باش بەت > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

د- بەدىر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ۋەقەلەر

مۇسۇلمانلار بەدىر ئۇرۇشىدا ھەم دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بەرمەسلىك ھەم ئۇلارنى تامامەن مەغلۇپ قىلماي تۇرۇپ ئەسىر ئېلىشتىن ئىبارەت ئىشلىگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن تەۋبە قىلىشلىرى كېرەك ئىدى. تەۋبە-قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىش، ئۇ گۇناھنى تاشلاپ قايتا قىلماسلىقنى قارار قىلىش، ھەمدە خاتالىقىنى ئىمكانقەدەر تۈزىتىش دېمەكتۇر.[1] ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِذَا جَاءكَ الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِآيَاتِنَا فَقُلْ سَلاَمٌ عَلَيْكُمْ كَتَبَ رَبُّكُمْ عَلَى نَفْسِهِ الرَّحْمَةَ أَنَّهُ مَن عَمِلَ مِنكُمْ سُوءًا بِجَهَالَةٍ ثُمَّ تَابَ مِن بَعْدِهِ وَأَصْلَحَ فَأَنَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ﴾

« ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا ئېيتقىنكى: «سالام سىلەرگە! رەببىڭلار رەھىم قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ يازدى. سىلەردىن كىم بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە ئۆزىنى تۈزەتسە، بىلسۇنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»-(6-سۈرە ئەنئام، 54- ئايەت).

﴿ثُمَّ إِنَّ رَبَّكَ لِلَّذِينَ عَمِلُواْ السُّوءَ بِجَهَالَةٍ ثُمَّ تَابُواْ مِن بَعْدِ ذَلِكَ وَأَصْلَحُواْ إِنَّ رَبَّكَ مِن بَعْدِهَا لَغَفُورٌ رَّحِيمٌ﴾

«بۇلاردىن كېيىن شۇنى بىلگىنكى، رەببىڭ يامان ئىشنى بىلمەستىن قىلغان، لېكىن بۇنىڭ كەينىدىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغانلارنىڭ ياردەمچىسىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن كېيىن رەببىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»-(16-سۈرە نەھل، 119- ئايەت).

بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن بەدىر ئۇرۇشىغا قاتناشقان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەتتا نەبىيمىزنىڭمۇ قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، ئۇ گۇناھلارنى قايتا قىلماسلىقى ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە مەككىنى فەتىھ قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، تەۋبىلىرىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك ئىدى.

  • ئۇھۇد جېڭى

مۇسۇلمانلارنىڭ بەدرى ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى بايان قىلغان ئايەتلەرنىڭ مەككىلىكلەرگە يەتمىگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. مۇشرىكلار بەدىردىن كېيىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنە كېلىشىمىگە قارشى چىققان يەھۇدىي قەبىلىسى بەنى قەينۇقانى سۈرگۈن قىلغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، يەھۇدىي رەھبەرلىرىدىن بىر بولغان كەئب ئىبن ئەشرەف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بىر يىلدىن كېيىن (625-يىل 23 مارت/شەۋۋالنىڭ 7-كۈنى) ئۇلار 3000 كىشىلىك قوشۇن بىلەن مەدىنەگە بېسىپ كەلدى. پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنى شەھەردىن 5 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئۇھۇدتا كۈتىۋالدى.[2] مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلارنى مەغلۇب قىلدى. لېكىن كېيىن جاسارەتلىرى سۇندى،  ئۆزئارا توقۇنۇشۇپ قالدى ۋە يەنە دۈشمەننى تەقىب قىلمىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى غەنىمەتنىڭ ئارقىسىدىن كەتتى. بەدىردە چۈشكەن ئايەتلەردىن بۇ ئىشلارنىڭ ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈدىغانلىقىنى بىلگەن مۇشرىكلار قايتىپ كېلىپ مۇسۇلمانلارغا قاتتىق زەربە بەردى. بۇنى مۇنۇ ئايەتتىن ئۆگىنەلەيمىز:

﴿وَلَقَدْ صَدَقَكُمُ اللّهُ وَعْدَهُ إِذْ تَحُسُّونَهُم بِإِذْنِهِ حَتَّى إِذَا فَشِلْتُمْ وَتَنَازَعْتُمْ فِي الأَمْرِ وَعَصَيْتُم مِّن بَعْدِ مَا أَرَاكُم مَّا تُحِبُّونَ مِنكُم مَّن يُرِيدُ الدُّنْيَا وَمِنكُم مَّن يُرِيدُ الآخِرَةَ ثُمَّ صَرَفَكُمْ عَنْهُمْ لِيَبْتَلِيَكُمْ وَلَقَدْ عَفَا عَنكُمْ وَاللّهُ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ﴾

 «ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇردى، سىلەر ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن دۈشمىنىڭلارنى قىرىپ تاشلايتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ سىلەر ئارزۇ قىلغان نەرسىنى سىلەرگە كۆرسەتكەندىن كېيىن بوشاڭلىق قىلدىڭلار، بېرىلگەن ئەمر توغرىسىدا تالاش – تارتىش قىلىشتىڭلار ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلدىڭلار. ئىچىڭلاردىن بەزىلەر دۇنيانى ئىرادە قىلاتتى، بەزىلەر ئاخىرەتنى ئىرادە قىلاتتى. ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۇئمىنلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر»-(‏3-سۈرە ئال ئىمران، 152- ئايەت).

بۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار نەبىيمىزنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، ئوھۇد تېغىغا قاچتى. لېكىن ئۇ ئورنىدىن قىمىلدىمىدى ۋە مۇسۇلمانلارنى بۇيرۇققا بويسۇنۇشقا چاقىردى. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن ئۆگىنەلەيمىز:

إِذْ تُصْعِدُونَ وَلاَ تَلْوُونَ عَلَى أحَدٍ وَالرَّسُولُ يَدْعُوكُمْ فِي أُخْرَاكُمْ فَأَثَابَكُمْ غُمَّاً بِغَمٍّ لِّكَيْلاَ تَحْزَنُواْ عَلَى مَا فَاتَكُمْ وَلاَ مَا أَصَابَكُمْ وَاللّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ

«سىلەر ھېچكىمگە بۇرۇلۇپ قارىماستىن يۇقىرى تەرەپكە قاچاتتىڭلار، رەسۇلۇللاھ ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىراتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ غەم ئۈستىگە غەم بېرىپ سىلەرنى جازالىدى. ئاللاھ بۇنى قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە ۋە بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر»-(‏3-سۈرە ئال ئىمران، 153- ئايەت).

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سۈپىتى بىلەن چاقىرىشى، ئۇلارغا ئايەتلەرنى ئوقۇشى دېمەكتۇر. چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ئايەتلەرنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر (5- سۈرە مائىدە، 99-ئايەت). ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ دۈشمەننىڭ ئالدىدا يالغۇز قالسىمۇ قاچمىدى ۋە تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇپ مۇسۇلمانلارنىمۇ ئەمىرگە بويسۇنۇشقا چاقىردى:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إِذَا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُواْ زَحْفاً فَلاَ تُوَلُّوهُمُ الأَدْبَارَ. وَمَن يُوَلِّهِمْ يَوْمَئِذٍ دُبُرَهُ إِلاَّ مُتَحَرِّفاً لِّقِتَالٍ أَوْ مُتَحَيِّزاً إِلَى فِئَةٍ فَقَدْ بَاء بِغَضَبٍ مِّنَ اللّهِ وَمَأْوَاهُ جَهَنَّمُ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ﴾

«ئى مۇئمىنلار! كافىرلار قوشۇنى بىلەن توقۇنۇشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار. كىم ئۇ كۈندە ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلسا – ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ئاساسەن يەر ئالماشتۇرغۇچى ياكى باشقا بىر قىسىمغا قوشۇلغۇچى بۇنىڭدىن مۇستەسنا -، ئۇ ئەلۋەتتە ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپكە ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئورنى جەھەننەمدۇر. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!‏»-(8-سۈرە ئەنفال، 15-16- ئايەت).

مۇسۇلمانلار بۇ ئايەتلەرنى ئاڭلاپ دەرھال قايتىپ كەلدى. چۈنكى بەدىردە مەككىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى بۇ ئايەتلەرگە قۇلاق سالمىغانلىقتىن بولغان ئىدى. يەنە شۇنداق قىلغان بولغان بولسا، بۇ قىتىم ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولاتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن قۇرەيشلەر ساراسىمىگە چۈشۈپ قاچتى. بۇيرۇققا بويسۇنغانلار خاتىرجەم بولۇپ قالدى. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن ئۆگىنەلەيمىز:

﴿ثُمَّ أَنزَلَ عَلَيْكُم مِّن بَعْدِ الْغَمِّ أَمَنَةً نُّعَاسًا يَغْشَى طَآئِفَةً مِّنكُمْ وَطَآئِفَةٌ قَدْ أَهَمَّتْهُمْ أَنفُسُهُمْ يَظُنُّونَ بِاللّهِ غَيْرَ الْحَقِّ ظَنَّ الْجَاهِلِيَّةِ يَقُولُونَ هَل لَّنَا مِنَ الأَمْرِ مِن شَيْءٍ قُلْ إِنَّ الأَمْرَ كُلَّهُ لِلَّهِ يُخْفُونَ فِي أَنفُسِهِم مَّا لاَ يُبْدُونَ لَكَ يَقُولُونَ لَوْ كَانَ لَنَا مِنَ الأَمْرِ شَيْءٌ مَّا قُتِلْنَا هَاهُنَا قُل لَّوْ كُنتُمْ فِي بُيُوتِكُمْ لَبَرَزَ الَّذِينَ كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقَتْلُ إِلَى مَضَاجِعِهِمْ وَلِيَبْتَلِيَ اللّهُ مَا فِي صُدُورِكُمْ وَلِيُمَحَّصَ مَا فِي قُلُوبِكُمْ وَاللّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ﴾

 «ئۇ غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە شۇنداق بىر خاتىرجەملىك تۇيغۇسى چۈشۈرۈپ بەردىكى، ئىچىڭلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى مۈگدەك باستى. بىر قىسىم كىشىلەر بولسا جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى، ئاللاھ توغرىسىدا جاھىلىيەت دەۋرىدىكى گۇمانلىرىغا ئوخشاش ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى ۋە: «بۇ ئىشتىن بىزگە بىرەر نېسىۋە بارمۇ؟» دېيىشتى. ئېيتقىنكى: «پۈتۈن ئىش ئاللاھقا ئائىتتۇر». ئۇلار ساڭا ئوچۇق دېمىگەن نەرسىلىرىنى ئىچىدە ساقلايدۇ ۋە ئۆزئارا: «ئەگەر بۇ ئىشتىن بىزگە بىرەر نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمىگەن بولاتتۇق» دېيىشىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان بولساڭلارمۇ ئۆلتۈرۈلۈشى يېزىلغان كىشىلەر چوقۇم ئۆلىدىغان يەرلىرىگە چىقاتتى. ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكىنى پاكلاش ئۈچۈن بۇلارنى بېشىڭلارغا كەلتۈردى. ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر»-(‏3-سۈرە ئال ئىمران، 154- ئايەت).

بۇ ئايەتتىكى «ئەگەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان بولساڭلارمۇ ئۆلتۈرۈلۈشى يېزىلغان كىشىلەر چوقۇم ئۆلىدىغان يەرلىرىگە چىقاتتى» دېگەن ئىپادە، ھەقىقى قەدەرنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئەجەل، بالىياتقۇدا تۆرەلگەندىن كېيىن رەسمى باشلىنىدۇ (6-سۈرە ئەنئام، 2-ئايەت). ئەجەل كەلگەندە قىلچىلىك ئىلگىرى-كىيىن بولمايدۇ (16-سۈرە نەھل، 61-ئايەت).

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىپ، كېچىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزگەن مۇسۇلمانلار ئارام ئالغاندىن كېيىن دۈشمەننىڭ ئىزىغا چۈشتى ۋە مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇردى.

بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن كۆرىۋالالايمىز:

«ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۇرۇشتا يارىدار بولغاندىن كېيىنمۇ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلدى. مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدىن مانا مۇشۇنداق ياخشى ئىش قىلغان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ مۇكاپات بار. ئۇلار يەنە شۇنداق كىشىلەركى، ئىنسانلار ئۇلارغا: «دۈشمەنلىرىڭلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېسە، بۇ سۆزدىن ئىمانلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئۇ نېمىدېگەن ياخشى ۋەكىل!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھېچقانداق زىيان – زەخمەتكە ئۇچرىماستىن، ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلى بىلەن قايتىپ كەلدى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن بولدى. ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۇ خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن كىشى شەيتاندۇر. ئۇ سىلەرنى ئۆز ۋەلىيلىرىدىن قورقۇتۇشقا تىرىشىدۇ. لېكىن سىلەر مۇئمىن بولساڭلار ئۇلاردىن قورقماي مەندىن قورقۇڭلار»-(3-سۈرە ئال ئىمران، 172-175-ئايەتلەر)‏.

ئۇھۇد ئۇرۇشى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىلىچ زەربىسى بىلەن يۈزىنىڭ يارىلانغانلىقى، دۇبۇلغىسىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنگەنلىكى، ھالقىلارنىڭ يۈزىگە پىتىپ كەتكەنلىكى، ئاستىنقى كالپۇكىنىڭ تاش بىلەن يېرىلغانلىقى، بىر چىشىنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكى، پېشانىسىنىڭمۇ يارىلانغانلىقى ۋە بىر ئورەككە چۈشۈپ كېتىپ تىزىنىڭ يارىلانغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەر بار. بۇنىڭدى باشقا ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئەلى بىلەن بىرلىكتە بىر گۇرۇپپا ساھابىنىڭ ئۇنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىدا چەمبەر شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئايەتلەردە بايان قىلىنغان ھەقىقەتلەر يوشۇرۇنغان. بۇلارنىڭ توغرا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى قۇرئان پەيغەمبىرىمىزنىڭ دۈشمەن ئالدىدا يالغۇز قالغانلىقىنى ۋە ئورنىدىن قىمىلداپمۇ قويماي، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپىسىنى داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

[1] مۇفرەدات، «تەۋبە» ماددىسى.

[2] مۇھەممەد ھەمىدۇللاھ – جاسىم ئاۋجى، ئۇھۇد غازىتى، دىيانەت ئىسلام ئانسىكلوپىدىيەسى (ئىستانبۇل: دىيانەت ۋقفى نەشرىياتى، 2012)، 42: 54-57.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ