مۇسۇلمانلار
64-ھايالىق بولۇش 1

64-ھايالىق بولۇش

ھايا ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى، ھايالىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدا

681. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز قېرىندىشىغا ھايالىق بولغاندا يېتىدىغان زىيان ئۈستىدە توختىلىۋاتقان ئەنسارىيلاردىن بولغان بىر ئادەمنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «ئۇنى ئۆز ھالىغا قويغىن، ھايالىق بولۇش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھايانىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىمانى كامىللىق ئىكەنلىكى، چۈنكى ھايالىق كىشى گۇناھلاردىن قول ئۈزىدۇ، شۇنداقلا ھايا ئۇ كىشىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

2) ھايا-ئىنسانى خاراكتېر ۋە تۇغما تەبىئەت بولۇپ ئۇ شەرىئەت ئەدەپلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئېشىپ بارىدۇ.

  1. ئىمران ئىبن ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھايا بەندە ئۈچۈن ھەممە ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمان جەمئىي يەتمىش نەچچە ياكى ئاتمىش نەچچە شاخچىدىن تەركىب تاپقان، ئىماننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى بولسا ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر»، دېيىشتۇر. ئىماننىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى بولسا، يول ئۈستىدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشتۇر. ھايا ئىماننىڭ بىر بۆلىكىدۇر». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: «ھايالىق بولۇش پۈتۈنلەي ياخشىلىقتىن ئىبارەت»، دېيىلىدۇ.

  1. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۈزى ئېچىلمىغان قىزدىنمۇ بەكرەك ھايالىق ئىدى. ئەگەر رەسۇلۇللاھ بىرەر ئىشنى ياقتۇرمىسا بىز ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن بىلىۋالاتتۇق.

ئۆلىمالار: ھايانىڭ ماھىيىتى قەبىھ، ناچار ئىشلارنى تەرك ئېتىشكە سەۋەب بولىدىغان، ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتا سۇسلۇق قىلىشتىن توسىدىغان پەزىلەتتۇر، دەپ قارايدۇ.       — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ھايانى ئۆزلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش.

2) ھايا ئاياللارغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئالاھىدە سۈپەت،

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايالىق ئىكەنلىكى، ھايانىڭ بۈيۈك ئەخلاق ئىكەنلىكى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر