باش بەت > شېئىرىيەت گۈلزارى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

سۈننەت

ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ تەتبىقىدۇر بۇ سۈننەت،

ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ تەھقىقىدۇر بۇ سۈننەت،

ۋەھىي پەرىشتىسىنىڭ تەستىقىدۇر بۇ سۈننەت،

ئىسلام دىنى يولىنىڭ تەرتىبىدۇر بۇ سۈننەت،

ئىككى دۇنيا بەختىنىڭ تەمىنىدۇر بۇ سۈننەت.

 

يىگىرمۈچ يىلدا قۇرئان تەدرىجىي نازىل بولغان،

ھەر ئايەت چۈشكەن ھامان رەسۇلۇللاھ ئوقۇغان،

مۇئمىنلارغا باش بولغان بىرلىكتە ئىجرا قىلغان،

ئەمەلدە ئۆرنەك بولغان ھەممىسى بىلگەن ئايان،

ھېچ مۈجمەللىك قالمىغان شۇ تەبلىغدۇر بۇ سۈننەت.

 

يۈز مىڭلارچە مۇسۇلمان ئەرەپاتقا توپلانغان،

رەسۇلغا ھەمراھ بولغان ھەجنى بىرلىكتە قىلغان،

مۇبارەك ئەزىز قۇرئان شۇ يەردە تاماملانغان،

رەسۇلۇللاھ خوشلاشقان يەتكۈزدۈممۇ؟ دەپ سورىغان،

يەتكۈزدۈڭ دەپ ئېيتىشقان تەۋەررۈكتۇر بۇ سۈننەت.

 

ناماز روزا تازىلىق ھەج ۋە ئۆمرە قۇربانلىق، 

زاكات ياردەم سېخيلىق سىيلە – رەھىم ھەمكارلىق،

ۋاپادارلىق راستچىللىق ھەققانىيلىق ئادىللىق،

مېھرىبانلىق كەمتەرلىك سەمىمىيلىك ياخشىلىق،

ھەقىقەتكە گۇاۋاھلىق تەشەھھۇدتۇر بۇ سۈننەت.

 

ئېتىقادتا توغرىلىق ئىبادەتتە تەقۋالىق،

ئىلىمدە يۇقىرىلىق سانائەتتە ئۇستىلىق،

تېخنىكىدا ئىلغارلىق كەشپىياتتا ماھىرلىق،

ئىش – ھەرىكەتتە ئۈلگىلىك پىداكارلىق ئاكتىپلىق،

پاك نىيەتلىك خالىسلىق تەسەددۇقتۇر بۇ سۈننەت.

 

ھارامدىن ھەزەر قىلىش خاتانى خەتەر بىلىش،

ياماندىن يىراقلىشىش ياخشىغا يېقىنلىشىش،

زالىمغا قارشى چىقىش مەزلۇمغا مەدەت بېرىش،

يېتىمگە قۇچاق ئېچىش ئاجىزغا قانات يېپىش،

موھتاجغا ياردەم قىلىش تەسەللىيدۇر بۇ سۈننەت.

 

ھايۋانلارنى ئاسرىماق مۇھىتنى پاكىز تۇتماق،

زېمىننى ئاۋات قىلماق مەدەنىيەت ياراتماق،

ئاسايىشنى ساقلىماق ئادالەتنى ياقلىماق

ھەق ئۈستىدە ئۇيۇشماق ئىلىم – ئېرپان تارقاتماق،

جاھالەتنى قوغلىماق تەپەككۇردۇر بۇ سۈننەت.

 

يېتىشتۈرمەك ئۆزىنى كېلىشتۈرمەك ئۆزگىنى،

يېمەك ئۇممەت غېمىنى بىلمەك دەردى دەردىنى،

تۈرمەك غەيرەت يېڭىنى تۈزمەك بىرلىك سېپىنى،

ئەتمەك پىدا بار – يوقنى بەرمەك پۈتۈن زېھنىنى،

تىكمەك ھۆرلۈك تۇغىنى تەشەببۇستۇر بۇ سۈننەت.

 

ياخشىلىقنى باشلىتىش سەپ ئالدىدا تۈز مېڭىش،

پىداكارلىق كۆرسىتىش قولدىن كەلگەننى قىلىش،

ئىرادىنى كۈچەيتىش ھەقنى ھەر جايغا يېيىش،

مەنىۋى كۆچەت تېكىش مەۋجۇتلارنى سۇغىرىش،

ئاللاھقىلا تايىنىش تەۋەككۇلدۇر بۇ سۈننەت.

 

ئەۋلادتىن – ئەۋلاد ئالغان جېنىدىن ئۈستۈن تۇتقان،

ھەر دائىم ئىجرا قىلغان ئاڭلىمىغان قالمىغان،

ئۆتكەنسېرى كۈن زامان تابىئلىرى ئاۋۇغان،

ھەر جايدا ئەھلى ئىمان ئەمەل قىلىپ ساقلىغان،

تارقىتىشقا تىرىشقان تىرىلىشتۇر بۇ سۈننەت.

 

ئىنكارچىلار ۋەھشىيچە ھۇجۇم قىلسىمۇ شۇنچە،

تاڭلا قىيامەتكىچە قۇرئاندىكى ئەسلىچە،

سۆز بېرىلگەن بويىچە ساقلىنار ئۆز پېتىچە،

مۇئمىن جېنى بارىچە ئەمەل قىلار ئۆلگۈچە،

تىرىكلىكنىڭ ئىنسانچە تەقدىرىدۇر بۇ سۈننەت.

 

‏2020‏-05‏-18 


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ