مۇسۇلمانلار
60-ئادىل ھۆكۈمران 1

60-ئادىل ھۆكۈمران

 ئادىل ھۆكۈمران

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿… وَأَقْسِطُوا إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ﴾

«ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ»-(سۈرە ھۇجۇرات 9- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ سايىسىدىن باشقا ھېچقانداق سايە يوق قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا يەتتە تۈرلۈك ئادەمنى ئۆز ئەرشى ئاستىدا سايىدىتىدۇ:

 1) ئادىل پادىشاھ.

 2) پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادىتىدە ئۆسكەن ياش.

 3) ئەس-يادى ھەمىشە مەسجىدتە بولغان ئادەم.

 4) ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دوست بولۇشقان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئايرىلىشقان ئادەملەر.

 5) ئېسىل ۋە چىرايلىق بىر ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، ‹ئاللاھ تائالادىن قورقىمەن›، دەپ ئۇنى رەت قىلغان كىشى.

 6) ئوڭ قولى بىلەن نېمىنى بەرگەنلىكىنى سول قولى بىلمەي قالغۇدەك دەرىجىدە مەخپىي سەدىقە بەرگەن كىشى.

 7) خالىي جايدا ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ ياش تۆككەن كىشى».           — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئادىل ھۆكۈمرانلار ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا نۇردىن بولغان مۇنبەردە ئولتۇرىدۇ. ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۆز ھۆكۈملىرى، ئۆز ئەھلى ۋە ئۆزى ئىگە بولغان نەرسىلىرىدە ھەققانىي بولغان كىشىلەردۇر». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئادىللىقنىڭ پەزىلىتى ۋە ئادىللىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) ئادىل كىشىلەرنىڭ قىيامەتتىكى مەرتىۋىسىنى بايان قىلىش.

  1. ئەۋف ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:

 «سىلەرنىڭ ياخشى ھۆكۈمرانلىرىڭلار سىلەرمۇ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇلارغا دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان، ئۇلارمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان، سىلەرگە .دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر. سىلەرنىڭ يامان ھۆكۈمرانلىرىڭلار سىلەر ئۇلارنى يامان كۆرىدىغان، لەنەت ئوقۇيدىغان، ئۇلارمۇ سىلەرنى يامان كۆرىدىغان، سىلەرگە لەنەت ئوقۇيدىغان كىشىلەردۇر». ئەۋف مۇنداق دېدى: «ئى رەسۇلۇللاھ! بىز ئۇلارغا قارشى چىقمايمىزمۇ؟» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇلار ئاراڭلاردا ناماز ئوقۇسىلا قارشى چىقماڭلار، ئۇلار ئاراڭلاردا ناماز ئوقۇسىلا قارشى چىقماڭلار»، دەپ تەكرارلىدى.       — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پۇقرالار ئارىسىدا ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىش ئىگىلىرى ئەمەلدارلارنى ئاۋامغا ئادىل مۇئامىلىدە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) ئاۋامنى توغرا ئىشلاردا ئىش ئىگىلىرىگە ئىتائەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

3) ئەمەلدارلار بىلەن ئاۋام ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا بىر-بىرىگە سەمىمىي بولۇش ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، ئىتتىپاقلىققا سەۋەبچى بولىدىغانلىقى ۋە تىنچ، ئامانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى.

4) نامازنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلامنىڭ بەلگىسى ۋە مۇھىم ئەركانلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى.

  1. ئىياز ئىبن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت ئەھلى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇلار: 1) ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن تەۋپىق ئاتا قىلىنغان ئادىل پادىشاھ. 2) ئۆز يېقىنلىرىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا كۆيۈمچان، مۇلايىم بولغان كىشى. 3) بالا-چاقىلىق، ئۆزى موھتاج تۇرۇپمۇ كىشىلەردىن نەرسە تىلىمەيدىغان كىشىدۇر». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر ئەمەلدارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئۇنى پۇقرالارغا ئادىللىق قىلىش ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىدىغانلىقى.

2) كىشىلەرگە سىلىق-سىپايىلىق بىلەن مۇئامىلىدە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.

3) تىلەمچىلىكتىن ئۆزىنى ساقلاش ۋە ھۈنەر-كەسىپ ئارقىلىق رىزىق تېپىش كېرەكلىكى.

4) كىشىنىڭ مۇشۇ يۇقىرىقى ياخشى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىشىنىڭ ئۇنىڭ ئەھلى جەننەتلەردىن بولۇشىنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر