مۇسۇلمانلار
59-ئەمەلدارلارغا ياردەمچى بولۇش 1

59-ئەمەلدارلارغا ياردەمچى بولۇش

 سۇلتاننى ياخشى ۋەزىر تەيىنلەشكە، قازى ۋە باشقا ئىش ئۈستىدىكىلەرنى ياخشى ياردەمچى تەيىنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنى يامان دوست تۇتۇشتىن ۋە يامان كىشىلەرنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇندا دەيدۇ:

﴿الْأَخِلَّاء يَوْمَئِذٍ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ إِلَّا الْمُتَّقِينَ﴾

«بۇ كۈندە دوستلار بىر-بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلار ئۇنداق ئەمەستۇر»- (43- سۈرە زوخرۇف 67- ئايەت).

  1. ئەبۇ سەئد ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتسە ۋە بىرەر خەلىفىنى قويسا، ئۇنىڭ ئىككى خىل سىردىشى بولىدۇ. بىرى، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، ۋە شۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ، يەنە بىرى يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ ۋە يامان ئىشلارغا قىزىقتۇرىدۇ، يامان سىردىشىنىڭ تەسىرىدىن قالغان ئادەم ئاللاھ تائالا ساقلىغان ئادەمدۇر». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) تەقۋادارلىق، ئىشەنچ ۋە ياخشىلىق بىلەن تونۇلغان بىر بۆلۈك كىشىلەرنى تاللاپ ئۆز يېنىغا تارتىپ ئۇلاردىن مەسلىھەت ئېلىشنىڭ ھۆكۈمدارلارغا زۆرۈر ئىكەنلىكى، لېكىن بۇزۇقچىلىق ۋە ئەسكىلىك بىلەن تونۇلغان كىشىلەردىن يىراق بولۇش، ھەزەر ئەيلەش كېرەكلىكى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىڭ ئېزىپ كېتىشتىن ساقلايدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمرانلارنىڭ يامانلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىشتىن ئۆزىنى ساقلاش ئۈچۈن شەرىئەتنى مەھكەم تۇتۇپ ئىشلىرىنى شەرىئەت ھۆكمىگە تەتبىقلىشى كېرەكلىكى.   

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بىرەر ھۆكۈمدارغا ياخشىلىق قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا بىرەر ياخشى ۋەزىرنى نېسىپ قىلىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمدار بىرەر ئىشنى ئۇنتۇپ قالسا ۋەزىرى ئۇنىڭ ئېسىگە سالىدۇ، ئەگەر ھۆكۈمدارنىڭ ئېسىدە بولسا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالا ھۆكۈمدارغا يامانلىقنى خالىسا ئۇنىڭغا يامان ۋەزىرنى نېسىپ قىلىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمدار ئۇنتۇپ قالسا ئۇ ئېسىگە سالمايدۇ، ئېسىدە بولسا ياردەم بەرمەيدۇ».

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھۆكۈمدارنىڭ ئەتراپىدا ھۆكۈمدارنى ياخشىلىققا يېتەكلەپ ياردەم بېرىدىغان بىر تۈركۈم سالىھ كىشىلەرنىڭ بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈمدارنى ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن رازى بولغانلىقىنىڭ دەلىلى بولۇپ بۇنداق قىلغاندا ئادىللىقنى بەرپا قىلىشقا ياردىمى بولىدىغانلىقى.

2) ھۆكۈمدارلارنى يامان سىرداشلارنى تۇتۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇش، چۈنكى بۇنداق قىلىش بۇزۇقچىلىق ۋە ھەددىدىن ئېشىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدىغانلىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر