مۇسۇلمانلار

زۇھا نامىزى قانداق ناماز؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! سوئاللىرىڭىزنىڭ زۇھا نامىزى توغرۇلۇق بولغىنىدىن باشقىسىغا جاۋاب بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى تور بېتىمىزدە بار. جاۋاب:

زۇھا نامىزى دەپ ناماز بار. زۇھانىڭ مەنىسى، چاشگاھ ۋاقتى دېگەن بولىدۇ. زۇھا نامىزى بولسا چاشگاھ نامىزى دېگەن بولىدۇ. ئۇ ناماز بۇ جاۋابتا زۇھا نامىزى ئەمەس، چاشگاھ نامىزى دەپ ئاتىلىدۇ. تۆۋەندە بۇ ناماز ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىدۇ:

1 – چاشگاھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى:

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر سەھەردە سىلەرنىڭ ھەر بىر ئۈگەڭلەر ئۈچۈن بىر سەدىقە بېرىش لازىم بولىدۇ. ‹سۇبھانەللاھ›، دېيىش بىر سەدىقىدۇر. ‹ئەلھەمدۇ لىللاھِ›، دېيىش بىر سەدىقىدۇر. ‹لائىلەھە ئىللەللاھ›، دېيىش بىر سەدىقىدۇر. ‹ئەللاھۇ ئەكبەر›، دېيىش بىر سەدىقىدۇر. ياخشىلىققا رىغبەتلەندۈرۈش بىر سەدىقىدۇر. يامانلىقتىن توسۇش بىر سەدىقىدۇر. چاشگاھ ۋاقتىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش بولسا، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىگە كۇپايە قىلىدۇ» – (بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇۇد ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

2 – چاشگاھ نامىزىنىڭ ھۆكمى:

چاشگاھ نامىزى مۇستەھەب بىر ئىبادەت بولۇپ، خالىغان كىشى ئوقۇسا ساۋابقا ئېرىشىدۇ، خالىمىغان كىشى ئوقۇمىسا گۇناھكار بولمايدۇ. ئۇ نامازنى تەرك ئەتكەنلەرنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. چۈكى ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چاشگا نامىزىنى، تاكى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نامازنى تەرك ئەتمەيدۇ دېگۈچە ئوقۇيتتى؛ بىز تاكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نامازنى ئوقۇمايدۇ دېگۈچە تەرك ئېتەتتى. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

3 – چاشگاھ نامىزىنىڭ ۋاقتى:

كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن تارتىپ تاكى كۈن تىكلەنگەنگە قەدەر چاشگاھ نامىزى ئوقۇشقا بولىدۇ. كۈن كۆتـۈرۈلـۈپ قاتـتىق قىزىغاندا چاشگاھ نامىزى ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى:

زەيد ئىبن ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ بىر جامائەنىڭ چاشگاھ نامىزى ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن: «بۇ جامائەگە نامازنىڭ بۇ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتتا ئوقۇلسا ئەۋزەل بولىدىغانلىقى شەكسىز مەلۇمدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ‹تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ نامىزى يەنى چاشگاھ نامىزى بوتىلاقلار ئىسسىقتىن پۇتلىرىنى يەرگە قويالمىغان چاغدىكى نامازدۇر›» – (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

بۇ ھەدىستىن چاشگاھ نامىزىنى كۈن كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ كۈن قايرىلغۇچە ئوقۇشقا بولىدىغانلىقى، لېكىن كۈن كۆتۈرۈلۈپ ئالەم قىزىشقا باشلىغاندا ئوقۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشتىكى ھېكمەت چاشگاھ نامىزى ئوقۇلغان ۋاقىتنىڭ ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن كۈن چىقىش ۋاقتىدىن يىراق بولۇشى ئۈچۈندۇر.

4 – چاشگاھ نامىزىنىڭ رەكئەت سانى:

چاشگاھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا زىكىر قىلىنغان ھەدىسقا ئاساسەن بۇ نامازنىڭ ئېزى ئىككى رەكئەتتۇر. يۇقىرىسىنىڭ چېكى يوقتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نامازنى بەزىدە تۆت رەكئەت، بەزىدە سەككىز رەكئەت، بەزىدە بولسا خالىغان مىقداردا ئوقۇياتتى. تۆۋەندىكى ئىككى ھەدىس بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام چاشگاھ نامىزىنى تۆت رەكئەت ئوقۇيتتى، خالىسا زىيادە قىلاتتى. – (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئۇممۇ ھانىي رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەككە فەتىھ بولغان يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ بارسام ئۇ غۇسلى قىلىۋاتقانىكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غۇسلى قىلىپ بولغاندىن كېيىن سەككىز رەكئەت ناماز ئوقۇدى. بۇ چاشگاھ نامىزى ئىدى. – (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

5 – چاشگاھ نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى:

چاشگاھ نامىزى ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ يەنى ھەر ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىلىدۇ، ھەر رەكئىتىدە فاتىھە سۈرىسى ۋە باشقا بىر سۈرە ياكى بىرقانچە ئايەت ئوقۇلىدۇ، باشقا زىكىر ۋە تەسبىھلىرى ئادەتتىكى نامازلارغا ئوخشاشتۇر.

ئۇممۇ ھانىي رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چاشگاھ نامىزىنى ھەر ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېىرپ سەككىز رەكئەت ئوقۇدى. – (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر