مۇسۇلمانلار

ئىستىسقا نامىزى ۋە دۇئاسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم
قۇرغاقچىلىق بولغاندا «زارا خەتمە» ئۆتكۈزۈش (بەزى رايونلاردا جامائەت يىغىلىپ، قوي ئۆلتۈرۈپ، نەزىر قىلىپ، ئاللاھدىن يامغۇر تىلەش ئىشى)، ئىسلام دىنىمىزغا مۇخالىپ ئىشمۇ؟ ھۆرمەت بىلەن: نەفىسە
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! مەن سىزگە ئىشنىڭ توغرىسىنى دەپ بېرەي، قالغىنىنى ئۆزىڭىز چۈشىنىۋېلىڭ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرغاقچىلىق بولغاندا «ئىستىسقا نامىزى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ناماز ئوقۇپ، «ئىستىسقا دۇئاسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر دۇئا قىلغان. بۇ ناماز ۋە بۇ دۇئا تۆۋەندە بايان قىلىنىدۇ:
«ئىستىسقا» نىڭ مەنىسى:
ئىستىسقا قۇرغاقچىلىق بولغاندا ناماز ئوقۇش، دۇئا قىلىش ۋە ئىستىغپار ئېيتىش ئارقىلىق ئاللاھ تەئالادىن سۇ تىلەش، دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن «ئىستىسقا دۇئاسى» نىڭ مەنىسى، ئاللاھدىن سۇ تىلەپ ئوقۇلىدىغان دۇئا، «ئىستىسقا نامىزى» نىڭ مەنىسى، ئاللاھدىن سۇ تىلەپ ئوقۇلىدىغان ناماز، دېگەن بولىدۇ.
ئىستىسقا نامىزىنىڭ ۋاقتى:
ئىستىسقا نامىزى ھېيت نامازلىرى ئوقۇلىدىغان ۋاقىتتا يەنى كۈن نەيزە بۇيى ئۆرلىگەندىن باشلاپ، كۈن چۈش بولغۇچە بولغان ئارلىقتا ئوقۇلىدۇ. بۇ ئەۋزەل ۋاقتىدۇر. ئىستىسقا نامىزىنى، ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولمىغان باشقا ۋاقىتلاردا  ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نامازنى ئەۋزەل ۋاقتىدا ئوقۇغان، لېكىن باشقا ۋاقىتلاردا ئوقۇشتىن توسمىغان.
ئىمامنىڭ ئىستىسقا نامىزى ئوقۇشتىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى بۇ نامازنىڭ ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، ئىنسانلارنى ئۇ ۋاقىتقىچە گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىش، زىممىلىرىدىكى «قۇل ھەقلىرى» نى ئادا قىلىش، پېقىر ـ مىسكىن… لەرگە سەدىقە قىلىش ۋە بىر ـ بىرىگە بولغان ئاداۋەتلەرنى يۇيۇۋېتىش… قاتارلىقلارغا دەۋەت قىلىشى ياخشىدۇر.
ئىستىسقا نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى:
ئىمام ۋە جامائەتلەر نامازگاھقا توپلانغاندىن كېيىن ئىمام ئالدىغا ئۆتۈپ، سۇ تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ (كۆڭلىگە پۈكۈپ تۇرۇپ) «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا باشلايدۇ .ئاندىن جامائەتمۇ ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ (ئەگىشىپ) بۇ نامازنى ئوقۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تۇرۇپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا باشلايدۇ.
ئىمام بىرىنچى رەكئەتتە فاتىھە ۋە ئەئلا سۈرىلىرىنى (87 ـ سۈرە)، ئىككىنچى رەكئەتتە فاتىھە ۋە غاشىيە سۈرىلىرىنى (88 ـ سۈرە) ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ. فاتىھەدىن كېيىن باشقا سۈرە ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ، لېكىن يۇقىرىدىكى سۈرىلەرنى ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. ئەگەر ئىمام خالىسا بۇ نامازنىڭ ئىچىدە ئىككى ھېيت نامازلىرىدىكىگە ئوخشاش تەكبىرلەر ئوقۇيدۇ.  جامائەت ئىمامنىڭ قىرائىتىنى تىڭشايدۇ. نامازنىڭ قالغان يەرلىرىدىكى زىكىر ۋە دۇئالارنى باشقا نامازلاردىكىگە ئوخشاش ئىچىدە ئوقۇيدۇ
ئىمام نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن خۇتبە ئوقويدۇ. خۇتبىدە كۆپ ئىستىغپار ئېيتىدۇ ۋە دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن قىبلىگە قاراپ چاپىنىنى تەتۈر (ئەستىرىنى تېشىغا، تېگىنى ئىچىگە) قىلىپ كىيىدۇ، جامائەتمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئاندىن ئىمام قوللىرىنى دۇئاغا ئىگىز كۆتۈرۈپ ئۈنلۈك دۇئا قىلىدۇ، جامەئەتمۇ قوللىرىنى دۇئاغا ئىگىز كۆتۈرۈپ ئىمامنىڭ دۇئاسىغا ئامىن دەيدۇ. ئىستىسقا نامىزى ۋە ئىستىسقا دۇئاسى مانا مۇشۇ شەكىلدە ئوقۇلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوقۇغان بىر قىسىم ئىستىسقا دۇئالىرى:
«ئى ئاللاھ !بىزگە جان قۇتقازغۇچى، مەمۇرچىلىق ئېلىپ كەلگۈچى، پايدىلىق بولغۇچى مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ئاتا قىلغىن، بىزنى ئۈمىدسىزلەردىن قىلمىغىن. ئى ئاللاھ! دەردىمىزنى ساڭىلا ئېيتىمىز. ئى ئاللاھ !بىزدىن بۇ قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتكىن. ئى ئاللاھ! بىز ساڭا تەۋبە قىلدۇق، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن. ئى ئاللاھ! بەندىلىرىڭنى ۋە ھايۋانلىرىڭنى سۇغارغىن. ئى ئاللاھ! رەھمىتىڭنى يايغىن، ئۆلۈك شەھىرىڭنى تىرىلدۈرگىن».
قېرىندىشىم! ھەدىس كىتابلىرىنىڭ «كىتابۇسسالات» بۆلۈمىنىڭ، «سالاتىلئىستىسقا» بابىدىكى ھەدىسلەر، قۇرغاقچىلىق بولغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلەر بىلەن يۇقىرىدىكى شەكىلدە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، دۇئا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر