مۇسۇلمانلار
63- تەمەخورلارغا ئەمەل بەرمەسلىك 1

63- تەمەخورلارغا ئەمەل بەرمەسلىك

 ھۆكۈمران بولۇشنى، قازى بولۇشنى ۋەياخشى ئەمەللەرگە قويۇشنى تەلەپ قىلغان ياكى ئۇنىڭغا قىزىقىدىغانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتكەنلەرنى ئەمەلگە قويماسلىق توغرىسىدا

680. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن تاغامنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كىردۇق، ئۇلارنىڭ بىرى: «ئى رەسۇلۇللاھ، ئاللاھ ساڭا بەرگەن يۇرتلارنىڭ بەزىسىگە بىزنى ئەمەلدار قىلىپ قويغىن»، دېدى. يەنە بىرىمۇ شۇنداق دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، بىز بۇ ئەمەلنى ئۇنى سورىغان ياكى ئۇنىڭغا قىزىققان ئادەمگە بەرمەيمىز»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مەنسەپ تەمە قىلغان مەنسەپكە ئامراق كىشىلەرنى مەنسەپكە قويۇشقا بولمايدىغانلىقى، چۈنكى بۇنداق كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى ئەمەس ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلايدىغان بولۇپ، بۇنداق قىلىش ئۇممەتكە زىيانلىق ئىكەنلىكى.

2) ھۆكۈمدارلارنىڭ لاياقەتسىز كىشىلەرنى مەنسەپكە قويماسلىقى كېرەكلىكى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر