باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا ھۆكۈمرانلارغا ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، گۇناھ بولىدىغان ئىشلاردا ئىتائەت قىلىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ أَطِيعُواْ اللّهَ وَأَطِيعُواْ الرَّسُولَ وَأُوْلِي الأَمْرِ مِنكُمْ …﴾

«ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار»- (4-سۈرە نىسا 59- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىرەر گۇناھ ئىشقا بۇيرۇمىسىلا مەيلى ياقتۇرسۇن، مەيلى ياقتۇرمىسۇن ئۆز ھۆكۈمرانىغا ئىتائەت قىلىشى زۆرۈر. ئەگەر گۇناھقا بۇيرۇسا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز ھەر قانداق چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشقا بەيئەت قىلساق ئۇ بىزگە: «قولۇڭلاردىن كېلىشىچە بەيئەت قىلىڭلار»، دەيتتى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىش ئىگىلىرىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئاۋامنىڭ كۈچى يېتىدىغان ئىشلاردا بولىدىغانلىقى.

2) ئىش ئىگىلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش يۈزىسىدىن ئاۋامغا مېھرى-شەپقەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.

  1. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان. «كىمكى ئۆز خەلىفىسىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالاغا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا پاكىتسىز ھالدا مۇلاقات بولىدۇ. كىمكى ئىتائەت قىلىشتىكى بەيئەتنى بۇزغانلىقىغا ھېچ ئۆزرىسى بولمىغان ھالدا ئۆلسە، جاھىلىيەت زامانىسىدىكىلەرگە ئوخشاش گۇمراھلىق بىلەن ئۆلگەن بولىدۇ».        — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: «كىمكى جامائەتتىن ئايرىلغان ھالدا ئۆلسە، ئۇ جاھىلىيەت زامانىسىدىكىلەرگە ئوخشاش گۇمراھلىق بىلەن ئۆلگەن بولىدۇ»، دىيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئادىل يولباشچىغا قول بېرىش-بەيئەت قىلىشنىڭ ۋە مۇسۇلمانلار جامائىتىنى لازىم تۇتۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى، گۇناھ ئىشلارغا بۇيرۇمىسىلا ئاسىيلىق قىلىشقا ۋە ئىتائەتتىن سەۋەبسىز باش تارتىشقا بولمايدىغانلىقى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «گەرچە سىلەرگە بېشى ئۈزۈمدەك كىچىك، پاخمىباش قارا قۇل ھۆكۈمران بولسىمۇ ئىتائەت قىلىڭلار». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىش ئىگىلىرى گۇناھ-مەئسىيەتكە بۇيرۇمىسىلا ئۇلارنىڭ رەڭگى ۋە ئېرقىغا قارىماستىن ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى.

2) ھەدىستىكى «قارا قۇل»، دېگەننى تىلغا ئېلىش بولسا ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر. قۇل كىشىنىڭ ھۆكۈمران بولۇشى جائىز ئەمەس، چۈنكى ھۆكۈمران بولۇشتا كىشىنىڭ ئازاد بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشلۇق ھالەتلىرىڭدە بولسۇن ياكى ياقتۇرمىغان ھالەتلىرىڭدە بولسۇن، ۋە مەيلى ھۆكۈمراننىڭ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ نەپسانىيەتچىلىك قىلغان ھالەتلىرىدە بولسۇن ئىتائەت قىلىشىڭ لازىم». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا مەيلى بەزى ھەقلىرىدىن ئايرىلىپ قالسۇن ۋە ياكى قىيىنچىلىققا دۇچار بولسۇن كوللېكتىپ مەنپەئىتىنى شەخسىي مەنپەئەتنىڭ ئۈستىگە قويۇش يۈزىسىدىن ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى.

  1. ئابدۇللاھر ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەندىن كېيىن ئىنساپسىزلىقلار ۋە سىلەر ئىنكار قىلىدىغان ئىشلار پەيدا بولىدۇ»، ئۇلار: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، بىزدىن شۇ زامانغا توغرا كېلىپ قالغانلارنى قانداق قىلسۇن دەيسەن؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ زىممەڭلەرگە يۈكلەنگەن ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ھەقنى ئادا قىلىڭلار، ئۆزەڭلارغا تېگىشلىك ھەققىڭلارغا ئېرىشىشنى ئاللاھتىن تىلەڭلار»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلسا ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلسا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ، كىمكى ھۆكۈمدارغا ئىتائەت قىلسا ماڭا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى ھۆكۈمدارغا ئاسىيلىق قىلسا ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بولغان بولىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  3. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشلىقىنىڭ بىرەر ئىشىنى ياقتۇرمىسا سەۋر قىلسۇن، كىمكى سۇلتانغا ئىتائەت قىلىشتىن بىر غېرىچ چەتنەيدىكەن، ئۇ جاھىلىيەت دەۋرىدىكىلەرگە ئوخشاش ئۆلگەن بولىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھۆكۈمدارلارنىڭ قىڭغىرلىق تەرەپلىرىگە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ ۋە ھەقىقەتنى ئۇچۇق-ئاشكارا سۆزلەش بىلەن بىرگە سەۋر قىلىش.

  1. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىمكى ھۆكۈمدارنى مەنسىتمىسە، ئاللاھ تائالا ئۇنى مەڭسىتمەيدۇ».— تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھۆكۈمدارلار ئۆلىمالارنى كامالى ئىھتىرام بىلەن ھۆرمەتلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ