدۇ.

2 – بىر نامازنىڭ بىر ئەركانىنى ئىلگىرى قىلىش ياكى كېچىكتۈرۈش سەجدە سەھۋىگە سەۋەبچى بولىدۇ. مەسىلەن: نامازغا باشلاپ، «سۇبھانەكەللاھۇممە…» نى ئوقۇپ، قىرائەت قىلمايلا رۇكۇغا كېتىپ، ئاندىن قىرائەت قىلمىغانلىقىنى ئەسلەپ قىيامغا (ئۆرە تۇرۇشقا) قايتىپ قىرائەتنى ئادا قىلغان كىشى سەجدە سەھۋە قىلىدۇ.

3 – نامازنىڭ ۋاجىپلىرىدىن بىرنى سەۋەنلىكتىن تەرك ئېتىش سەجدە سەھۋىگە سەۋەبچى بولىدۇ. مەسىلەن: قەئدە ئۇلا (تۆت ياكى ئۈچ رەكئەتلىك نامازدا ئاۋۋالقى ئىككى رەكئەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنكى بىرىنچى ئولتۇرۇش) نى ياكى بۇ ئولتۇرۇشتىكى «ئەتتەھىيياتۇ…» نى ئۇنتۇپ قېلىپ ئوقۇمىغان كىشى سەجدە سەھۋە قىلىدۇ.

4 – پېشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن نامازلىرىغا ئوخشاش تۆت رەكئەتلىك نامازدا ئاخىرقى ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرۇشتا ئېسىدە يوق سالام بەرمەيلا بەشىنچى رەكئەتكە تۇرغان ياكى نامازشام ۋە ۋىتىرگە ئوخشاش ئۈچ رەكئەتلىك نامازدا ئاخىرقى ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرۇشتا ئېسىدە يوق تۆتىنچى رەكئەتكە تۇرغان ۋە ياكى بامدات ۋە جۈمە نامازلىرىغا ئوخشاش ئىككى رەكئەتلىك نامازدا ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرۇشتا ئېسىدە يوق ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغان كىشى، ئېسىگە كەلسسە ياكى جامائەتتىن بىرى ئاگاھلاندۇرسا، دەرھال ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرۇپ نامىزىنى تاماملايدۇ ۋە سەجدە سەھۋە قىلىدۇ

5 – سەۋەنلىكتىن رۇكۇدىكى ياكى سەجدىدىكى تەسبىھلەرنى ئوقۇمىغان كىشىمۇ سەجدە سەھۋە قىلىدۇ

ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

1 – «بىرىڭلار نامىزىدا شەكلىنىپ قالسا، توغرىسىنى ئەسلەشكە تىرىشسۇن ۋە نامىزىنى، كۆڭلىدە كۈچلۈك بولغان تەرەپكە ئاساسەن تاماملىسۇن. ئاندىن سالام بەرسۇن، ئاندىن ئىككى سەجدە قىلسۇن» – (بۇخارى، سالات 31؛ مۇسلىم، مەساجىد 88، 89؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 190، 191، 193؛ نەسەئى، سەھۋ 24، 25؛ ئىبنى ماجە، ئىقامە 132، 133؛ مۇۋاتتا، نىدا 61، 63؛ مۇسنەد ئەھمەد، 1، 190، 193، 204-206).

2 – «بىرىڭلار نامىزىنى ئۈچ رەكئەت قىلدىمۇ ياكى تۆت رەكئەتمۇ بىلەلمەي، شەكلىنىپ قالسا، شەكنى تاشلىۋەتسۇن ۋە ئېنىق بىلگىنىگە ئاساسەن نامىزىنى تاماملىسۇن. ئاندىن سالام بېرىشتىن بۇرۇن ئىككى سەجدە قىلسۇن. ئۇ كىشى ئەگەر نامىزىنى بەش رەكئەت ئوقۇغان بولسا، بۇ ئىككى سەجدە ئۇ كىشىگە نامىزىنى جۈپ قىلىپ بېرىدۇ؛ تولۇق ئوقۇغان بولسا، بۇ ئىككى سەجدە شەيتاننىڭ ئۇ كىشىدىن يىراقلىشىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ» – (بۇخارى، سەھۋ 6، 7؛ مۇسلىم، سالات 19، 20؛ مۇسنەد ئەھمەد 3، 12، 37، 42).

نەسىھەت

بۇ ئىككى ھەدىسنىڭ بىرىدە سەجدە سەھۋىنىڭ سالامدىن كېيىن، بىرىدە سالامدىن ئىلگىرى قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىلىپ كەلگەن سەجدە سەھۋىمىزنىڭ شەكلى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ بىرىگە ۋە بۇ مەنادىكى ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىدۇ. سالامدىن كېيىن سەجدە سەھۋىسى قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ سەجدە سەھۋىسىنىڭ شەكلى بولسا، يەنە بىر ھەدىسكە ۋە ئۇ مەنىدىكى ھەدىسلەرگە ئاساسسلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ توغرىدا بىرىمىز يەنە بىرىمىزنى ئەيىبلىسەك بولمايدۇ. ئەكسى تەقدىردە بۇ قەدەر كىچىك بىر مەسىلىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىمىزنى ئېلان قىلغان بولىمىز، خالاس.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر